دىموكراتچىلار،خوڭكوڭ، تېبەت، تەيۋەن

خىتاي رەئىسى شى تەيۋەننى قايتا بىرلىككە كېلىشكە چاقىردى


ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 

  09.10.2021 

( سائەت 11 دىن 20 مىنۇت  ) 

 

   بېيجىڭدىكى خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى، يېقىندا تەيۋەنگە قوراللىق ئارىلىشىش توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق تەھدىت سالغان. خىتاي رەئىسى شى تەيۋەن ئارال دۆلىتىنى بىرلىككە چاقىردى ۋە مۆلچەردىكى ئىنكاسقا ئېرىشتى. 

 

    تەيۋەنگە بولغان جىددىيلىك كۈچەيگەن مەزگىلدە ، خىتاينىڭ دۆلەت ۋە پارتىيە رەھبىرى شى جىنپىڭ بىرلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: 《تىنچ يوللار》 ئارقىلىق ئىتتىپاقلىشىش پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلىدۇ.  بۇ پۇرسەت 1911-يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ 110 يىللىقى بولۇپ ، بۇنى جۇڭگو ۋە تەيۋەن خەلقى ئارزۇ قىلىدۇ.  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋەتەننىڭ بىرلىشىشىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ ۋە ئېغىر  تەھدىت. 

 

   تەيۋەن بۇ چاقىرىقنى قەتئىي رەت قىلدى 

تەيۋەننىڭ پرېزىدېنت  باياناتچىسى مۇنداق دېدى: 《تەيۋەن بۇ مۇراجىئەتنى رەت قىلىدۇ. تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل دۆلەت .  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس》.  1911-يىلدىكى ئىنقىلاب بىلەن《 مۇستەبىت ئەمەس،  دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان 》.  تەيۋەندە بۇ دېموكراتىيە ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشتى . 

 

    باياناتچى بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق، چىڭ سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن بېيجىڭدا قۇرۇلغان  جۇمھۇرىيىتىنى كۆزدە تۇتقان. چۈنكى تەيۋەن ھازىرمۇ ئاشۇ تۈزۈمنى ساقلاپ كەلمەكتە. 

 

   خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سىياسى كېڭىشى بېيجىڭنى تاجاۋۇزچىلىق ، پاراكەندىچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان . 

 

بېيجىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىش بىلەن تەيۋەنگە تەھدىت سالغان 

 

1949-يىلى ماۋ  باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار، شۇ چاغدىكى خىتاينى باشقۇرۇۋاتقان مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن ئارال دۆلىتىگە ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، تەيۋەن ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە. 

 

   شى جىنپىڭ يەنە چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: 《تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ پەقەتلا ئىچكى مەسىلىسى.  سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ》 دېدى.  

 

   ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ تەيۋەن ئەسكەرلىرىنى مەخپىي مەشىق قىلدۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى: بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئېغىر زىيان سالىدۇ- دەپ ئاگاھلاندۇردى. 

 

    بەشبۇرجەكلىك بىنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يىگىرمە ئەتراپىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تەيۋەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسى خادىملىرىنى مەشىق قىلغان. 

 

 ئابدۇرەھىمجان 

( گېرمانچىدىن تەرجىمە قىلىندى )

 

https://www.tagesschau.de/ausland/asien/china-taiwan-139.html

كۆپ كۆرۈلگەنلەر