جۇغراپىيە ۋە ئېقتسادى

پەقەت سانجى ئوبلاستىدىلا 1 مىلىيون توننا شوخلا ئ‍شلەپچىقىرىلىدۇ.


 پەقەت سانجى ئوبلاستىدىن 1 مىليون توننا شوخلا ئىشلەپچىقىرىدۇ

ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-+سېنتەبىر

خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەقەت سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىلا 1 مىليون توننا شوخلا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۇ يىللىق شوخلا تېرىلغۇ كۆلىمى 130 مىڭ مو بولۇپ، سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 1 مىليون توننىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن..

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، سانجىدا سانجى ئوبلاستىدا ھازىر شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن توققۇزى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان كارخانىچىغا تەۋە ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار بۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قۇل ئەمگىكى ئورنىدا مەجبۇر ئىشلىتىدۇ.

قۇتۇبى ناھىيەلىك جىڭتەي شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى بۇ توققۇز شوخلا قىيامى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن بىرى بولۇپ، جىڭتەي شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ باشلىقى لى جيەن مۇنداق تونۇشتۇرغان: « بۇ يىل شىركىتىمىز قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى 300گە يېقىن تېرىقچىلىق ئائىلىسى بىلەن 7500 مو شوخلا تېرىش توختامى ئىمزالىدى، 70 مىڭ توننىغا يېقىن شوخلا سېتىۋېلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز.»

ئۆتكەن ھەپتە ، ۋاشىنگتونغا جايلاشقان«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى UHRP» ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا،ئامېرىكا بازارلىرىدا ، ئۇيغۇرستاندىن كەلتۈرۈلگەن ،ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان چىلان قاتارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

خىتاينىڭ سانجىدىكى بۇ مەھسۇلاتلارنى نەگە ئاپىرىپ ساتىدىغانلىقى تېخى جەزىملەشتۈرۈلمىدى. 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر