تارىخ ۋە ئەسلىمە

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىرلىكتە نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى

by Arman - May 01, 2022 0 Comment

ئوتتۇرا  ئاسىيا ئۈچ دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىملىرى بىرلىكتە نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىدى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 1-ماي




30-ئاپرېل كۈنى  قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، خەلقىمىزگە كەڭ تونۇلغان تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇننىڭ  13 توملۇق « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ئەسىرى ۋە 30 يىللىق ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي تارىخى، مىللىي روھىيىتىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىشكە زور تۆھپە قوشقانلىقىنى تەقدىرلىدى. 

ئوتتۇزغا يېقىن ئالىم، مۇتەخەسسىس، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئۆز نۆۋىتى بىلەن نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەسىرى ۋە ئىلمىي ھاياتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە، جۈملىدىن 13 توملۇق ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە نەشردىن چىقىپ بولغان  1944-1949-يىلىدىكى  «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي  تارىخى» غا ئائىت 5 تومى ۋە يېقىندا ئالمۇتادىكى «مىر» نەشرىياتىدىن كىرىلچە چىقىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تارقىتىلىشقا باشلىغان ئەسەرنىڭ 7-تومى، يەنى  «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 1-قىسىملىرىنى تەبرىكلىدى.

يىغىننى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى، ئۆزبېكىستان  جۇمھۇرىيىتى تاشكەنت ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «مىر نەشرىياتى»  بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭدەك قازاقىستان ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالىملار كېڭىشى يېقىندىن ماسلىشىپ تەشكىللىگەن. يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە قازاقىستان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، قازاقىستان خەلقلىرى كېڭىشى ئەزاسى ۋە  قازاقىستان  ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ تەبرىك سۆزى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، قازاقىستان خەلقلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى  رەئىسى ئەبەيدۇللا جاپپاروف، قازاقىستان خەلقلىرى كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، قازاقىستان  يىگىت باشلىرى كېڭىشى رەئىسى ئابدۇخېلىل دولقۇنتاي، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى ئالىملار كېڭىشى رەئىسى، پروفېسسور دوكتور مەسىمجان ۋېلەموف، قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى رەئىسى ئەسقەر قاسىمى، تاشكەنت شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى  رەئىسى ئالىمجان زايىتوف، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى مۇئاۋىن  رەئىسى شۇنىڭدەك يەنە قازاقىستان « مىر نەشرىياتى» باشلىقى ئەلىشىر خەلىلوف قاتارلىقلار مەخسۇس نەبىجان تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ  بىباھا ئەسىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئۇنىڭغا سالامەتلىك ۋە تېخىمۇ زور نەتىجە تىلىدى.



يۇقىرى ئۈچ تەشكىلات رەئىسلىرى، جۇمھۇرىيەتلەردە تونۇلغان جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى  بىرمۇبىر سۆز قىلىپ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئىشلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەندىن كېيىن رىياسەتچى، قىرغىزىستان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرى، دوتسېنت ئەكبەرجان  باۋۇدونوف   نۆۋەتتىكى سۆزنى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۆزىگە بەردى.  نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش نۇتقىنى سۆزلىگەندىن كېيىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيەدىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان  ئالىملار، زىيالىيلار ئۆز نۆۋىتى بويىچە ن. تۇرسۇننىڭ ئەسىرى، ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردى ۋە  تەبرىك سۆزلىرىنى ئېيتىشتى.


 ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرى، شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسىرىنىڭ 4 تومىنى  بىرمۇبىر ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق ئوقۇپ چىققانلىقىنى، ن. تۇرسۇننىڭ  م. بۇغرا، ت. ئالماستىن كېيىن ۋە ئۇلاردىن تامامەن پەرقلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان نەچچە مىڭ يىللىق  تارىخىنى ھەر بىر تومى 70-800 بەتلەردىن قىلىپ  سىستېمىلىق ۋە ئەڭ تولۇق يورۇتۇپ بەرگەنلىكى، ئۆزى ئوقۇغان توم«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى» قىسىملىرىنىڭ 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تۇنجى قېتىم ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ تولۇق ۋە تەپسىلىي يورۇتقانلىقىنى،  ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھىيىتىنى تىكلەشكە زور ھەسسە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق رەئىسى، ھازىر ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى، تارىخشۇناس، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان  پروفېسسور ئابدۇلەخەت خوجايېف ئەپەندى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، نەبىجان تۇرسۇن ئەمەلىيەتتە « بىر دۆلەت،  بىر ئىنستىتۇت قىلىدىغان ئىشنى ئۆزى تەنھا قىلدى. بۇ غايەت زور بىر جاسارەت،  نەبىجان تۇرسۇن تىكلىگەن ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى كەلگۈسىدە، ھەتتا نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك، چۈنكى ئۇ ئۆز  مىللىتىنىڭ تارىخىنى مۇنداق كۆپ توم قىلىپ ساپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىك تىلىدا، ئاكادېمىيەلىك مېتودتا يېزىپ چىقتى. ئەسەرنى ئىمكان قەدەر ئىنگلىز تىلىدا دۇنياغا چىقىرىش كېرەك، بۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر» دەپ تەكىتلىدى.


يىغىندا سۆز قىلغان   تونۇلغان جامائەت ئەربابى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ئوغلى ئازتېكىن ئىبراھىمى ئەپەندى  ن. تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ قازاقىستاندا چىقىرىلىپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا تېز تارقىلىۋاتقانلىقى، 7-توم «جۇمھۇرىيەت قىسمى» نىڭ چىقىش بىلەن تەڭلا ناھايىتى تېز تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە «ئۇيغۇر تارىخى» نىڭ ھەرقانداق ئۆزىنى مەن ئۇيغۇر دەيدىغان ئادەملەرنىڭ كىتاب جاۋىنىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى شەرق تارىخى بۆلۈمى باشلىقى،  تونۇلغان تۈركولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دوكتور ئالېكساندىر ۋاسىليېف  نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى، رۇسچە، ئىنگلىزچە چىققان ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ھاياتىغا باھا بېرىپ، ئۇنىڭ رۇسىيە شەرقشۇناسلىرى ئارىسىدىمۇ تەسىرى  بارلىقى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدىلا ئۇنى تونۇغانلىقىنى ئەسلەپ« مەن كۆرگەن ۋە تونۇغان  بىرىنچى ئۇيغۇر ۋە مېنىڭ  شەرقشۇناس، تۈركولوگ بولۇشۇمغا  دادام مەرھۇم ۋاسىليېف بىلەن بىرلىكتە تەسىر كۆرسەتكەن بىرىنچى كىشى» دەپ باھا بەردى.


 يىغىندا  يەنە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن  پروفېسسور دوكتور ئابدۇللاجان بارايېف، ئىززەبۇۋى خانىم،   تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت،  ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسور دوكتورى  ئەركىن ئەمەت،  ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور مۇختەرجان ئابدۇراخمان، ئامېرىكا  جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەكلىپلىك پروفېسسورى  دوكتور پەرھات بىلگىن، قازاقىستان ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن   پروفېسسور ئابدۇللاجان سامساقوف، قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ،ئاكادېمىك شاھىمەردان شەرىپوف، ئالمۇتا ئاباي نامىدىكى مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى رۇسلان  ئۇيغۇر ئارزىيېف،  سۇلېيمېنوف شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېتەكچى تەتقىقاتچىسى دوكتور رەخمەتجان يۈسۈپوف، قىرغىزىستان ئالىملىرىدىن رەھىمجان ھاپىزوف ۋە باشقا مۇتەخەسىسلەر دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىغا، جۈملىدىن  «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» يۇقىرى باھا بەردى. پروفېسسور ئابلەت كامالوف ن. تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ھاياتىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى دەسلەپكى ئەڭ چوڭ تەتقىقات لايىھەسى، جوھن خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فرېد ستار باشچىلىقىدىكى «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» غا قاتنىشىپ نوپۇزلۇق كىتابنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى، غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئىنگلىز تىلىدىكى دەرسلىك «ئۇيغۇر ئوقۇشلۇقى» نى نەشر قىلدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئۇيغۇرشۇناسلىرى  ئارىسىدىمۇ تەسىرگە  ئىگە ئىكەنلىكى،
ئۇيغۇر تارىخى مەنبەلىرى ھەققىدىكى موسكۋادا رۇسچە نەشر قىلىنغان ئىككى كىتابىنىڭمۇ ئىلمىي قىممىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخىنىڭ 4 توملۇق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى قىسمىلىرى دۇنيادىكى ئالىملار ئىچىدە 1944-1949-يىلىدىكى ش ت ج ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتى  بويىچە ئەڭ سىستېمىلىق، كۆپ مەنبەلىك ۋە ئەڭ تەپسىلىي ۋە زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى  مۇئەييەنلەشتۈردى.


 يىغىندا سۆز قىلغۇچى ئالىملار  خىتاي «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقسىمى»، «ئۇيغۇرلار ھېچقاچان تارىخىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرمىغان»، «ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاۋاتقان ھەتتا يوقىتىۋاتقان ۋاقىتتا نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇ  كۆپ  توملۇق، چوڭ ھەجىملىك «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ  بۇلارنى رەت قىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ۋە مىللىي روھىنىڭ تىكلىنىشىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.  يىغىندا سۆز قىلغان تەشكىلات رەھبەرلىرى، جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەر بىردەك ھالدا مۇنداق زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەرنىڭ بىر ئادەم تەرىپىدىن، يەنى دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن  ئىلمىي، پاكىتلىق، ئاكادېمىيەلىك ئۆلچەم بىلەن يېزىپ چىقىلىشى ھەم نەشر قىلىنىشى تەسۋىرلىگۈسىز جاپالىق ۋە قىيىن ئەمگەك ئىكەنلىكى، بۇنىڭداق ئەسەرنىڭ  چوڭ بىر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ، نەچچە  ئونلىغان ئادەمنىڭ  كۆپ يىللىق خىزمىتى ئىكەنلىكىنى، ن. تۇرسۇننىڭ بۇ خىزمىتىنىڭ مۆجىزە خاراكتېرلىق ئىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى شۇنىڭدەك  ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


مەلۇم بولۇشىچە   13 تومنىڭ 7-تومى، يەنى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت 1-قىسمى ئالمۇتادىكى «مىر نەشرىياتى» تەرىپىدىن سلاۋىيانچە( كىرىلچە) يېزىقتا ئۇيغۇر تىلىدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن  نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، ئەسەرنىڭ قالغان توملىرىمۇ ئىشلەنمەكتە، 7-توم چىقىرىلىش بىلەن تەڭ  قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ناھايىتى تېزلىكتە تارقىلىپ، ھەممە تالىشىپ ئوقۇيدىغان كىتابقا ئايلانغان.
ئەسەرنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۈركچە، رۇسچە تەرجىمىسى تەرجىمە قىلىنىۋاتماقتا. ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈنمۇ تەييارلىق قىلىنماقتا.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر