ئىجتىمائى پائالىيەتلەر

گوللاندىيە ئۇيغۇر يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى


 گوللاندىيە ئۇيغۇر يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

كۈلتۈر دېمەك- مەۋجۇتلۇق دېمەكتۇر. خاتىرەمدىن

 

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساننىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى يەرلىك خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

 گوللاندىيەدىكى « ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» بۇ جەھەتتە ئىزچىل پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ تەشكىلات 2009-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەنىڭ زەيىست شەھىرىدە ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانى ئىجارىگە ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. 2014-يىلى 4- ئايدا بۇ تەشكىلات تۇنجى قېتىم گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك» يەرمەنكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەرلىك خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى ئىككى قېتىم بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتنى ئىزچىل تۈردە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، 2019-يىلى باشلانغان خىتاي ۋىرۇسى تەھدىتى ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك يولغا قويۇلغان ۋىرۇسقا قارشى قامال قىلىش، ھەرخىل چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن بۇ پائالىيەتلەرمۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق توختاپ قالغان ئىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن «ياۋروپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 18-،19-كۈنلىرى زەيىست شەھىرىدە كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا زەيىست شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كوس يانسېن (Koos Janssen) ئەپەندىم ، بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، قاتارلىقلار قاتناشتى. جازا لاگېرى شاھىتى قەلبىنۇر خانىم جازا لاگېردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى شەھەر باشلىقىغا تەپسىلىي ئاڭلاتتى. شەھەر باشلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يەرمەنكىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەرلىك خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە رولى بارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى. «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» نىڭ ئىككىنچى كۈنى جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن ئۆمەر بېكئالى ۋە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان جازا لاگېرى شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا تۈركلەرگە ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاتتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ھەرخىل ئۇيغۇر تائاملىرىدىن كاۋاپ، سامسا، پولۇ، نان، ھەرخىل پېچىنە پىرەنىك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل كىيىم-كېچەكلەر، دوپپىلار، ئۇيغۇر كىتابلىرى قويۇلدى. گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، گوللاندىيەلىكلەر، تۈركلەر ۋە باشقا مىللەتلەر شۇنداقلا گېرمانىيە، بېلگىيەدىن، فىرانسىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلاندى. بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئوينايدىغان ئورۇنلار ھازىرلىنىپ باللارنىڭ خۇشال-خۇرام ئويناپ ،ئۆز ئارا تونۇشۇشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى.

دىئاسپورادا «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى  نېمە؟ بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.  

1. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شۇ دۆلەتتىكى يەرلىك خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس كۈلتۈرگە ئىگە، خىتايدىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ.

2. شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشىنى، ئۆزئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ جامائەتلىشىپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

3. بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى، بولۇپمۇ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر توپلامنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ توپلامنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

4. بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ پەقەت ‍ئۆزئارا ھەمكارلاشقاندا،ئاندىن روياپقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

5. دىئاسپورادا سېتىۋېلىش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئۇيغۇر كۈلتۈرىگە ئائىت كىيىم -كىچەك، ھەرخىل دوپپا، بايراق، ئىزناك، كىتاب قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇلار قەدىرىيەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالايمىز.

ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر توپلىمى ۋەتەننىڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنىسى.

يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتىدىن ئايرىلغان يەتمىش يىل دېگەندەك، ۋەتەن ھەسرىتىدە ئۆرتەنگەن قەلىبلىرىمىز مانا مۇشۇنداق دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر توپلاملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي  پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىمىزنى بۇ توپلامنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيىتىمىزنى، مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش پەقەت مانا مۇشۇنداق توپلىشىپ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ يات تۇپراقلاردا يالغۇزچىلىقنى ھېس قىلدۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئېرىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ روھىيىتىنى ئۇيغۇر روھى بىلەن ياشارتىپ مەنىۋىيتىمىزنى ئۇيغۇرلۇق بىلەن تويۇندۇرىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا دىئاسپورادا «ئۇيغۇر يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە شانلىق تارىخى كۈلتۈرىمىز ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشتا رولى ناھايىتى چوڭ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ئاساسىنىڭ كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى، بىراۋلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە لايىق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلالايمىز.

خىتاي كۈلتۈرى بىلەن ئالاقىسى، باغلىنىشى، مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقىنى ئەمەلىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلاپ  21-ئەسىردە «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن قەتلىئامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىن، ھۆر ياشاش ئىرادىسىنى نامايان قىلالايمىز.

 

 

  

كۆپ كۆرۈلگەنلەر