ئۇيغۇر مەدەنىيتى

ئۇيغۇرلۇقتىكى قورغان


ئۇيغۇرلۇقتىكى قورغان

ئايدىڭ

مەنبە: ئۇيغۇريار فەيسبۇك سەھىپىسى

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلۇقتا بىز تىرەجەپ تۇرالايدىغان ئاخىرقى قورغان ئائىلە بولۇپ قالدى. بۇ ھەقىقەتنى تونۇغان تەربىيەلىك ئائىلىلەر قانچە كۆپەيسە، كۈچەيسە، بىرلىشىپ قانچە زورايسا ئۇيغۇرلۇقىمىز شۇنچە قۇۋۋەتلىنىدۇ. فامىلە دېگىنىمىز بىر ئۆي، ئائىلە ياكى بىر جەمەتكە تەۋە ئائىلىلەرنىڭ ئورتاق نامىدۇر. شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئورتاق نام ھەققىدە ئىزدىنىشى، بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ بىرلىشىپ بىر فامىلە قوللىنىشى، ياكى بىرقانچە ئائىلىگە تەۋە قېرىنداشلارنىڭ بىر ئورتاق فامىلىدە بىرلىك ھاسىل قىلىشى ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جانلاندۇرىدۇ. بۇ مەنىدە فامىلە قوللىنىش مەسىلىسى ئۇيغۇرلۇقنى قوغداشتىكى ئاكتىپ قەدەم ھېسابلىنىدۇ. «ئۇيغۇردا ئويى يوقنىڭ ئۆيى يوق» دەيدىغان بىر تەۋەررۈك سۆز بار. بۈگۈن ئۆز ئائىلىسىنىڭ، قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ بىرلىكى، ئىستىقبالى، نام شەرىپى ھەققىدە ئويلانغان كىشىلەرلا ئەتىكى كۈچلۈك بىر ئائىلە، جەمەت ۋە بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى بولالايدۇ.

فامىلە قوللىنىش ئۇيغۇرلاردا دەسلەپ رۇسلارنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. چارپادىشاھ ئىشغالىيىتىدىكى ئورتا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ فامىلە ئومۇملاشقان. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە فامىلە قوللىنىش زىيالىيلار ئىچىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رۇسچە قېلىپ بويىچە ئەرلەرگە «...ئوۋ»، ئاياللارغا «...ئوۋا» قوشۇلىدىغان فامىلىلەرنى قوللانغان. مەسىلەن، باھاۋىددىن مۇسابايۇۋ، زىخرۇللام نادىروف، مەلىكەم زىياۋۇدونۇۋا دېگەندەك. يەنە بەزىلەر تۈركچە قېلىپ بويىچە فامىلە قوللانغان، مەسىلەن، ياقۇپ بۇغرا، ئارسلان ئالپتېكىن، قوربان قوداي، مەسئۇت بايقوزى قاتارلىق. 1949-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا تۈركچە قېلىپتا فامىلە قوللىنىش تۈگەپ رۇسچىغا يۈزلەنگەن بولسىمۇ رەسمىيلەشمىگەن.

90- يىللاردىن كېيىن فامىلە قىزغىنلىقى قايتا مەيدانغا چىقتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بۇ ھەقتە تەتقىقات بولدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمىلەر قىلىندى، ئەمما نەتىجىسى بولمىدى. زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن جەمئىيەتتە فامىلە ھەققىدە تونۇش ھاسىل بولۇپ، چۈشەنچە چوڭقۇرلاشقان بولسىمۇ مىللەت يەنىلا فامىلىسىز قالدى. فامىلىلىك خەنزۇلار غوللۇق ئورۇندىكى جۇڭگودا فامىلىسىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردا كۆپ قىينالدى. تۈرلۈك جەدۋەل، كېنىشكە ۋە ھۆججەتلەرگە فامىلە يېزىلىدىغان بولغاچقا فامىلىسىز ئۇيغۇرلار دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە دەپ يېزىشقا مەجبۇر بولدى. فامىلىسىزلىك چاتىقى پاسپورت ئېلىش ئاساسەن كەڭرىچىلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن تېخىمۇ گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدە ئۆز ئىسمى ئالدىدا ئاتا ئىسمى كەينىدە كېلىدۇ. ئەمما خەنزۇلارنىڭ قائىدىسىدە فامىلە ئالدىدا ئىسىم كەينىدە كېلىدىغان بولغاچقا كىملىكنى بېكىتكۈچى، تەكشۈرگۈچى ۋە تارقاتقۇچى ئورگانلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچە ئىسىمغا خەنزۇچە مۇئامىلە قىلىدۇ. پاسپورتتا ئىسىم بىلەن فامىلە ئېنىق ئايرىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇيغۇرلارغا خەنزۇلارنىڭ فامىلىسى ئالدىدا ئىسمى كەينىدە كېلىدىغان قائىدىسى بويىچە پاسپورت چىقىرىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى فامىلە، ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىسمى بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىز ئوغۇل بولۇپ قېلىش، بىر ئائىلىدىكى پەرزەنتلەرنىڭ ئىسمى ئوخشاش فامىلىسى پەرقلىنىشتەك چاتاقلار پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ماھىرە ياقۇپ دېگەن قىز ياقۇپ ماھىرە بولۇپ پاسپورتتا قىز ئوغۇلغا ئايلىنىپ كەتكەن. يەنە مىسال، گۈلناز تۇرغۇن، ئايناز تۇرغۇن دېگەن ئاچا سىڭىلنىڭ ئىسمى بىرلا تۇرغۇن فامىلىسى ئايناز ۋە گۈلناز بولۇپ بىر ئائىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمى بىر فامىلىسى ئىككى بولۇپ قالغان. ئەگەر فامىلە قوللىنىلغان بولسا بۇ چاتاقلارنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولاتتى.

ئىككى مىڭىنچى يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا كۆچمەن بولۇپ توزۇپ كېتىدىغانلارنىڭ سانى تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى تومۇز پاجىئەسى ۋە 2013-يىللاردىن باشلانغان جىددىيلىك بىلەن كۈچەيگەن كۆچمەنلىك دولقۇنىدا بىر تۈركۈم كىشىلەر مالايسىيە، ئورتا ئاسىيا ۋە تۈركىيەلەرگە كۆچتى، يەنە بىر قىسىملار يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە سىغىندى. بۇلارنىڭ بەزىسى ئاللىقاچان تۇرۇۋاتقان ئەلنىڭ پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى شۇ نەتىجىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇ ئەللەردە فامىلە ئاللىقاچان ئومۇملاشقان بولغاچقا پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنۇش ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار فامىلە مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا دۇچ كېلىۋاتقان قانداق فامىلە قوللىنىش مەسىلىسىگە تۈركچىدىن مۇۋاپىق ئۆرنەكلەرنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. ھەتتا تۈركچە فامىلىلەرنى بىۋاسىتە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى تۈركچە فامىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچىگە ئورتاق سۆزلەر بولۇپ ئاسان ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. تۈركلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلەلەرنىڭ بىرى «پالان ئوغلى» شەكلىدە كېلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ دادىسىنىڭ يا شۇنداق بىر قەدىردان كىشىسىنىڭ ئىسمىغا «ئوغلى» سۆزىنى قوشۇپ فامىلە قىلسا بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلارغا ماس كەلمىسە ئوغلى سۆزىنى قوشمىسا بولىدۇ. ئەمما تۈركىيەدە «پالان ئوغلى» دېگەن فامىلىدىكى خانىملارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ.

تۈركچىدە يەنە بىر كۆپ ئۇچرايدىغان فامىلە قوللىنىش شەكلى بولسا تۈرك تارىخىدىكى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى يۇرت، مىللەت، قەبىلە، ئۇرۇق نامىلىرى ۋە مەشھۇر تاغ، دەريا، كۆل، دېڭىز، ئېقىنلارنىڭ ناملىرىنى قوللىنىشتۇر. ئۇندىن باشقا تارىخى قەبىلە، يەر، سۇ ناملىرىدىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ كۆپ. مەسىلەن تارىخى يەر، سۇ ئاتلىرىدىن ئۆتۈكەن، ئىنساي، قورغار،قوردان، ئۇدۇن، قاشبالىق، ئۆزكەنت، ئورخۇن، ئىدىل، سېلىنغا، تارىم قاتارلىق. تارىخى قەبىلە ناملىرىدىن ئۇنئۇيغۇر، قارلۇق، باسمىل، ئىزگىل، چىگىل، ياغما، ئوغۇز، ئاۋار، توقۇزساق، قايا، ساقلاپ، قاڭقىل، قىپچاق، ئاقمان، قارامان قاتارلىق فامىلىلەرمۇ خېلى  سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

فامىلىلەردە تارىخى ئەسەرلەردىكى نەتىجىلىك شەخسلەر، ئەمەل ناملىرى ۋە ھەربى ئاتالغۇلاردىن كەلگەنلىرىمۇ مەۋجۇت، مەسىلەن، ئايتولدى، كۈنتۇغدى، ئودغۇرمىش، ئۆگدۈلمىش، قومار، بابۇر، خاقان، ئىلىك، يابغۇ، ئۆگە، تېكىن، بىلگە، قاتۇن، يالۋاچ، تىلماچ، ئەركىن، بۆگۈ، بۆكە، تارخان، شاد، تۇتۇق، سانغۇن، باسقاق، تايانۇق، قاتارلىق. تۈركلەردە تارىخى شەخسلەردىن بۆگۈخان، مەتەخان، ئىلتەرىش قاغان، ئوغۇزخان، بىلگە قاغان، ئالپ ئارسلان قاتارلىقلارنىڭ ناملىرىدىن ئېلىنغان فامىلىلەر خېلى كۆپ.

تۈركلەردە فامىلىلەر يەنە لەقەم، ھۈنەر، كەسىپ، ماھارەتكە ئائىت سۆزلەردىنمۇ تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، ساپانجى، كارۋانجى، بارۇتچۇ، بايراقدار، ئەلەمدار، توپچى، تۆمۈرچى، قۇشچى، تاشچى، كېمىچى، قەھۋەچى، سۇتچى، چايچى، گۈلچى قاتارلىقلار. تۈرلۈك لەقەملەردىن كەلگەن فامىلىلەرمۇ بار، مەسىلەن، سولاق (سولخاي)، چولاق، قىسقا كۈرەك، ئۇزۇن قول، سارى دۇرسۇن، قارا، شاشقىن، ئوزان، بۈيۈك، قاتارلىق. 

تۈركچىدىكى يۇقارقى ئۆرنەك بويىچە ئۇيغۇرلارمۇ تارىخى شەخسلەرنى فامىلە قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. مەسىلەن، ئاتىللار، تەڭرىقۇت، تۇنيۇقۇق، پانتېكىن، بۇغراخان، ئارسلانخان، ئىلكخان، بازىرخان، قازىرخان قاتارلىق. تاغ، دەريا، يۇرت، ئايماق، چۆل، بوزلۇق ۋە سۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى فامىلە قىلىپ قوللانسا بولىدۇ. مەسىلەن، ئاۋرال، ئالتاغ، قۇمتاي، ئەشمە، ئۆگەن، تارىم، يۇرۇڭقاش، قايدۇ، مۇزارت، سېلىنغا، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، قاراسۇ، بوزدالا، بوزتاغ، سۇنتاغ، چەشتاغ، سايرام، باغراش، باغداش، ئاققاش، كۆكچە، بوزكۆل، تەكلىماكان، مۆرەن، مىڭلاق، مىڭيول، قورغان قاتارلىق. باتۇر، يېقىشلىق جانلىقلارنىڭ ناملىرىدىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، قاپلان، سىرتلان، ئارسلان، قۇلان، غونان، بۇغرا، يىلپىز، لاچىن، قۇرغۇي، بۈركۈت، شۇڭقار، ئارقار، تورغاي، ساندۇۋاچ، چاغرى، توغرۇل قاتارلىقلار. بۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆزى ياقتۇرغان ھەرقانداق بىر سۆزنى فامىلە قىلىپ قوللانسىمۇ بولىدۇ.

دېمەك، ئۇيغۇرلار فامىلە قوللۇنۇشتا بۈگۈنكى تۈركچە فامىلەلەرنى ئۈلگە قىلىدىغان بولسا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن چىرايلىق، ئىخچام ۋە ئۇيغۇرغا خاس سۆزلەرنى تېپىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا تۈركلەردە  ئاۋۋال ئۆز ئىسمى، بەزىدە ئوتتۇرىدا دادا ئىسمى، ئاخىرىدا فامىلىسى كېلىدىغان ئادەت بار. بەزىدە ئاياللار ئۆز فامىلىسىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن نىكاھلىق بولغاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئالدىغا ئۆز فامىلىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، نۇراي ئۆزتۈرك چەلىك. بۇ يەردىكى نۇراي ئىسمى، ئۆزتۈرك فامىلەسى، چەلىك يولدىشىنىڭ فامىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە شەكلىمۇ مۇشۇ تەرتىپتە بولسا مۇۋاپىق. شۇنداقلا بۇ دۇنيادا فامىلە قوللىنىۋاتقان مىللەتلەردە ئومۇملاشقان بىر قائىدە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن فامىلە قوللىنىشى تەخىرسىزدۇر. نۆۋەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزئەلدە ۋە چەتئەلدە پۈتۈنلەي فامىلىلىك سېستىمىدا ياشاۋاتقانلىقى، دۇنياغا فامىلەلىك كېنىشكە ئارقىلىق يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن فامىلەسىز ھاياتتا قىينىلىدۇ. فامىلەسىزلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا ماڭدامدا بىر قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ۋەتەندىكى ۋە مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىشقا باشلىغىنى ئەۋزەل. چەتئەلدىكىلەر بۇ پۇرسەتكە ئىگە، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارمۇ فامىلەلىك بولۇشتا بىرەر مەمۇرى ئورگاننىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈشى بىھاجەت. پەقەت كۈندە تولدۇرىۋاتقان خەنسۇچە ئىسىم فامىلىسى دېگەن كاتاكچىگە فامىلە تاللاپ يازسىلا بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە قوللىنىش ئىستىكىنى، زۆرۈرىيىتىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئىسىم فامىلە تەرتىپىنىڭ خەنچىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھەر يىلى ئېچىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە قاتنىشىدىغانلار دېيىشكە جۈرئەت قىلسا، ئىتىراپ قىلغۇزۇشقا تىرىشسا ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. ئەمما بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە چوتنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنراق سوقمايمۇ چارە يوق ئىكەن. مىللەت بويىچە فامىلىسىز قېلىپ، ھەدېسە زىيان تارتىپ يۈرگەندىن قانداقلا بولسۇن فامىلە قوللىنىپ تۇرغان ياخشىدەك قىلىدۇ. پەقەت گۈزەللىك، مىللىيلىك ۋە ئىخچاملىق ئىپادىلەنسە يېتەر. ئىسىم فامىلىمىزدىكى گۈزەل بولۇش پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەۋسىيەسى بولۇپ سۈننەتتۇر. مىللىي بولۇش ئۇيغۇرلۇق بۇرچىمىزدۇر. ئىخچاملىق دېگەندە ئىجتىمائى ئالاقىدە قولايلىق بولۇش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ ئاقىللىقتۇر.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر