ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

by Arman - May 13, 2022 0 Comment

جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-ماي

 


بۈگۈن شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. 
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھۇقۇق كومتىتى باش كاتىپى مېشەل باچلېتنىڭ بۇ ئايدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى سەۋەبى بىلەن چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى. 
بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش كاتىپى مېشەل باچلەت خىتاي ۋە شەرقى تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مېشەل باچلېتنىڭ بۇ زىيارەتتىن بۇرۇن چوقۇم ،كىشىلىك كومتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تەييارلانغان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى ،ئەگەر بۇ دوكلات ئېلان قىلىنماستىن ،مېشەل باچلەتنىڭ خىتاي ۋە شەرقى تۈركىستان زىيارىتىنى ئېلىپ بارسا خىتاينىڭ يالغان سەھنىلەر،ئالدىن تەييارلانغان سۈنى مەيدانلار بىلەن مېشەل باچلەت ۋە بىللە بارغان تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كۆزىنى بوياش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى قايتا –قايتا ئەسكەرتكەن ۋە ئاللىبۇرۇن تەييارلانغان بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىغان ئىدى. 
 بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى ئەڭ ئالىي ئەمەلدارىنىڭ بۇ زىيارىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان يەتمىش نەچچە يىللىق تارىخىدىن بۇيان ،بۇ ئورگاننىڭ ئەڭ ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتنى ئاللىبۇرۇن تەييارلىغان بولۇپ ،خىتاينىڭ ب د ت دىكى لوبىچىلىقى ۋە تەسىرى سەۋەبىدىن ئېلان قىنماي كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ  تارىخىدا بىر ئالاھىدە زىيارەت ۋە ۋە ھەتتا دەۋر بۆلگۈچ بىر زىيارەت بولۇشىنى ئۈمىت قىلغان ئۇيغۇرلار ، مېشەل باچلېتنىڭ بۇ زىيارەتتىن ئاۋال چوقۇم دوكلاتنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش، ۋە خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىغا ، بۇ زىيارەتنىڭ بىر فورمالىتە زىيارەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ، نامايشقا ياۋرۇپادىكى گوللاندىيە ،گېرمانىيە،بېلگىيە،شىۋىتسىيە،نورۋېگىيە، شىۋىتسارىيە،فرانسىيەدىن ، ۋە  ياپونىيە، تۈركىيە، ئەنگىليە،ئاۋۇسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈن نامايىش مەيدانىغا ئەتىگەندە يېتىپ كەلدى. كېچىچە يول ماڭغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى سۇ ۋە يېمەكلىرلەرنى تەييارلىغان ئىدى. 

نامايىش ياۋروپا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا باشلاندى، نامايىشچىلار قوشۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدىن سائەت ئون بىلەن  يولغا چىقىپ جەنۋە كۆلى بويىغا جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىغىچە ياڭراق شۇار سادالىرى بىلەن يۈردى. 
 
نامايىشچىلار قوشۇنىڭ ئالدىدا تىىپىك ئۇيغۇرچە كىيىنگەن ئىككى كىشى ئارقىدا لاگېر تۇتقۇنلىرىغا سىمۋول قىلىنىپ ،لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن ئونلارچە ياشلار ماڭدى. ئارقىدىن بىرلەشكەن دۆلەتللەر تەشكىلاتى دوكلاتنى ئېلان قىلىشى كېرەك ! دېگەن پلاكاتنى كۆتۈرگەن قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى، بىرلەشمە نامايىشقا ساھىپخانىلىق قىلغان ھەر قايسى تەشكىلات مەسئۇللىرى ماڭدى . بىر قانچە كىلومېتىرغا ئۇزاققا سوزۇلغان مىڭغا يېقىن كىشىدىن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلار قوشۇنى يول بويى :

«ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختات!
ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىل!
شەرقى تۈركىستانغا ھۆرىيەت!
 ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! »
 
 دېگەندەك ھەر خىل تىلدا شوئار توۋلاپ جەنۋە كوچىلىرىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى .  نامايىشچىلار جاراڭلىق شۇئار سادالىرى ئىچىدە جەنۋە كۆلى بويىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى ئالدىغا توپلىنىپ ،مېشەل باچلەتقا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دوكلاتنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئىسا ئەپەندى، شىۋىتسارىيە پارلامېنتى ۋە شىۋىتسارىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت ،  ئەللىك نەچچە خەلقارالىق تەشكىلاتنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق ئون بىر ماددىلىق تەلىۋىنى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتىغا تاپشۇردى.  
 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر