ئوتتۇرا ئاسيا ئۇيغۇرلىرى

قازاقستاننىڭ ئالماتا ئوبلاستى پەنجىمدە ئۇيغۇر-قازاق توقۇنۇشى پارتىلىدى.ئۇيغۇرلار يارىلاندى.ئۇيغۇر رايونى نامى ئۆزگەرتىلەمدۇ؟

by Admin - Nov 01, 2021 0 Comment

ئەكرەم ئىمىنوف (قازاقىستان)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 1-نويابىر
 
ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى ، قازاق ئىنفو،جاك پىرەس ئاگېنتلىقى قاتارلىق10 دىن ئارتۇق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،27-ئۆكتەبىر قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتاغا تەۋە پەنجىمدە ئۇيغۇر ۋە قازاق ياشلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلگەن بولۇپ، كۆپ نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرى يارىلانغان،ئارىسىدا بىرنىڭ كۆزى قۇيۇۋىتىلگەن، بىر قىسم ئۇيغۇر ئۆيلىرىگە ئوت قويۇۋىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە خەۋەر قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بىر قىسم قازاقىستان زىيالىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى تاپشۇرۇۋالدى،بىز خەۋەرلەرنى دەلىللەش، كۆپ مەنبەلەرنى تەكشۈرۈش سەۋەبىدىن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىمىزنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق.
ئازاتلىق رادىئوسى قازاقچە بۆلۈمنىڭ خەۋەر قىلىشچە، توقۇنۇش -27-ئۆكتەبىر كەچ ئالماتا ئوبلاستى، پان فىلوۋ رايونى، پەنجىم يېزىسى بىر ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق ياش ئۇرۇشقان بولۇپ، ئارقىدىن بۇ پۈتۈن ناھىيىدىكى ئۇيغۇر-قازاق توقۇنۇشغا ئايلانغان. پەنجىم ناھىيىسى 28-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، قامال قىلىنغان بولۇپ، پەنجىمگە بارىدىغان ياركەنت يولى ۋە غۇلجا چېگرىسىغا يېقىن ئالماتا چوڭ يولى ساقچىلار ۋە ھەربى تەرەپ تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.
قازاق رىېكىتلار (قارا جەمئىيەت خادىملىرى) ئادەم تەشكىللەپ، پەنجىم ئۇيغۇرلىرىغا تاش ئاتقان،مەھەللىرىنى كېچىلىرى قورشىۋالغان.30-چېسلا قاتناش راۋانلاشقان. پان فىلو ھاكىمى تالگات ئۇمرالىيۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا، بۇ ئېتنىك توقۇنۇش ئەمەس،يېزا ياشلىرىنىڭ جېدىلى،يارىلانغان ئۇيغۇرلار دوختۇرخانىغا ئىلىپ بېرىلىپ،داۋالىنىۋاتىدۇ دېگەن. يېغىنغا يارىلانغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، بالىلىرى ئابدۇللا روزىباقىيۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان ئۇچ ئۇيغۇر ئانا يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:« بۇ ئۇرۇش تۈنۈگۈن بولغان ئ‍ش ئەمەس،بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى قازاق بالىلار بەك بوزەك قىلىدۇ، يۈزلىرىگە تۈكۈرۈدۇ، ھەتتا ئۇلار تازىلىق ئۆيىگىمۇ خاتىرجەم بارالمايدۇ.قازاقلار بالىلىرىمىزنى ۋىدىئوغا تارتىپ تىك-توكتا مەسخىرە قىلىپ ئوينايدۇ.»
ھاكىم بۇ ۋەقەدە زىيانلانغۇچى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھاكىم كۆيدۈرۈلگەن ئۆينىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەن بولۇپ، بىر ئۇيغۇر ئايال ھاكىمنىڭ سۆزىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى،كۆيدۈرۈلگەن ئۇ ئۆينىڭ ئۆز ئ‍ۆيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.يەنە بىر ئۇيغۇر ئايال :ئۇيغۇرلار قازاقلاردىن تۆۋەن مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ! دەپ ۋارقىرىغان.
نەق مەيدان تارتىلغان ۋىدىئ‍ودا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقلار تەرىپىدىن « گەپ قىلما،توختا ،بولدى قىل» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاغزىنى ئەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۈچ ئۇيغۇر كىشى قورقماي «بىزگە ئادالەت يوق» دەپ نارازىلىق سۆزىنى بىلدۈردى.
ھاكىم بولسا:«ئۇنداق ئ‍ش يوق،ھەممە مىللەت باراۋەر، ھەممىمىز قازاقستانلىق »دېدى. ئارقىدىن نەق مەيداندا بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنىگە چېقىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇر خەلقىم نامىدىن ئەپۇ سورايمەن، بىز ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، بىز ئۇيغۇرلار ھازىر قازاقلاردىن تۆۋەن تۇرىمىز، بۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن رەنجىمەسلىكىمىز كېرەك»
قازاق ھاكىم بۇنىڭغا جاۋابەن: «بەك توغرا دېدىڭ» دېگەن.ئارقىدىن يەنە بىر ئۇيغۇر ئورنىدىن تۇرۇپ: بىز ئۇيغۇر، قازاق بىر مىللەت، ھەممە ئ‍شنى مەكتەپتە ھەل قىلشىمىز كېرەك »دېدى.
يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋاتس ئاپ ئارقىلىق مۇنداق دېدى: ھاكىمنىڭ دېگەنلىرى راس ئەمەس،ئۇ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن ئ‍شنى كىچىكلىتىۋاتىدۇ، بۇ بۇگۇن تاساددىپىي چىققان ئ‍ش ئەمەس، قازاقلار بىزگە «بۇ يەر سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار ئەمەس، سىلەر بۇ يەردىن كېتىڭلار» دېگىلى ئۇزۇن بولدى،ئۇيغۇر رايونى دېگەن ئ‍سىمنى ئۆزگەرتىمىز، سىلەرنى قوغلايمىز دەپ ئوچۇقتىن ئوچۇق دەۋاتىدۇ،ۋىدىئولاردا سۆزلەۋاتىدۇ،ھۆكۈمەت بۇنى توسمايۋاتىدۇ.قازاقلار ئۇچ ھەپتىدىن بىرى بۇ ئەتراپتا ئاۋارىچىلىق تېرىۋاتىدۇ، ئۇرۇش بىرلا قېتىم بولغان ئەمەس،ھۆكۈمەت مەسىلىنى يوشۇرۇپ ھەل قىلالمايدۇ.
يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا دېيىشچە، پەنجىمدە ئورالما يەنى ۋەتەندىن چىققان قازاقلار كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ پەنجىمدىن كېتىشنى خالايدۇ،ئۇيغۇر رايونى دېگەن ئ‍سىمنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەنجىم-كىچىك يېزا بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەشكىل تاپقان.قازاقلار كۆپ .
مۇرات ئالماسوۋ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئ‍سمىنى ئۆزگەرتىش پىكرى يوق ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئ‍سمىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ۋەتەندىن چىققان قازاقلاردىن سېرىكجان بىلاش كۈچلۈك تەشۋىق قىلغان بولۇپ، ئۇ يوۋ تۇبتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى قەشقەر، شۇ يەرگە كەتسۇن دېگەندىن كىيىن،توردا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولدى.ئۇنىڭ سۆزلىرى قازاقستاندا بىر قىسم رادىكال كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. سېرىكجان بىلاشنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولمىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى قازاق مىللەتچىلىرى ۋە قازاق رېىكىتلىرى بىلەن بىردەك ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارشى سوسيال مدىيا ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن.
ئالماتىدىن ئۇيغۇر زىيالىسى رۇستەم ئەخمەتوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قازاق مىللەتچىلىرى ئىنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەملىك ئىرقچىلىق شۇئارلىرىنى تارقىتىشقا، ئۇيغۇرلارنى ھاقارەت قىلىشقا ، ئۇيغۇرلارنى چەكلەش ۋە قازاقستاننى ئۇيغۇرلاردىن تازىلاش كېرەك دىگەندەك قانۇنسىز شۇئارلارنى تارقىتىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت ئادەملىرىمۇ ياكى بىر سياسىي تەشكىلاتىمۇ ھازىرچە ئۇققىلى بولمايدۇ. » ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى بۇ رايوندىكى نەچچە يىللاردىن بىرى ئ‍ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش ۋە ئۇرۇش قاتارلىق بېسىملارنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرمەكتە.
ئالماتىدىن گۇلناز قاسموۋا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بىلەن قازاقلار ئوتتۇرىسىدا مەسلە كۆرۈلۈش بولۇپ تۇرىدۇ،ئەمما ئۇيغۇرلار بۇلار ھەققىدە كىمگە دەرد تۇكسون دەيسىز ؟ ھۆكۈمەتتە بىز تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان ئادەم تېپىشتا قىينىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئالدىراپ ئاشكارىلىمايدۇ،چۈنكى ئۇلار بۇلارنى دېسىمۇ ئۇلارغا كىم ياردەم قىلىدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر قازاقىستان بىلەن ختتاينىڭ مۇناسۋىتى بەك يېقىن،خەتەر بىزگە بەك ئېغىر بولۇۋاتىدۇ.»
قازاقستانلىقلار ئ‍ئىشلىتىدىغان ۋىكى، فايىس بۇك، ۋاتس ئاپ قاتارلىق سويسال مدىيالاردا قازاق-ئۇيغۇر توقۇنۇشى ھەققىدە بىر قىسم ۋىدىئولار بولۇپ، بۇلارنى تارقاتقۇچىلار قازاق ئىكەن. ئەمما ۋىدىئولارنىڭ راس يالغانلىقى ئېنىقلىغىلى بولمىدى. ئېتنىك توقۇنۇشلاردا، توغرا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھۆكۈمەت ھەمىشە ئۇچۇرلارنى كېچىكىپ ئېلان قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۇچۇرلارنى سوسيال مىديالاردىن كۆرىدۇ.ھاكىملار ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئەنسىرەيدۇ،مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىش ۋە ھەل قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتى.ئەمما ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارغا ئ‍وڭ كۆزىدە قارىمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟
ئازاتلىق رادىئوسى قازاقچە بۆلۈم مۇنداق يازغان: قازاقستاندا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرسە، ھۆكۈمەت ساقچى ۋە ھەربى ئارقىلىق بېسقتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشلار بولۇپ تۇرىدۇ.ھەر قېتىم ھۆكۈمەت ساقچى ۋە ھەربى ئارقىلىق بېسقتۇرىدۇ،ئارقىدىن ئىككى مىللەتنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى چاقىرىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقستاندا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ يىل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاممىغا ئۇچۇر بىلدۈرۈش يېغىنىدا مۇنداق دېگەنىدى: قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا،ختتاي قازاقىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادى،دىپلوماتىك، مەدەنىيەت ۋە تىرورغا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە، بۇلارنىڭ تۈپكى مەقسىتى قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلارنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن -مىللەت داۋاسغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئىبارەت.
ئالماتىدىكى تىجارەتچى تۇرسۇنتاي ئالماسوۋ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى:يىللاردىن بىرى،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە مىللەتچى قازاقلارنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلدى،ئۇلارغا قويۇپ بەرسە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامىنى قازاق دەپ ئۆزگەرتكۈسى بار،بۇ قېتىملىق سوقۇشنىڭ سەۋەبى باشقا نەرسە ئەمەس، قازاق مىللەتچىلىرى بىر نەچچە يىل بولدى، ئۇيغۇر ناھىيسنىڭ ئ‍سمىنى ئۆزگەرتىسەن دەپ جېدەل قىلىۋاتىدۇ.نەزەربايىفمۇ ئەينى چاغدا قازاقلار ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلار قازاق دېگەنىدى، مەقسىتى،ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قازاق دەپ تونۇسۇن دەپ،يا بىزگە تېنچ ياشايدىغان بىر زېمىن يوقمۇ ئەي خۇدا، بىز ئۇيغۇرلار قازاقستانغا تۆھپە قوشتۇق،قازاقىستان ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدۇق، باج تۆلىدۇق،بىزنىڭ ئۇيغۇرلار قازاقستانغا ھەسسە قوشۇۋاتىدۇ.قارا، بىز قازاقىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى دەپ ئۇيغۇرستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئاۋاز چىقارمىدۇق، بىز ئۆزىمىزنى ساقلاپ تېنچ ياشساقمۇ بولمامدۇ ؟زادى بىزنى نىمە قىلسۇن دەيدۇ بۇلار؟

كۆپ كۆرۈلگەنلەر