مائارىپ

مائارىپ ئارقىلىق مىللەتنى كۈچلەندۈرۈش ـ بىزنىڭ چىقىش يولىمىز

by Admin - Aug 19, 2021 0 Comment

 ئالماس ھاجى

 

ئۇيغۇرئاگېنتلىقى 19- ئاۋغۇست

 

 مائارىپ ـ تەربىيىلەش ۋە تەربىيىلىنىش جەريانىدىن تەركىپ تاپقان، ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان؛ كىشىلىك ھاياتنى   تەرەققىياتقا ، گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىجتىمائىي جەريان بولۇش سۈپىتى بىلەن مائارىپ يەنە ئەستايىدىللىقنى ۋە ئىزچىللىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىدىغان روھى بىناكارلىقتۇر.  «مائارىپنىڭ نەتىجىسى دەرھاللا ، ھەتتا بىرقانچە يىلدىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، تەسىرى زور. شۇ سەۋەپتىن، ئۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى كۆرۈلگەندە بىر دۆلەتنى، بىر مىللەتنى كۈچلەندۈرۋەتكىدەك قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەكسىچە مەغلۇپ بولغان مائارىپ بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ».

        خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلار تارىختىن بىرى ياشاپ كەلگەن گۆھەر زىمىن ـ شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ زېمىننىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى مىللەت گەۋدىسى بىلەن يوقۇتۇش ۋە تەل تۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېرىقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى.«يىغىشتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇش»، «بىرىنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»،«قىلچىمۇ رەھىم قىلماسلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ،«2017- يىلنىڭ باشلىرىدىن 2019- يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەرخىللىرى قاتلىمىغا مەنسۇپ بولغان 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ » تۈرمىلەرگە ۋە جازا لاگىرلىرىغا قامىدى.دەھشەتلىك قىيىن- قىستاق،ئادەم چىدىغۇسىز نەزەربەند قىلىش، جىسمانى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن سۇندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ،بىر قىسمىنى ئۆلتۈردى، بىر قىسمىنى ئىچكىرى خىتاي تۈرمىلىرىگە يۆتكەپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلدى، بىر قىسمىنى قىيناش ۋە ئازاپتىن ئەسلىگە كىلەلمىگىدەك دەرىجىگە يەتكۈزۈپ ، قاراڭغۇ زىندانلىق تۈرمىلەرگە باقىۋەندە قىلدى.بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىلىرى ـ يۇرت باشلىرى،دىنى ئۈلىمالىرىمىز،جامائەت ئەربابلىرى، ئوقۇتقۇچىلار،ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، يازغۇچى، شائىرلار، داڭلىق سودىگەر ـ كارخانىچى قاتارلىق ئۇيغۇر سەرخىللىرى دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچراپ، ئېرىقى قىرغىنچىلقنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولدى،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى سەركىسىز، باشسىز ، تەربىيىسىز قالدۇرۇپ، سەرخىللىرىدىن جۇدا بولغان، مىللىي روھى تۇنجۇققان، ئومۇرتقىسى ئېزىلگەن مىللەتكە ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.بۇ ئېرىقى قىرغىنچىلىقنىڭ دەھشەتلىك زەربىسىدە خەلقىمىز نەچچە ئون يىللاپ ئەسلىگە كېلەلمىگۈدەك دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.بۇ زىيانكەشلىك ئالدى بىلەن مائارىپتا ۋە شۇ مائارىپتا يېتىشىپ چىققان سەرخىللىرىمىزنىڭ دەھشەتلىك زەربىگە ئۇچراپ يوق قىلىنىشىدا كۆرۈلدى.

       تارىختىن بىرى نۇرغۇن چەكلىمە ۋە زىيانكەشلىكلەر تۈپەيلى مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويالمىغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە، مۇستەملىكە مائارىپىدىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر پۈتۈنلەي يوق قىلىنىپ ،مۇستەملىكە مائارىپى ئىچىدە ئاتالمىش ئۇيغۇر مائارىپى دەپ نام بىرىلگەن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇشمۇ يوق قىلىندى . بىر مىللەت تەرەققىياتىنىڭ ھۈل تېشى مائارىپتۇر. مائارىپقا كۆڭۈل بۆلگەن،مائارىپى تەرەققىي قىلغان مىللەت ھەر جەھەتتىن تەرەققى قىلىپ قۇدىرەت تاپىدۇ، ئەكسىچە مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەن،ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپ يولىنى تاپالمىغان مىللەت ـ مائارىپى مەغلۇپ بولغان مىللەت ۋەيرانچىلىق، پاراكەندىچىلىك كوچىسىدىن چىقالمايدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن باشتىن ئاخىر بىزنىڭ مائارىپىمىزنى تىزگىنلەپ ، ھەر جەھەتتىن بوغۇپ قىرقىپ كەلدى. ئارىمىزدا ساتقۇن مۇناپىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپ قوللىشى بىلەن «قوش تىللىق»مائارىپنى يولغا قويۇپ،تىل - يېزىقىمىزنى قاتاردىن چىقىرىش ئۈچۈن زىمىن ھازىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن،ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە مائارىپىدا ئاتالمىش ئۇيغۇر مائارىپى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ سەپتىن چىقىرىلدى.ھازىر ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرىكىدەك بەزى يوچۇق ۋە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي روھتا تەربىيىلەش ۋە تەربىيەلىنىشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتايچە تىل بىلەن،كوممۇنىستىك روھ بىلەن خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيىلەۋاتىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولسا شۇ دۆلەت مەكتەپلىرىدە تەربىيىلىنىپ ، خوشال ـ خۇراملىق ئىچىدە ، رازىمەنلىك بىلەن ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى تۇمانلاشتۇرىدىغان ئاچچىق رىئاللىق .

        شۇڭا، ھازىرقى مۇھىم ۋە جىددى مەسىلە ـ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش، ئەۋلادلىرىمىزنى قانداق قىلىپ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزگە لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش مەسىلىسى بولۇپ قالدى.

       بۇ يازمىدا ھازىرچە پەقەت تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداق يولغا قويۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈلىدۇ.

      تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا كۆپرەك، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى تۈرك مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ.شەخسىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر ئېچىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا يەنىلا تۈرك مەكتەپلىرىدە داۋام ئېتىشتىن باشقا يول يوق. ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشتا بىر قانچە نۇسخا ئېلىپبە كىتابى ۋە تىل ـ ئەدەبىيات كىتابى نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ،لېكىن، بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك كىتابلىرى تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىدى.ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇنتىزىملاشمىغان ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا .ئىقتىسادى جەھەتتە دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان راسخوت  يېتىشمەسلىك مەكتەپ ئاچقۇچىلارنىڭ قول پۇتىنى چۈشەپ ،پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ئورۇندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قۇرئان ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئېچىلغان بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، بەزىلىرى خېلى ياخشى شارائىتقا ئىگە بولسىمۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق ئەمەس.مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقا مەكتەپلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش مەسىلىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.  بۇنىڭغا ئوخشاش بىزنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش- مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش،مائارىپىنىڭ تەكشى يۆنىلىشتىكى ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ ئومۇمى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە ھەم يەتكىلى بولىدۇ.

        يېقىندا، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى،ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى ۋە  سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ ۋەخپىلىرى بىرلىشىپ ،مىللى ئاڭ ۋە مىللى روھنى يېتىلدۈرۈپ، كۆچمەنلىك ھاياتتا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىدىن ئاستا ئاستا يىراقلىشىشتەك رېئاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ ، ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىش ، چىقىمىنى كۈتۈرۈپ مەخسۇس كۇرسلىرىدا تەبىيىلەش ، قەرەللىك مەخسۇس تېمىلاردا دوكلات ئۇيۇشتۇرۇش،كىتاپ ئوقۇشقا يېتەكلەش ۋە دالا پائالىيىتىگە تەشكىللەشتەك مىللىي روھتا تەربىيىلەش مەقسەت قىلىنغان تولۇقلىما مىللىي مائارىپ تەربىيىسى ـ «ئۈمىت تەربىيىلەش پروگراممىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش،ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇپ ئەۋلادلىرىمىزغا ئىگە چىقىش يولىدا ئېلىنغان بۆسۈش خاراكتېرلىق قەدەم بولدى.چۈنكى، بىزنىڭ«چەتئەلدىكى سانى ئاز بولغان بالىلىرىمىزنى ئۇنۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش،مۇھىم ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق، سانىمىزنىڭ ئازلىقىنى سۈپىتىمىزنىڭ يۈكسەكلىكى بىلەن تولۇقلاشتىن باشقا يولىمىز يوق» ئىدى (ئابدۇرەھىم دۆلەت). شۇڭا، ۋاقىتنى ئۇتقۇزماسلىق ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىشىمىز لازىم ئىدى. بۇ ناھايىتى جايىدا ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان قوزغىلىش بولدى.

        چۈشىنىشىمچە، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇشتا ئالدى بىلەن ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش،تۈرك مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈرك مائارىپىغا يانداشقان ھالدا ئۇيغۇرچە سىنىپ ياكى مەخسۇس كۇرسلارنى تەشكىللەپ مىللىي ئاڭ ۋە ئۆزلۈك تەربىيىسىنى يولغا قويۇش ،قۇلايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ،تۈرك مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇرچە سىمىنا سىنىپلىرىنى تەسىس قىلىپ، سىستېمىلاشقان ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكى ھەم ئۇيغۇر تارىخى دەرسلىكىنى ئوقۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ـ «ئۈمىت تەربىيىلەش پىرۇگىراممىسى»نىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئىدى . بۇنداق قىلغاندا ھەر قايسى دۆلەتلەردە باشقا تىللاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي شارائىت تەسىرىدە ئاستا ئاستا ئۆزلۈكىدىن ياتلىشىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرامەكتەپكىچە بولغان ئاساسىي مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش ئوقۇغۇچىلاردا مىللىي ئاڭ يېتىلدۈرۈش ۋە ئاساسى بىلىم دەرسلىرىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەت ۋە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

       «ئۈمىت تەربىيىلەش پروگراممىسى» دا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ ئاز بولىشىدەك  يېتىشمەسلىكنى، سۈپەت يۈكسەكلىكى يارىتىش ئارقىلىق تولۇقلاش؛ مىليون ئادەم قىلىدىغان ئىشنى بىر ئادەم قىلالايدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ رېكورد يارىتىش شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەقسەت ۋە نىشانى بىرقەدەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالى مەكتەپكىچە ۋە ھەتتا دوكتۇر، پروفېسسور بولۇپ يېتىشىپ چىققىچە بولغان جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا  باشتىن ئاخىر ئىگە بولۇش، يەنى  ئۇلارغا بولغان ئىقتىسادى ياردەمنى ۋە تەلىم -تەربىيەنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرىغا يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولىشىدا كەسپى خادىملار بىلەن مالىيە مەسىلىسى ئاساسى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك مۇئەسسەسەلەر تەسىس قىلىنىشى ۋە مائارىپنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەشكە ئومۇمى خەلق سەپەرۋەر قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن :

        1- مائارىپ خىزمىتىگە يىپەكچىلىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر مائارىپ كومىتېتى(ۋەخپىسى)» تەسىس قىلىنىشى لازىم.بۇنىڭ ھەيئەتلىرى كەسپى خادىم بولىشى،ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئېتىراپ قىلىدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىق خادىملاردىن تەشكىل تاپقان بولىشى لازىم.

      2-مائارىپنى ئىقتىسادى جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» تەسىس قىلىنىپ،مائارىپنىڭ پۈتۈن راسخوت،چىقىملىرىنى ھەل قىلالايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈلۈش كېرەك.

     3-مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇر ئۇيغۇرمائارىپى ئۈچۈن ئۇيغۇر مائارىپ فوندىغا ھەر ئايدا مۇۋاپىق مىقداردا بەدەل پۇلى تۆلەشنى يولغا قويۇپ،بۇنى ئۇيغۇرلۇق سالاھىيەت بىلەن ھەرقانداق ئىش بېجىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش لازىم.

       مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈشكە،تەشكىلى ئاپپاراتلارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، سېستىمىلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇخىزمەتنىڭ پىلانچانلىقىغا، ئىزچىللىقىغا،ئۇزۇن مۇددەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.شۇڭلاشقا «ئۇيغۇر مائارىپ كومىتېتى»نى قۇرۇش، «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى روياپقا چىقىرىش ھازىرقى ئەھۋالدا شەرتسىز زۆرۈرىيەتتۇر!

       «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى روياپقا چىقىرىشتا بەدەل پۇلى يىغىش،خەيرى ئېھسان قوبۇل قىلىش،مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ئورگانلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ.تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانىنى ئەللىك مىڭ دەپ مۆلچەرلىگەندە، ھەر ئايدا كىشى بېشىدىن 20 لىرادىن بەدەل پۇلى يىغىلسا بىر ئايدا بىر مىليون لىرا پۇل يىغىلىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەردىن كېلىدىغان پۇلنى ئاز دېگەندە بىر مىليون لىرا دەپ ھېسابلىساق ئايدا ئىككى مىليون لىرا بولىدۇ،بۇ پۇل تۆۋەنرەك خىراجەت بىلەن خام چوت قىلغاندا مۇئەسسەسىلەرنىڭ راسخوتلىرىغا، 90 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە كەسپى خادىمنىڭ مائاشىغا، 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادى ياردەم بېرىشكە يىتىپ قالىدۇ. ئىش شۇنداق باشلانسا، كېيىنچە بۇ ئېقىن چوڭىيىدۇ، ئەلۋەتتە ، ئاللاھ خالىسا.  بىزدىكى مۇمكىنچىلىك ۋە ئىمكانىيەتلەرنى، مېنىڭچە، مۇشۇنداق مۆلچەرلىگىنىمىز ياخشىراق . ئەلۋەتتە، بۇ ساننى قولغا كەلتۈرۈش ئانچە ئاسان ئەمەس، ، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.  سەۋەبىنى قىلساق، تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.

       بىز دەۋاتقان مىللى روھ ـ ئانا يۇرتنى ـ ۋەتەننى سۆيۈش، مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى، ئار ـ نومۇسىنى، غۇرۇرىنى، مىللىي قەدىرىيەتلىرىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى جان تىكىپ قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. بىز دەۋاتقان مىللىي روھ ـ مىللىي مەنپەئەتنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، بىر نىيەت، بىر دىل بىلەن ئىتتىپاق بولۇش، كەڭ بىرلىك سەپ تۈزۈپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى تۇرۇش ؛ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋەتەننى ئازات قىلىش دىمەكتۇر.

       مۇھاجىرەتتىكى تەلىم  ـ  تەربىيەگە ۋە تەشۋىقاتقا بۇنداق مىللى روھىنى سىڭدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ـ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر، مۇھاجىرەتتە ئائىلە تەربىيىسى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپنى ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇش ۋە بۇنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەت يۈكسەكلىكىدە تونۇش ـ مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى. تەلىم ـ تەربىيەدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇنتىزىملاشقان ، سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشىدۇر. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى تارقاق ھالدا ئۆز ئالدىغا مەكتەپ ئېچىپ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىداكار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى، ياكى بۇمۇ بىر پۇل تېپىشنىڭ يولى دەپ قاراپ ياردەمسىز، يۆلەكسىز تاشلاپ قويۇش توغرا ئەمەس .ئۇلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كۈچلۈك ۋە يېتەرلىك ئىقتىسادى مەنبەگە ئىگە قىلىش لازىم. كېرەك بولسا خەير ـ ساخاۋەت ئورۇنلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمىنى ئۇيغۇر مائارىپ فوندىغا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. ئەگەر، ئەۋلادلىرىمىزدا ئۇيغۇر روھىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىدا تۇتمىساق، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغان بولىمىز، مۇستەقىللىق دەۋايىمىز ئىگىسىز قالىدۇ.

       شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يولىنى تېپىش ۋە ئونى توغرا يولغا قويۇش، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش بىز چوقۇم مېڭىشقا تىگىشلىك يول، بىز پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش، ھەر ساھە بويىچە تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. بىز پەقەت مائارىپ ئارقىلىقلا كۈچلۈك بولالايمىز. بىزگە كېرەكلىك ئالى مەلۇماتلىق ئوقۇتقۇچىلار، سىياسى ئەربابلار، تەشكىلاتچىلار، ھەربى قوماندانلار، ھەرساھە مۇتەخەسسىسلىرى، ئىلىم ـ پەن خادىملىرى ھەممىسى پەقەت مائارىپ ساھەسىدە تەربىيىلىنىپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئۇلار مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا مىللىي روھقا تويۇنۇپ بىلىم ئالسا ئۇيغۇرنىڭ سەرخىللىرى، ئۇقۇمۇشلۇقلىرى، يېتەكچىلىرى، ئاۋانگاردلىرى بولىدۇ. مىللىي رۇھقا تويۇنمىسا ئۇيغۇر روھى يېتىلمىگەن، ئۇيغۇرغا ئەسقاتمايدىغان، نامىدا ئۇيغۇر زىيالىي بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە مۇھاجىرەتتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلىپ مىللىي روھنى سىڭدۈرۈپ تەربىيىلەش مەسىلىسىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە، داۋاملىق ئىزدىنىپ ، ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .

         ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇشتا مۇنتىزىملاشقان كەسپى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلار  قوشۇنىنى قورۇپ چىقىش مەسىلىسى بۇ خىزمەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە.بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا ئىقتىسات مۇھىم رول ئوينايدۇ.كەسپى خادىملار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان خىزمەت ھەققى باشقا ئورۇنلاردا بېرىلىدىغان خىزمەت ھەققى بىلەن تەڭ بولىشى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ قوشۇننىڭ تەركىۋى تولۇق، سۈپەت تەلىپى مۇۋاپىق، ئورنى مۇقىم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.بۇ مەسىلە «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ.

      ھازىر ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى ئېچىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان مەكتەپ يېتەكچىلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتقان ۋەخپە، دەرنەكلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يادرولۇق كۈچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار قانچە يىلدىن بىرى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاز بولمىغان نەتىجە، ھاسىلاتلارنى يارىتىپ،، مەلۇم تەجرىبە ساۋاقلارغا ئىگە بولدى. مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سېپىنى تولۇقلىشىمىز، دەرسلىكلىرىنى تولۇقلاپ بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، سىستېمىلاشقان، پىرۇگىراممىلاشقان دەرىجىگە كۆتۈرۈشىمىز لازىم. ئۇلارنى ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشتا مەبلەغدىن بويۇن قىسىپ قالمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. بۇ يەنە «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى يولغا قويۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزگە باغلىق بولىدۇ .

      دېمەك، «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى» مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى. ئەگەر «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى ياخشى يولغا قويالمىساق مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش ماڭدامدا قېيىقچىلىق ۋە توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇر «ئۇيغۇر مائارىپ فوندى»نى قوللاپ قۇۋۋەتلەتلىشىنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى دەپ تونۇشىنى، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە كۈچ قوشىۋاتىمەن دەپ قارىشى لازىم. مەسىلىگە مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتە قارىغاندا، ئاندىن بۇ ئىش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.

      بۇ يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىم مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دەسلەپكى پىكىر ـ قاراشلىرىم. بەلكىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىم يىتەرسىزلىكى تۈپەيلى مەسىلىگە چوڭقۇرلاپ كىرەلمىگەندىمەن،قاراشلىرىمنىڭ جايىدا بولمىغان تەرەپلىرى بولىشى تەبىئىى. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ تولۇقلىشىنى، يېڭى مەزمۇن-تەكلىپلەر بىلەن بېيىتىشنى ئۈمىت قىلىمەن. ھەممىمىز بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلەيلى، بۇ ھەقتە باش قاتۇرايلى، ئىزدىنەيلى، پىكىرلىشەيلى، ئۆزئارا ياردەملىشەيلى. «نان تېگىدىغان ئىش»نى قىلىشايلى.

       

كۆپ كۆرۈلگەنلەر