تۈزۈم ۋە ساۋات

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ نەشر ھوقۇقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى

by Admin - Jan 09, 2022 0 Comment

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ  نەشر ھوقۇقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرى

1-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -بارلىق خەلقئارالىق نەشر ھوقۇقى ئەھدىنامىلىرى ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى نەشر ھوقۇقى قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. باشقا مەتبۇئات، ئاپتورلارنىڭ نەشر ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ؛

2-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باشقا مەتبۇئات ۋە ئاپتورلارنىڭ ماقالە، ئەسەرلىرىنى، سۈرەت-فوتوگرافلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلەتمەيدۇ؛

3-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى -باشقا تاراتقۇ، مەتبۇئاتلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ؛

4-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى پىدائىيلىرى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىزمەتچىلىرى، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى، سوسىيال مېدىيادىن  يىغىۋېلىنغان، نەشر ھوقۇقى باشقىلارغا تەۋە بولمىغان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا تەۋە بولىدۇ؛

5-تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) ماقالە، ئەسەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياكى تولۇق كونتكستسىن ئايرىپ مەزمۇنىنى بۇرمىلىغانلار؛

(2) ئەسەرلىرىنى ئىشلىتىپ ئىقتىسادى مەنپەئەت ياراتقانلار؛

(3) ئەسەرلىرىمىزنى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا قارشى ئىشلىتىدىغانلار؛



6-ھەر قايسى قانال مەسئۇللىرى ۋە تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى مەزمۇن يوللىغاندا، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغان بولۇشى كېرەك. رەسىملەرنى يوللىغاندا ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان، ئۆز ئاپتورلىرىمىز تەمىنلىگەن ياكى ئۆزىمىز نەق مەيداندا سۈرەتكە تارتقان، ئۆزىمىزنىڭ سۈرەت ئامبىرىدا بىزگە تەۋە ساقلانغان سۈرەتلەرنى ئىشلىتىشى كېرەك، بۇنداق سۈرەتلەر تېپىلمىغاندا،تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:

 

 

 

1-https://freerangestock.com/index.php

2-https://unsplash.com/

3-https://www.pexels.com/

4-https://www.flickr.com/

5-https://www.lifeofpix.com/

6-https://stocksnap.io/

7-https://pixabay.com/

8-https://www.makeuseof.com/tag/top-5-websites-for-free-stock-photographs/

9-https://burst.shopify.com/photos

10-https://kaboompics.com/page/how-it-works

 

11-https://vintagestockphotos.com/

 

12-https://gratisography.com/

 

13-https://libreshot.com/

14-https://imgur.com/PIv9rBx

15-https://www.reshot.com/

 

 

 بۇ تۈزۈلمە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش مۇدىرى تەرىپىدىن تۈزۈلدى، ئاگېنتلىقىمىز ئادۋوكاتى ئارقىلىق قايتا قاراپ چىقىلىدۇ.

9-يانۋار، 2022-يىلى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر