شمالى ئامېرىكا

دونالد ترامپ: شى جىنپىڭ بىر قاتىل، ئەمما بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى قوللىمايمەن

by Arman - Dec 20, 2021 0 Comment



ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 20-دېكابىر

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى فوكىس تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىر پروگراممىسىدا نەق مەيدان زىيارىتىگە قاتناشقان. زىيارەت جەريانىدا ئۇ مۇخبىرنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بىلىسىز، مېنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى، مەن ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن. شۇ ۋاقىتتا رىياسەتچى ترامپنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋېتىپ :« ئۇ بىر قاتىلغۇ» دېگەن، ترامپ رىياسەتچىنىڭ گېپىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ : « ئۇ بىر قاتىل، ئەمما بىزنىڭ بۇرۇنقى مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى ئىدى، ئەمما ۋىرۇس تارقالغاندىن بۇيان ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى...ئۇلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا زىيانكەشلىك ئېلىپ كەلدى.» دەپ جاۋاب بەرگەن. 

رىياسەتچى ترامپتىن بايدىن ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سورىغاندا ئۇ بۇنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:« مەن بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىمايمەن، چۈنكى جىمي كارتېر(ئەينى ۋاقتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى.ت ) نىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ ناھايىتى قاملاشمىغان ئىش بولدى، نۇرغۇنلىغان تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۇۋال بولدى. ئەسلىدە يەنە نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك ۋە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلالايتتۇق، ئەمما ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ئانچە كۈچلۈك ئىنكاس ئەمەس، بۇ بىزنى كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن ئاجىزدەك كۆرسىتىپ قويىدۇ.» 

ترامپ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سودىدا ئادىل بولمىغان قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: « مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن دەۋرىدە خىتايدىن مىلياردلارچە ھەتتا نەچچە يۈز مىلياردلارچە باج ئالدۇق، شۇنداقلا بۇ پۇللارنى ئامېرىكىنىڭ دېھقانچىلىق، ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە ئىشلىتىشكە بەردۇق. بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز ھازىر ئىنتايىن باياشات، چۈنكى بۇلار مېنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىمنىڭ تۆھپىسى.»

يۈسۈپجان تەييارلىغان

كۆپ كۆرۈلگەنلەر