ئالىم،تەتقىقاتچى

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېتۈك ئىسلاھاتچى دىنىي ئالىمى مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ خىتتاي ئۆلۈم لاگىرىدا شېھىت بولغانلىقىغا بىر يىل بولغانلىق مۇناسىۋەت بىلەن كۈچلۈك قايغۇ ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئېتىمىز !!!

by 1099 - Jan 25, 2019 0 Comment

ئاپتور: سايرام ئوغلانى

2019- يىلى 14- يانۋار

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-25

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

1937- ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 29- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯚﺗﯩﯟﻩﺭ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻧﯩﻴﺎﺯ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎ ﺧﯘﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﯨﮕﻪ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. سىتاﻟﯩﻦ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺗﯧﭙﯩﺮﻻﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﻪﮪﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯧﭽﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﻪﺯﯨﺰﺍﻧﻪ ﺷﻪﮪﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﯞﺍﻍ ﻣﻪﮪﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻗﻮﺭﯗﺩﯨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ  140 ﻗﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ (ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ 300 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ) ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻏﻼﻥ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮪﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ-ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ، ﺋﺎﯓ-ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻣﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﺎﭖ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻼﺭ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯜﺭﻣﻪ ﮪﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯧﻘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯧﻠﯩﻤﻮﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻓﺎﺷﯩﺴﺘﻼﺭﭼﻪ ﺋﻮﻕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﻪ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻠﺪﻯ. ﻗﺎﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯙﯞﯨﻠﻪﭖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﺎﺑﺎﮪﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﮪ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﻪﺭ سىتاﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ «ﺩﻭﺯﺍﺥ» ﺋﻮﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﭼﯘﭼﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﯘ ﺷﺎﮪﺎﻧﻪ ﺷﻪﮪﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﻥ ﺯﯗﻟﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﺎﺳﻤﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﺪﻯ. ﺟﺎﻟﻼﺗﻼﺭ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 5- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 30- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﻳﻮﺭﯗﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﺗﯩﻨﯩﭗ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﮪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﻰ. 1934-ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻣﺎ ﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﮪﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ-ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺑﺎﮪﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻱ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻳﯘﺗﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﻗﺎﺭﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ «ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﺎﯞﯨﭙﻰ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﺘﻰ. ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺩﻩ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ (ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ) ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺯﺍﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮪﺎﺟﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ، ﺩﻭﺳﺖ-ﻳﺎﺭﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺩﻭﺯﺍﺥ» ﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﻪ ﺗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ: ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﺪﻯ ﻗﺎﻏﺎ. ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯧﺴﯩﻠﯘﺭ ﺩﺍﺭﻏﺎ. ﮔﯘﻧﺎﮪﻰ ﻧﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍ ﻗﺎﻣﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﯞﻗﯩﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ? ﮪﻪﻗﻘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ ﺗﯧﯖﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯘﻡ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ. ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺟﯩﺴﻤﯩﻤﺪﺍ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﺋﯧﺘﻪﺭ، ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﺪﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻙ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭ. ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮪﺎﺟﻰ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﮔﯘﻧﺪﯨﭙﺎﻱ ﺋﺎﻟﺘﻪ، ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻧﻪ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﻧﻪ? ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﺎﻟﺘﻪ. ﻛﯩﺸﻪﻥ ﻗﯩﺴﺘﻰ ﺳﯧﻨﻰ ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﭘﻪﺭﻳﺎﺩ، ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻞ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ، ﺑﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﻪﺭﺳﺎﺕ.1930- ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﻏﻼﻧﻨﯩﯔ 36 ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﯗﺯﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺋﯚﺭﺗﻪﻧﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻚ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ: ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯚﺕ ﺋﻮﺭﯗﺱ، ﺗﯚﺗﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﺎﭘﯩﺮﯗﺱ. ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮪﺎﺟﻰ ﺟﺎ ﺋﻮﺭﯗﺱ !

بۈيۈك تۆھپىكار ئۇستاز ۋە ئىستىداتلىق  ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم دەل مۇشۇ قورقۇنچلۇق 1937 ـ يىلى ئاتۇشتىكى تونۇلغان ئۆلىما سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

سالىھ داموللا ھاجىم ھىجىرىيە 1313 ـ يىلى، يەنى مىلادى 1895 ـ يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان.

زامانىدىكى بۈيۈك ئۆلىمالاردا تەلىم ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئىلىملىرى بىلەن قوراللىنىپ، قەشقەر ئۆلىمالىرىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك قوللىشى بىلەن 1946 ـ يىلى قازى قۇززات بولغان.1949 ـ 1957 ـ يىللاردىكى ئاتالمىش ‹‹يەرلىق مىللەتچىلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ھىجىرىيە 1377 ـ يىلى (1957 ـ يىلى)20 ـ ئىيۇن ۋاپات بولۇپ كەتكەن.

سالىھ داموللا ھاجىم ئۆز زامانىدا  ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى.

پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى، 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى. كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى.

ئاتىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلۈنۈش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.

ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم 1955 ـ يىلى كۈزدە بېيجىڭغا بېرىپ، يېڭىلا قۇرۇلغان ئىسلام ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمىي بالاغەت، ئىلمىي كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەنگەن.

1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. «قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاسىتە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ داموللا هاجىم «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئۆلىمانىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. 

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى» نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۇن زېھن-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان «قۇرئان كەرىمنىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»، ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى ئۇيغۇر خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ»، «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇھەممەد سالىھ داموللا هاجىم 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.

مۇھەممەد سالىھ داموللام كۆپ يىللىق ئىجادى خىزمىتى جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازار-ماشايىخلار، مەسچىت-مەدرىسلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، «قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازارلار توغرىسىدا»، « مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە كۆپلىگەن ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987- يىلىدىن باشلاپ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

ئون يىللىق بوران چاپقۇنلۇق دەۋردىن كېيىن داموللا ھاجىم چەتئەللەردە بەزى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرىدا بولغان. مەسىلەن 1983 ـ يىلى سۇداندا، 1989- يىلى ماراكەشتە، 1989- يىلى 10 ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنى ئىمام ئىلى رىزا تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران مەشھەتتە ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغاقاتناشقان.1990 ـ يىلى رامىزاننىڭ 27ـ كېچىسى ماراكەشكە بېرىپ قەسىدە ئوقۇغان.

ئۇندىن كېيىن تاكى 1997ـ يىلى فېۋرال ۋەقەسىگە قەدەر ئىزچىل ماراكەشكە زىيارەتكە بېرىپ مەۋلۇت يىغىلىشىغا  قاتنىشىپ تۇرغان.

1991ـ يىلى 16 ـ سېنتەبىر مىسىر پرىزدېنتى ھۇسنى مۇبارەك تەرىپىدىن 10 مەشھۇر ئالىمنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوردېن بېرىلگەن.

داموللاھاجىم ئۆزى باش بولۇپ قۇرۇپ چىققان ئۈرۈمچى ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىغا 1987  ـ يىلدىن باشلاپ ساق 12 يىل مۇدىر بولغان.

بۇجەرياندا ئىران داھىيسى خاتەمى قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ داھىيلىرى ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە كېلىپ تۇرغان. 

1989 ـ يىلى 19 ـ ماي ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى، 1990- يىلدىكى بارىن ۋەقەسى، شۇنداقلا 1997ـ يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن داموللا ھاجىمغا بېسىم كۈچىيىپ كەتكەن. 1999- يىلى داموللا ھاجىمنىڭ ئىككى قانىتى بولغان قابىل ئىز باسارلىرى سۇيقەست بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

شۇ يىلنىڭ ئاخىرى داموللا ھاجىم ئىستىپا بېرىپ پېنسىيگە چىققان. (ئەمەلىيەتتە داموللا ھاجىم 1998 ـ يىلىلا 1993ـ يىلنىڭ بالىلىرىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ،10يىل ئەلەم خىزمىتى قىلغانلىقىنى،بۇندىن كېيىنكى ئۆمرىنى قەلەم خىزمىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن).

دەرۋەقە داموللا ھاجىم دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى پۈتن ئۆمرى قەلەم بىلەن ئۆتكەن.

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى چەتئەل زىيارىتى 2002 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئالمۇتادا بولغان. «ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلامنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ››ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا قەسىدە ئوقۇغان.

تارىخنىڭ چاقى 2017 ـ يىلى فېۋرالغا كەلگەندە،داموللا ھاجىم 1997 ـ يىلدىكى قوپال مۇئامىلىگە قايتا دۇچ كېلىشكە باشلىغان.

بىر يىلغا يېقىن ئۆيىدە قاتتىق نەزەربەنت ئاستىداياشىغان داموللا ھاجىم 2017 ـ يىلى جاللات چېن چۇنگو تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم جازا لاگىرىغا ئەكىرىپ كېتىلگەن.

ھىجىرىيە 1439 ـ يىلى 5ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى مىلادى 2018 ـ يىلى 24 ـ يانۋار چارشەنبە كەچ بۈيۈك ئالىمىمىز جازا لاگىرىدا شېھىت قىلىنغان.

بۈيۈك ئۆلىما، ئۇلۇغ ئۇستاز، مەشھۇر تىلشۇناس ئۇستازىمىز شېھىت ئوغلى شېھىت مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز! قۇدرەتلىك رەببىمىز بارلىق مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى پات ئارىدا تولۇق ئالغىلى نېسىپ قىلسۇن ! بارلىق نامسىز شېھىتلىرىمىزغا ئەڭ كاتتا مۇكاپاتلارنى بەرسۇن! بىزدەك يارىماسلارغا تۆۋە قىلىش پۇرسىتى بەرسۇن !

مەرھۇم داموللا ھاجىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۈچ تەۋەررۈك ئوغلانلىرى كۆپ ياردەمدە بولدى.

ئاللاھ ھەممەيلەننى ئەڭ توغرا يولغا باشلىغاي!

 

ھىجىرىيە 1440 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر