تەنتەربىيە

توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تاماشىبىنسىز مۇسابىقە مەيدانلىرىدا ئالقىش سادالىرى قويۇلىدۇ

by Admin - Jul 30, 2021 0 Comment

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ (Bach) ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە بولۇشى ھەم شۇنداقلا ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانلىرىدىكى ئالقىش سادالىرى قاتارلىق رەقەملەشكەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تاماشىبىنسىز ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىنىڭ تەنھەرىكەتچىلەرگە بولغان تەسىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىلىدۇ».

توكيو 12-ئىيۇلدىن باشلاپ جىددىي ھالەتكە كىردى. يۇقۇم مۇداپىئەسى كۆزدە تۇتۇلۇپ توكيو رايونى، خوككايدو ۋە فۇكۇشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان بارلىق مۇسابىقىلەر قۇرۇق مەيداندا ئۆتكۈزۈلۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ نەق مەيداندا پەقەت ۋېلىسىپىت ۋە پۇتبولدىن ئىبارەت ئىككى تۈرنىڭ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. باخ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز تەنھەرىكەتچىلەرنى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمايمىز، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە گۇرۇپپىسى 17-ئىيۇل مۇمكىن بولغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى تاماشىبىنلارنىڭ قوللىشىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە نەق مەيدانىغا ئېكران قويۇپ، توردا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى بىۋاستە تارقاتسا بولىدۇ، ئوخشىمىغان دۆلەت (رايون)لەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىدۇ، ماھىرلار ئارىسىدىلا ئەمەس تاماشىبىنلار ئارىسىدىمۇ بىر خىل رىقابەت پەيدا بولىدۇ، تاماشىبىنلارغا ئۆزى سۈرەتكە ئالغان فىلىمنى ئىشلەشكە ئىلھام بېرىدۇ ھەم ھوقۇقلۇق تارقىتىش سودىگەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تاماشىبىنلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلىدۇ، بىر قىسىم تەنھەرىكەتچىلەرگە مۇسابىقىدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ۋە مەستانىلەر بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «تەنھەرىكەتچىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ھېسسىيات باغلىنىشىنى ساقلاش، چۆكمە ئاۋاز ئۈنۈمى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىش ۋە نەق مەيداندا ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانلىرىدىكى ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىش ھەمدە تەنھەرىكەتچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك».

باخ يەنە مۇنداق دېدى: «ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى پۈتۈن دۇنيانى بىر يەرگە جەم قىلىپ 200دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇساپىرلار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە بىر يۈرۈش قائىدە بويىچە ماھارەت كۆرسىتىشتىن ئىبارەت». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىخەتەر شارائىتتا بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تەنھەرىكەتچىلەر ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار باشقا خادىملار يۇقۇم ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى، بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ».

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر