كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى

by Admin - Aug 05, 2021 0 Comment

 ئاپتورى: پولات (تايلاند) 

تايلاند ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2013- يىلى ۋە 2014- يىلى، تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار تا ھازىرغىچە (يەنى 2021-يىلى 7- ئايغىچە) تايلاندنىڭ ھەرخىل تۈرمە ۋە كۆچمەنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئومۇمى سانى 54 نەپەر.
بۇلارنىڭ ئاساسلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇش سەۋەبى خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلۈم خەۋپى بولغانلىقى ئۈچۈن. تايلاند ھۆكۈمىتى 3- بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەقسەت قىلىپ بۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ھازىر بۇ يەرلەردە ھەرخىل قاماقخانىلاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن: بارلىق ئۇيغۇرلار بىر يەردە تۇرالماسلىق، ھالال تاماق يېيەلمەسلىك، ئاتا-ئانىسى ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ياكى خەت ئالاقىسى قىلالماسلىق، كېسەللىرىگە داۋالىنىش ئېلىپ بارالماسلىق، بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا مەھبۇسلارغا ئوخشاش نورمال مەھبۇس شارائىتىغا ئىگە بولالماسلىق، دوست بۇرادەرلىرى باشقا دۆلەتتىن كېلىپ بۇلارنى يوقلىيالماسلىق … قاتارلىق قىيىنچىلىق ئۈستىدە ھايات كەچۈرمەكتە.

تايلاندتىكى مەھبۇسلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى:
ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى تايلاندنىڭ ھەرخىل قاماقخانىلىرىدا ئۇزۇن تۇرۇش سەۋەبى، بۇ قاماقخانىلارنىڭ شارائىتى بەك ناچار، تاماقلىرى تولىمۇ ئاددىي (يەنى بىر تال تۇخۇم ۋە بىر قاچا  گۈرۈچ)، ياتاق ئىچى قاراڭغۇ، كۈن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، قاماقخانا ياتاقلىرى كىچىك ئەمما مەھبۇسلار نورمىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بىللە تۇرۇش ۋە بۇلار ئۇزۇن يىل چاقچۇق ئۈستىدە يېتىش سەۋەبلىك ھەرخىل كېسەللىكلەرگە يولۇققان. بۇلاردىن: 
ھەرخىل قىچىشقاق، بەدەن بوشىشىش، سۆڭەك شالاڭلىشىش، بوغۇملار قېتىۋېلىش، كۆز كۆرمەسلىك، بۆرەك كېسەللىكى، ئۆپكە كېسەللىكى، تولا قورقۇشتىن يۈرەك كېسەللىكى ۋە ئۈچەي راكى كېسەللىكلىرى ھەتتا نېرۋا كېسەللىكلىرى بولۇپ ئاساسىي جەھەتتىن بارلىق ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىدا پسىخىكا كېسەللىكلىرى مەۋجۇت.
يۇقىرىقى كېسەللىكلەر كۆپ قېتىم تۈرمە ساقچىلىرىغا ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ پەقەت ئۇيقۇ دورىسىدىن باشقا دورىلارغا ئېرىشەلمەي داۋاملىق كېسەللىك ئازابىنى تارتماقتا.
 تايلاندتا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئورنى ئاساسلىق كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى بولۇپ بۇلار:
تايلاند مەركىزى شەھەر باڭكوك كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى جەمئىي 15 ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلار بۇ يەردە 12 كىشى ئۇيغۇر تۈركلىرى سالاھىيىتىدە 2 كىشى خىتاي سالاھىيىتىدە (يەنى خىتايلىق ئۇيغۇر) بىر كىشى قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر سالاھىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
تايلاندنىڭ شىمالىي چىڭمەي ئۆلكىسىدە، چىڭرەي شەھىرىنىڭ بىر نەچچە كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تەخمىنەن 8 ئۇيغۇر بولۇپ، بۇلار ھەربىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىككى ئۇيغۇر بىلەن بىلەن تۇرۇۋاتىدۇ.
تايلاندنىڭ جەنۇبى ھاتىماي ئۆلكىسىنىڭ ساداۋ رايونىدىكى كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۆت نەپەر ئۇيغۇر تۇرۇۋاتىدۇ.
تايلاندنىڭ غەربى مەيسوت ئۆلكىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ھەربىر قاماقخانىدا ئىككىدىن ئۇيغۇر مەھبۇس تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ.
تايلاندنىڭ مىكتاخان ۋىلايىتى، تاران ۋىلايىتى، نوڭشا بورىتى ۋىلايىتى، پاڭشا ۋىلايىتى، ئابوت ۋىلايىتى ۋە خەلقئارا ئايروپورت كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ھەربىر قاماقخانىدا ئىككىدىن ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ.
تايلاندنىڭ مەركىزى شەھىرىگە جايلاشقان سامەت پاراكەنىن تۈرمىسىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن قاچقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئىككى يىلدىن 12 يىلغىچە كېسىلگەن 7 نەپەر ئۇيغۇر جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ تۇرىلىۋاتىدۇ.

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان ھەرخىل بېسىملىرى:
نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ خۇددى 2015-يىلى 7-ئايدا خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇرغا ئوخشاش خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ھەر ۋاقىت بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە پات-پات خىتاي ئەلچىخانا خادىم خىزمەتچىلىرىنىڭ قاماقخانىلارغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىپ تۇرۇشى، ياكى ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ پاناھلىق تەلىپىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە بۇلارنىڭ ئازاد بولۇشىغا 3- بىر دۆلەتنىڭ چىقماسلىقى، بۇلار سەۋەبلىك بىزنى خىتاي قايتۇرۇپ كېتەرمۇ دېگەن ئەندىشىدە ۋە خىتاينىڭ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئارقىلىق قىلىۋاتقان قىيىن-قىستاق بېسىمىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
مانا بۇ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 54 ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى.
2021 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 - كۈنى

كۆپ كۆرۈلگەنلەر