مەمۇرى

ئاتالمىش«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»خەلق ھۆكۈمېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇۋانىڭ چېرىكلىك دىلوسغا سوت ئېچىلدى.

by Admin - Aug 04, 2021 0 Comment

ئاتالمىش«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»خەلق ھۆكۈمېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇۋانىڭ چېرىكلىك دىلوسغا سوت ئېچىلدى.

 

ئۇيغۇرىئان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 

4-ئاۋغۇست، 2021-يىلى

 

ئۈزۈندە: رېن خۇۋاغا ئوخشاش ختتاي  ئەمەلدارلار -ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇرىيە تۇپرىقىدىكى دىكى مۇستەملىكە-قىرغىنچىلىق-بۇلاڭچىلىق سياستىنىڭ نامايەندىسى.ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېىنىنى شورىغۇچى رىن خۇۋا ئەللىك مىلىيون خيانەت قىلغان بولسا، باشقىلىرى يەنە قانچىلىك قىلماقتا؟

 

 

ختتاينىڭ خەلق تور بەرگەن خەۋەردە دىېيلىشچە،2021-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇانىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىلغان.

خەۋەردە مۇنداق دىيلگەن:

 

سۇجوۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2007-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار رېن خۇا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، شىركەت تىجارىتى، بانكىدىن قەرز ئېلىش، خىزمىتىنى يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 47 مىليون 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مالنى قۇبۇل قىلغان..

ختتاي دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭ تەخىتكە چىققاندىن بىرى،ئۆزىنىڭ سياسى رەقىپلىرىنى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن تەكشۈرۈش ۋە جازالاشنى يولغا قويغان .

 رېن خۇۋاغا ئوخشاش چېرىك ئەمەلدارلار -ختتاينىڭ مۇستەملىكە-قىرغىنچىلىق-بۇلاڭچىلىق سياستىنىڭ نامايەندىسى.

 

http://uyghur.people.com.cn/156325/15853443.html

 

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر