ختتاي دىپلوماتىيسى

خىتاينىڭ بۇداپېشتتا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشتى

by 1 - Jun 10, 2021 0 Comment

ئارمان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 10- ئىيۇن

 

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ماي ئېيىنىڭ بېشىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى "فۇدەن" ئۇنىۋېرسىتېتى تارماق مەكتىپىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ پىلاننىڭ شەرتسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. 5- ئىيۇن نەچچە مىڭلىغان بۇداپېشت خەلقى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ شەھەردە قۇرۇلۇشىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

 

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 10- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا پەيشەنبە كۈنى(10-ئىيۇن) ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ئوربان ۋىكتور (Orbán Viktor) مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ بۇ پىلان توغرىسىدا ئاۋام خەلق بېلەت تاشلاپ ئاندىن قارار ماقۇللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ سۆزىدە مۇنۇلارنى دېگەن: '' بىز ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پىلانى توغرىسىدا چوقۇم ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز، 2023-يىلىدىن بۇرۇن ئاۋام خەلق سايلىمى ئارقىلىق قارار بېكىتىمىز".

 

ۋېنگىرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى ئالدىنقى ھەپتە بۇداپېشت شەھەر پۇقرالىرى ئارىسىدا "فۇدەن" نىڭ مەزكۇر شەھەردە مەكتەپ قۇرۇش پىلانى توغرىسىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ پىلانغا قارشى پوزىتسىيەدە بولغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە خىتايغا مايىللىقى بىلەن تونۇلغان نۆۋەتتىكى باش مىنىستىر ئوربان ۋىكتورنىڭ خەلق ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 2022-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر