ئەدەبى ئەسەرلەر

ماڭا جىن چاپلاشقان

by Arman - Sep 16, 2021 0 Comment

 ‏
‏ئابدۇقادىر جۈمە

‏مەن كېچىدە تۈگىمەندىن يالغۇز يانمىغان،
‏قارا ياغاچ ياكى يالغۇز سېدە ئاستىدا ئۇخلاپ قالمىغان.
‏ھەر دائىم كېچىدە،
‏ناتونۇش يەرگە پوش -پوش دەپ سىيىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان،
‏ياكى بىر تەتۈر قۇيۇن مېنى ئۇچۇرۇپ كېتىپ 40كۈندىن كىيىن مەھەللەمگە تاشلاپ قويمىغان.
‏لېكىن، مەن...
‏ئۇزۇن بىر قاراڭغۇ يولدا،
‏ئۆزۈمنى تونىيالمىغۇدەك دەرىجىدە تەكرار يۈردۈم،
‏ناخشىلارنى ئوقۇدۇم،
‏ئۆز-ئۆزۈمگە  سۆزلىدىم.
‏دوقمۇشتىن شامالدەك قايرىلدىم،
‏چىراقلاردىن كېسىپ ئۆتتۈم.
‏مېنى ساقلىمايۋاتقىنى ئېنىق بىر راۋاقنى بەلگە قىلىپ پەشتاقلاردىن ياماشتىم،
‏ئۈستۈمنى بېسىپ تۇرغان ئەنئەنە،
‏كۆزۈمنى غەلەتلىگەن ئەرۋاھ،
‏مەن قىستىلىپ قالغان ئىشىكلەر.
‏مەن ئالدانغان ئىماگلارغا پەرۋا قىلماي،
‏زۇلمەتتىن زۇلمەتكە،
‏يوقلۇقتىن يوقلۇققا ماڭدىم.
‏ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم...
‏مېنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۈچ،
‏ئەڭ  ئىپتىدائىي،
‏ئەڭ رەسۋا،
‏ئەڭ مۇدھىش...
‏ئەڭ مەۋھۇم نۇقتىغا مېنى مىخلىدى،
‏مىخلاندىم، قۇتۇلالمىدىم.
‏بۇ...
‏مەستلىك، ھۇزۇر ياكى ئالجىش بولۇشى مۇمكىن،
‏بۇ بىر خىل ئامالسىزلىق،
‏بىرخىل سۈيقەسىت،
‏بىر خىل تەكرارلىق،
‏بىر خىل قۇتۇلالماسلىق،
‏بىر خىل بەرباتلىق بولۇشى مۇمكىن...
‏مەن تەقدىرنىڭ ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن پۈتۈلىدىغانلىقىنى بىلىمەن،
‏ئۆزۈمنىڭ ھەر كۈنى پارچىلىنىپ كېتدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
‏مېڭەمنى يېرىۋېتەي دەپ قالغان كرىزىس،
‏مېنى تەسلىم بولۇشقا قىستايدۇ.
‏بىر تەلۋە، مەست پىتى ھەيدىگەن ماشىنىنىڭ مېنى بىسىپ ئۆتۈپ كېتىشنىمۇ تۇيۇقسىز ئويلايمەن،
‏لېكىن...
‏قاپقارا تەنھالىق توزۇپ كەتمەيدۇ.
‏مەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاڭا يەم بولغۇچە،
‏مېنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلايمەن.
‏بۇ بىر خىل تەقدىر،
‏مەن تەقدىرنىڭ ئىنسان تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن پۈتۈلىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
‏ئۆزۈمنىڭ ھەر كۈنى پارچىلىنىپ كېتدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن،
‏ھەر كۈنى  دېرىزەمنى چېقىپ كىرگەن قۇياش نۇرىدىن،
‏ھەر كۈنى مېنى سۆرەپ كېتىۋاتقان كېچىدىن،
‏ھەر كۈنى تەكرار قايرىلغان دوقمۇشتىن.
‏مېنى ساقلىمايۋاتقىنى ئېنىق راۋاقنى بەلگە قىلىپ ياماشقان پەشتاقتىن...
‏ئۈستۈمنى بوغۇپ تۇرغان ئەنئەنىدىن،
‏مەن پاتمايۋاتقان  ئىشىكتىن.
‏قۇتۇلالمايمەن،
‏بۇ بىر كەچمىش،
‏بۇ بىر تەكرارلىق...
‏بەلكىم ئەتراپتىن ئىزدىگەنلىرىم تارىختىن بۇرۇنقى ئىشلار،
‏ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرىدە خاتىرىلەنمىگەن،
‏ئورخۇن بويلىرىدا يۈز بەرمىگەن.
‏مەن ئويلايمەن...
‏مەن بەلكىم ئەپسانىلەرگە كۆمۈلۈپ قالغان ئەپسانە بولۇشۇم مۇمكىن،
‏ئۇلارنى كېيىنكىلەرگە دەپ بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
‏مەن مەڭگۈ ئۆلۈمنى داۋام قىلىمەن،
‏مەن مەڭگۈ مۇھەببەت ئىچىدە ئۇخلايمەن،
‏مەن چەكسىز ئۈمىدسىزلىكتە ئويغىنىمەن.
‏مەن تۇيۇقسىز جۆيلۈيمەن،
‏ئەي زۇلمەت،
‏ماڭا جىن چاپلاشقان!
‏ئەي ماڭا چاپلاشقان جىن!
‏ئەي مەن ئاشىق  بولغان بەرباتلىق،
‏ئەي مېنى ۋاز كەچتۈرۈشكە ئۇرۇنغان قاراڭغۇلۇق،
‏ئەي ماڭا تەكرار ئوقۇلغان ئەپسۇن.
‏سىلەر بىلمەيسىلەر...
‏مەن مېنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە ئۇرۇنغان مۇھەببەتكە ئالدانمايمەن،
‏ماڭا مېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇلغان ئەپسۇن كار قىلماس.
‏ئەمما مەن بىلىمەن...
‏مەن مەھكۇملۇقنى دەپسەندە قىلغۇچى ئورماندا چىڭ تۇرىمەن.
‏تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە يەتكەندە،
‏مەن يەنە مۇشۇ يەردە قالىمەن.

‏2015-يىل12-ئىيۇن ئۈرۈمچى

 



مۇھەممەتجان جۈمە ئەپەندىنىڭ فەيسبۇكىدىن ئېلىندى.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر