ھۆكۈمەتلەر مەيدانى

ئانتونى بېلىنكىن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن تور سۆھبىتى ئىلىپ باردى، خىتايغا قارشى يېڭى جازا قوللانماقچى

by Admin - Jul 18, 2021 0 Comment

ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 7-ئىيۇل

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى (دۆلەت مەھكىمىسى دەپمۇ قوللىنىلغان) باش كاتىپى ئانتونى بېلىكىن 6-ئىيۇل كۈنى بىر قىسىم سابىق مەھبۇسلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن تور سۆھبەت يېغىنى ئاچقان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نەد پىرايىس (Ned Price) مۇنداق دېگەن: ئانتونى بېلىنكىن سابىق مەھبۇسلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان. ت) بولۇۋاتقان ئېچىنىشلىق ئىشلار ۋە بىر مىليون ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدىكى بىرىنچى قول تەسىراتى، ھېكايىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى مۇھىم دەپ قارىدى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان. ت) بولۇۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۆرۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ياكى سۈرىتىنى ئېلان قىلمىغان.

بۇ ھەقتە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بېلىنكىن مۇنداق دېگەن: شىنجاڭنىڭ (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان. ت) تۇتقۇن لاگېرلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەر ۋاقىت خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان/ ئۇيغۇرىستان. ت) زۇلۇم چېكىۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.بىز ھەمىشە ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز.»
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى يېڭى جازا قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر