ئىجتىمائى پائالىيەتلەر

ئىستانبۇلدىكى خانىم- قىزلارنىڭ 2-قېتىملىق ئىلىم چېيى ئۆتكۈزۈلدى

by Admin - Aug 09, 2021 0 Comment

 ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى، 10-ئاۋغۇست

ئاياللار بىر قۇلىدا بۆشۈك تەۋرەتسە يەنە بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال‌ تەمسىلى

مۇھاجىرەتتىكى ھەرخىل تۇرمۇش بېسىملىرى ۋە ئائىلە بېسىمىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، تىرىشىپ- تىرمىشىپ ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم‌ خانىملارنىڭ 2 ئايدىن بىرى تەييارلىق قىلىشى نەتىجىسىدە 8-ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى ساماۋار چايخانىسىدا « ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپ تارىخى ۋە  تۆھپىكار ئايال مائارىپچىلار » تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھەرقايسى يۇرتلاردىكى  ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپ ئىسلاھاتى، تۇنجى ئېچىلغان پەننى مەكتەپلەر شۇنداقلا بىر قىسىم ئايال‌ تۆھپىكارلار ھەققىدە خانىملار تەييارلىغان  ماقالىلەر  ئۇقۇپ‌ ئۆتۈلدى، شۇنداقلا ئاڭلىغۇچىلار بىلەن بەزى مەسىلىلەردە مۇنازىرە، مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

ئاخىرىدا چاينىڭ ئەزىز مېھمىنى بولغان ئىككى پېشقەدەم‌‌ مائارىپچى ئۇستازلار مائارىپ ۋە ئاياللار ھەققىدە سۆز قىلدى. 
بۇ قېتىمقى چايغا ئىستانبۇل، ساكارىيا ۋە ئەنقەرەدە ياشايدىغان بىر تۈركۈم ئاسپىرانت، دوكتورلار، ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يۇقىرى ئۆرلەپ ئۇقۇۋاتقان 20 دىن كۆپرەك خانىم قاتناشتى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر