ھۆكۈمەتلەر مەيدانى

ختتاي: ياۋروپا ئېتتپاقى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشنى شەرت قىلغاچقا«شنجاڭ»غا زىيارەت قىلىشنى رەت قىلىمىز.

by Admin - Jul 30, 2021 0 Comment

ختتاي: ياۋروپا ئېتتپاقى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈشنى شەرت قىلغاچقا«شنجاڭ»غا زىيارەت قىلىشنى رەت قىلىمىز.

 

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

30-ئېيۇل، 2021-يىلى

 

ئامېرىكا بىلومبىرگ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش شنجاڭ تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى شۇگۇشياڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىدا، ختتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى ئاقلىغان.شۇنداقلا نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەن.ئۇ ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ زىيارەت مەسلىسى ھەققىدە مۇنداق دىگەن: ياۋروپا ئېتتپاقىنىڭ شنجاڭنى زىيارەت قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلىمىز،چۈنكى ئۇلار ئىلھام توختى ۋە باشقا جىنايەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلدى.بۇ ختتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۈرمەتسزلىك قىلىشتۇر.

ياۋروپا ئېتتپاقى ماي ئېيىدا، ختتاي بىلەن ئىلىپ بىرىلماقچى بولغان يېڭى تۈرلۈك سودا كېلىشمىنى ئۇيغۇر مەسلىسىنى سەۋەب قىلىپ (ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۈرتكىسى بىلەن) توختاتقان بولۇپ، بۇ ختتاي ئۈچۈن ئىغىر دىپلوماتىك مەغلۇبىيەت ھسابلىنىدۇ.

ياۋروپا ئېتتپاقى-ئامېرىكا ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ بېسمىغا دۇچ كىلىۋاتقان بولۇپ،ياۋروپا ئېتتپاقى ئۆتكەن ئايدا ختتاينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنىنى بايقۇت قىلىش قانۇن لايىھسنى ماقۇللىغان.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر