كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات

بۈگۈنكى نورۋىگىيە گېزىتى: نورۋىگىيەدىن سۈرىيەگە قايتىپ، ئىككى ئاشقۇن تەشكىلاتقا قاتناشقان ئۇيغۇر

by 1099 - Feb 04, 2019 0 Comment

بۈگۈنكى نورۋىگىيە گېزىتى

2019-1-6

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىل 6-يانۋار

مۇخبىر: جىراد تەيلور

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئەردەم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-05

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇ دادا 30 ياشقا كىرگەندە نورۋىگىيەگە ئائىلىسى بىلەن جەم بولغىلى كەلگەن بولۇپ، بىراق ئەرىزنامىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ نورۋىگىيەدە ئۇزاق تۇرمايلا سۈرىيەگە كىتىپ، چەتئەللىك مۇجاھىد بولغان، بۇ ۋەقە نورۋىگىيە دۆلەتلىك رادىيو- تىلۋىزىيە خەۋىرىدە خەۋەر قىلىنغان.

بۇ ئەر كىشىنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى ھىلىھەم نورۋىگىيەدە، لىكىن ئۇ ئەر كىشى بولسا قوغلاپ چىقىرىلدى. نورۋىگىيە  خەۋىپسىزلىك ئورگىنىنىڭ دېيىشىچە : « ئۇ كىشى قۇراللىق مەشىق قىلغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە "ئىسلام دۆلىتى"دىن ئىبارەت ئىككى ئاشقۇن گۇرۇپ بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتناشقان.» شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام پارتىيىسى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ پارتىيە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا تەۋە دەپ قارىلىدۇ. ئەرىزنامىدە، بۇ كىشى كىيىنچە دائىشقا قاتناشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت  ئادۋۇكاتى فىرىدىرىك رەنكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ جازالىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

رەنك " بىز بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي قارايمىز. بۇ كىشى بىرلا گۇرۇپقا قاتناشماستىن، بىر مەزگىل ئويلانغاندىن كىيىن يەنە سۈرىيەگە ئۇدۇل قايتىپ دائىشقا قاتناشقان. ئۇ ئەڭ ناچار مەزگىلدە دۇنيادىكى ئەڭ ئەشەددىي گۇرۇپقا قاتناشقان. ئۇ ۋاقىتتا يەزىدىيلەر قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان، مۇخبىرلار كۆپلەپ قەتلە قىلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى" دىدى.

نورۋىگىيە دۆلەتلىك رادىيو- تىلۋىزىيەسى ئۇ ئەرنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ ئادۋۇكاتى ئۇ ئەر كىشىنىڭ تاراتقۇلارغا سۆزلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

http://norwaytoday.info/news/travelled-from-norway-and-joined-two-extremist-groups/

كۆپ كۆرۈلگەنلەر