قېرغىنچىلىق ۋە ئاسسلماتسيە

5. ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز !


5. ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز !    

ھەبىبۇللا ئىزچى 

 

     5. ئيۇل  قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك كۈنلەردىن بىرى !

5.ئيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر! بىز بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز ! ۋە  بۇ قىرغىنچىلىقتا  بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز ! بۇ كۈنى تانكا ئالدىدىكى تۇرسۇنگۈل ،قۇچىقىدا بالىسى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك بوۋىقىنى ئۆيىدە قويۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان تۇرسۇننىيازخان، كۆك مايكىلىق قىز دىلبەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل ۋە نۇزۇگۇم روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنى ،تاجاۋۇزچىلارغا مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم  دۇنياغا جاكارلىدى!

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھۆررىيەتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن بۇ كۈن شېھىت كەتكەن ، ۋە يارىلانغان، تۈرمىلەرگە سولانغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز بۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى،ئازاتلىق ئابىدىسىدۇر !   

.................................................

26- ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ پىلتىسى قاباھەتلىك، شۇنداقلا  خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بورۇلۇش نوقتىسى  «شاۋگۈەن ۋەقەسى» يۈز بەردى.

يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى شۇرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان 800 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياش  كېچىلىك ئۇيقۇسىنى ئۇخلاۋاتقاندا، زاۋۇتتىكى مىڭلارچە خىتاي پالتا_ پىچاق ۋە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن قوراللىنىپ بىگۇناھ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغان ۋە ئۇلارنى رەھىمسىزلەرچە كالتەكلەپ ئۆلتۈرگەن. شۇ كۈنى كېچىسى زاۋۇت قورۇسىنىڭ قانغا بويالغان سىن كۆرۈنۈشى ئۇيغۇرلارنى ۋە شۇنداقلا  پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى .

شاۋگۇەندىكى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ يوشۇرۇنۇپ ساق قالغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ئۇنۋېرسىتىتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ياشلار «ئۇيغۇر بىز » ،«سەلكىن»،«دىيارىم» قاتارلىق تور بەتلىرىدە   ئۇلار ئۆزلىرى شاھىت بولغان ئۇ دەھشەتلىك مىنۇتلارنى دۇنياغا ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىگە دىققەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاقتى ۋاقتىدا خەۋەر بېرىپ تۇردى.

 ۋەقەدىن ئامان قالغۇچىلار ۋە قېچىپ يۈرگەنلەر ،خىتايلارنىڭ كېچىدە ياتاقلىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۆمۈر توقماقلار ۋە پالتا پىچاقلار  بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ۋەھشىلەرچە  ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھەتتا ئۇيغۇر قىز-ئايال ئىشچىلارنىمۇ ئاياپ قويمىغانلىقىنى ، تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ۋىدىيولاردا بۇ زوراۋانلىقنى تاماشا قىلغاچ سىنغا ئېلىۋاتقان خىتايلارنىڭ،  ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارغا «ئاۋۇ يەردە بىر ئۇيغۇر بار، ئەنە ئاۋۇ يەرگە بىرى يوشۇرۇنۇۋالدى» دەۋاتقان ئاۋازلىرىمۇ بار ئىدى.

بولۇپمۇ ئەڭ دىققەتنى  قوزغايدىغان نوقتا، خىتايلارنىڭ بۇ  ھۇجۇمى سەھەر سائەت 4 كىچە داۋام قىلسىمۇ، شۇ چاغقىچە بىرەر ساقچىنىڭ  كەلمىگەنلىكى، ياكى ئۇلارنى بىرەرىنىڭ توسۇپ قالمىغانلىقى ئىدى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلق ئىچىدىكى ئىستىخبارات خادېملىىرى ئارقىلىق خەلقىنى مەقسەتلىك كۈشكۈرتۈپ بۇ قىرغىنچىلىقنى پىلانلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ۋە  قوماندانلىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كۆزگە ئىلماسلىق ۋە قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىشتەك سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ

ئۇيغۇرلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرۈدۇ.

خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ پەرقلىق مەلۇماتلار بېرىپ خەلقنى ئالداشقا ئورۇنۇدۇ. بىر قىسىم شاھىتلار ۋەقەدە ئاز دېگەندە 40-50 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالسا، خىتايدىكى سىنا، تېڭشۈن، بوشۈن قاتارلىق خىتايچە تور بەتلىرى 12 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا رەسمىي باياناتىدا بۇ ۋەقەدە ھەر ئىككىلىسى قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيەسىدىن كەلگەن ھاشىمجان ئەمەت ۋە سادىقجان غازى ئىسىملىك ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 80 نەپەردەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەھشىلەرچە ھۇجۇمغا قاتناشقان بىرمۇ كىشىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتماسلىقى، ھەتتا ئۇنى بىر خىتاي ئىشچى «زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار بىر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلدى دەپ ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقتىن كېلىپ چىققان جېدەل-ماجىرا» دەپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرىماقچى بولۇشى ۋە ۋەقەنىڭ جاۋاپكارىنى بىر ئۇيغۇر ياشقا ئارتىپ قويماقچى بولۇشى خەلقنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى ھەسسىلەپ تاشۇرغان ، ۋە زور جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلىپ پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.

نەتىجىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان چاقىرىقلار، خىتاينىڭ ئالاقىلىشىش ئەپى چ چ نى ئاچسىلا ئاپتوماتىك پەيدا بولىدىغان نامايىش چاقىرىقى قىلىنغان لەيلىمە ئېلانلارنىڭ نەتىجىسىدە ، 5-ئىيۇل كۈنى 300 دىن ئارتۇق  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تىنچلىق بىلەن ئادالەت تەلەپ قىلىپ،  تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرۇپ ،  ھۆكۈمەتتىن بۇ ئادالەتسىزلىككە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  

ئەمما  خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تىنچ شەكىللىك نامايىشنى قانلىق باستۇرۇپ « ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى،ۋەقەدىن كېيىن ئىز قوغلاپ توپلىغان ئۇچۇرلاردا ، ۋاڭلېچۈەن ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن ئاخىر كۈزىتىپ تۇرغان بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلغان چوڭ قوۋۇقتىكى ئېلېكتېر ئېنېرگىيە مېھمانخانىسىنىڭ مۇلازىمى شۆھرەت شۇنداق دەيدۇ، « ۋاڭ لېچۈەن ئۇ كۈنى بىرىنچى قەۋەتتىكى يول بويىدىكى داۋاملىق ئولتۇرۇدىغان ئايرىمخانىدا بىر نەچچەيلەن بىلەن ئىچىشىپ ئولتاردى. ئۇ كۈنى ئۇ ئىچىشنى ئەتىگەندىلا باشلىغان ئىدى. چۈشتىن كېيىن قادېر جۈجاڭ بىلەن بىر خىتاي كىشى كەلدى ، ئۇ ۋاڭلېچۈەنگە نىمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدۇق،ئەمما ۋاڭ ماشىنىسىغا چىقىۋېتىپ ئۇ ختاينىڭ كۆكرىكىگە غەزەپ بىلەن تەپكىنىنى كۆردۈم دەيدۇ.» يەنى بۇ كىشىنىڭ دېگىنى بويىچە ۋاڭلېچۈەن ئۇ كۈنى نامايىشتىن ئىككى يۈز مېتېر ئۇزاقلىقتا ئىدى

ئۇ كۈنى نەق مەيداندىن كۆرگەن كۆرۈنۈش مەيداننىڭ ئەتراپىدا قوراللىق ساقچىلار ،ئەسكەرلەر ، پۇقراچە كىيىنگەن ئەسكەرلەر ۋە ئىشپىيونلار تولۇپ كەتكەن بولۇپ ،ھەر تەرەپتىن بىردىن ئىككىدىن ياشلار بۇ يەرگە توپلىنىۋاتاتتى . شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپىدىن نامايىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، گۇاڭدوڭدا بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سورىقىنى قىلىش ۋە ھۈكۈمەتتىن ئۇيغۇر  قىزلارنى خىتايغا يۆتكەشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ياشلار كەلگەن ئىدى. مەيدانغا كىرمەكچى بولغانلار كىرىۋاتاتتى ئەمما چىققىلى قۇيۇشمىغان بولۇپ مەيداندا بىلەكلىرىگە ئاق باغلىغان ،ياكى ئاق ياغلىق چەككەن ياش قىز –ئوغۇللار ئاۋازسسىز ئولتۇرغان ئىدى.بۇ ۋاقىتتا تېخى قالايمىقانچىلىق باشلانمىغان بولۇپ مەيداننىڭ ئىچىگە كىرىپ قالمىغانلار قايتىپ كېتەلەيتى.

شەھەرنىڭ ھەر تەرەپىدە ئەسكەرلەرنىڭ ۋاقىراش- جارقىراشلىرى،ھۇقۇيتۇپ ماڭغان ساقچى ماشىنىلىرى،  ۋە بەزەن  خىتايلارنىڭ پىتراپ قېچىشلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئەتراپ تولىمۇ ۋەھىمىلىك بىر تۈسكە كىرگەن بولۇپ ئادەملەر  قىزىقىش،ھاياجان  ۋە قورقۇنچ ئىچىدە تېڭىرقاپ قالغاندەك ئىدى

  ھەممە يەردە ۋەھىمە ۋە سۈرلۈك كەيپىياتلار، قوراللانغان ئەسكەرلەر ،ساقچىلار ،پۇقراچە كىيىنگەن ئىشپىيۇنلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ،  جوڭشەن يولى تەرەپكە ماڭغان نامايىشچىلارغا قوشۇلالمىغان ئۇچيۈز ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچى ۋە ياشلار ھەر تەرەپتىن ساقچى ،ئەسكەر ،ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن  قىسماققا ئېلىنىپ جەنۇبى قوۋۇق تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى.ئەسلى نامايىشچىلار قوشۇنى خەلق مەيدانىدىن جوڭسەن يولى تەرەپكە ،ئۇيەردىن شىنخۇا جەنۇبى يولى تەرەپ بىلەن ماڭغان بولۇپ ،ھەربىلەر نەنمېن،سەھىيە نازارىتى ،ۋە دۆڭكۆۈرۈك تەرەپتىن شىنخۇا جەنۇبى يولىغا چىقىدىغان يول ئېغىزلىرىنى قامال قىلىۋالغاچقا  نامايىشچىلا قوشۇنىغا قوشۇلۇپ بولالمىغان ۋە گۇاڭدوڭ ۋەقەسىگە غەزىپى تېشىپ تۇرغان خەلقمۇ ئىستىخيىلىك ھالدا خەلق مەيدانىدىكى توپقا قوشۇلالمىغان نامايىشچىلارغا قوشۇلۇپ نەنمېن تەرەپتىن رابىيە قادېر سودا سارىيىغىچە بولغان ئارىلىقتىمۇ غايەت زور بىر نامايىشچىلار توپىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.

نامايىشچىلار  ئات بازىرى ئالدىغا يەنى باۋخىېڭ سارىيى ئالدىغا كېلىپ توسۇلۇپ قالغان ئىدى . ھەر تەرەپتىن قورشىۋېلىنغان نامايىشچىلار قوشۇنىغا  يەكشانبىلىك بازارغا چىققان كىشىلەر قوشۇلۇپ نامايىشچىلار كوچىغا پاتقۇسىز ھالغا كەلگەن ئىدى. پۈتۈن تىجارەتچى ۋە بازارچىلار بىر قىسمى پىتراپ قېچىشقا باشلىسا ،بىر قىسمى ئىستىخىيىلىك ھالدا نامايىشچىلارغا قوشۇلۇشقا باشلىدىغان ئىدى.

ئاخىرى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ خەلق ئىچىگە پۇقراچە كىردۈرۈۋەتكەن ئەسكەر ۋە ساقچىلىرى خەلقنى كۈشكۈرتۈپ قالايمىقانچىلىق چىقىشقا باشلىدى. ۋە بۇنى ئەتراپنى قورشاۋغا ئالغانلار پىلانلاپ قىلىۋاتاتتى.چۈنكى ياشلارنى تا خەلق مەيدانىدىن جەنۇبى قوۋۇققا سۈرۈپ كەلگۈچە توپتىن ئايرىلىپ قالغاننى ئوۋلاپ ماڭغان بولسا ،ئۇيغۇرلارنىڭ توپلاشقان يېرىگە كەلگەندە ياشلارنى كالتەكلەر بىلەن ئورۇپ باستۇرۇشقا ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ ئىستىخىيىلىك ھالدا نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە، ۋە نامايىشنى قالايمىقانچىلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىشكە  ھەركەت قىلىۋاتاتتى .

سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا شەھەرنىڭ شىنخۇا جەنۇبىي يولى ، نەنمېن، ئات بازىرى، ئۈچبۇلاق، دۆڭكۆۋرۈك، جەنۇبىي تېنچلىق يولى  ۋە باشقا پەرقلىق يەرلىرىدە قاپسىلىپ قالغان نامايىشچىلار خىتاي كۈچلىرى بىلەن تىركىشىۋاتاتتى.

شەھەردىن تېشىغا چىقالمىغان خەلق سودا سارايلىرى ۋە خەلقارا بازارغا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئالدىن تەييارلىق قىلىغان خىتاي شەھەرنىڭ پەرقلىق يەرلىرىگە خەلقنى ئورۇپ چېقىشقا ۋە قالايمىقانچىلىق چىقرىشقا كۈشكۈرتۈپ تاش ۋە يول خشلىرىنى تۆكۈپ قويغان ئىدى.

ئات بازىرى ئالدىغا كەلگەندە خەلقنى باستۇرۇشى  ۋە ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىزنى توپتىن ئايرىپ ۋەھشىلەرچە ئورۇشى نامايىشچىلارنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى كەلتۈرۈدۇ. بۇ ۋاقىتتا نامايىشچىلار ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەخپى ساقچىلار خەلقنى ئورۇپ چېقىشقا ۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا كۈشكۈرتىدۇ.

نەتىجىدە يول بويىدىكى ماشىنىلارنى ئورۇپ چېقىش ۋە ئوت قۇيۇشلار يۈز بېرىدۇ.

كەچ سائەت سەككىزلەردىن كېيىن خەلق، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەھەرنىڭ ئېلېكتېرىنى كېسىپ قاراڭغۇلۇق چۈشكەندە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەرگەنلەر ۋە ھەربىلەرنىڭ قىرغىن قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئۈرۈمچىنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى زىچ بولغان تەۇرىتاغ رايونى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ.

كېچىچە تۇتقۇن قىلىشلار ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق باشلىنىپ راھەتباغ ، ئات بەيگە مەيدانى، ئۈچبۇلاق، دۆڭكۆۋرۈك ۋە غالىبىيەت يولى ئەتراپىدا نۇرغۇن ياشلار ئېتىۋېتىلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىدۇ.

ۋاڭلېچۈەن شۇ كۈنى كېچىسى ۋە ئەتىسى ئارقا ئارقىدىن بايانات بېرىپ خىتاي خەلقىنى كۈشكۈرتۈشىنىڭ نەتىجىسىدە ، 7. ئيۇل كۈنى ئون مىڭلىغان خىتاي ۋە پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىلەر ئۈرۈمچىنىڭ ھەر يېرىدە ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكە ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكان ۋە تىجارەت ئۇرۇنلىرىنى ئورۇپ چېقىشقا ،ئوت ىۇيۇشقا باشلايدۇ.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى سانجى قاماقخانىسىدىكى ئىلھام ئىسىملىك بىرىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدا ،5. ئىيۇل كېچىسى ۋە 7 .ئىيۇلغىچە ئېتىۋېتىلگەنلەر، ھەمدەخىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر 3000 دىن جىق ئىكەنلىكىنى، ۋە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك شەھەرلىك ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر باشلىقى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.ھەقىقەتەن شۇ ۋەقەدىن كېيىن 8. ئايدا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر باشلىقى سىرلىق ئۆلگەن

ئۇنىڭ بايانىدا 7  ئىيۇن كۈنى ۋاڭلېچۈەننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ پەرقلىق يەرلىرىدە ، خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر 812 كىشى بولۇپ ، كۆپى پويىز ئىستانسىسى تەرەپتە،شىمالى قوۋۇق،غەربى شىمال يولى،دوستلۇق،تىببى ئۇنۋېرسىتىت،تەرەققىيات رايونى،كۆكتاغ رايونى،بەخت يولى، شۈيمۈگو،ئۇن زاۋۇتى ،تۆشۈكتام،سمۇنت زاۋۇتى قاتارلىق تەرەپتە خىتايلار كوچىدا كۆرگەنلىكى ئۇيغۇرنى كالتەك توقماقلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بېيمېن يەنى شىمالى قۇۋۇقتا ۋە رېنيۆ شىنگۇاڭ تەرەپتە ئىككى ئۇيغۇر قىزىنىڭ كاللىسىنى كېسىپ چېچىدىن دەرەخقە ئېسىپ قويغان ئېچىنىشلىق بىر رەسىم ۋە خىتايلارنىڭ قىرغىنچىلىق قىلغان كۆرۈنۈشلىرى خىتايلارنىڭ چ چ توپلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئىدى. 7. ئيۇل كۈنى ھەتتا بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ قوراللىرى يىغىۋېلىنغان بولۇپ ئۆيىدىن چىقماسلىق بۇيرۇقى بىلەن تارقىتىۋەتكەن.

     7. ئيۇل كۈنىدىن كېيىنمۇ ئەۋرەز يولىدىن تېپىلغان ۋە ئاشكارىلانمىغان جەسەت سانى ھەققىدە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىكى بىر ساقچى 170 دىن جىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. 7. ئيۇل كۈنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئۆيىدە قېلىشقا ئەۋەتىۋېتىلگەن بىر ساقچىنىڭ بايانىدا ئۆزىنىڭ 5. ئيۇل كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىدىنى توشۇشقا قاتناشقانلىقىنى ۋە  5. ئىيۇلدا داۋەندىكى ئەسكەرى گازارما ئىچىگە توشۇلۇپ مۇز ساندۇقىغا سېلىنغان جەسەت سانىلا  جەسەت توشۇغان ساقچىنىڭ تارتقان رەسمىدىمۇ  جەسەتنىڭ ئايىقىغا باغلانغان نومۇر 723 دەپ نومۇر ئېسىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

     5.ئيۇل قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىن زامان تارىخىدىكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ۋە خىتاي سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىدۇر! بىز بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايىز ! ۋە  بۇ قىرغىنچىلىقتا  بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتكەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەت بىلەن ئەسلەيمىز ! بۇ كۈنى تانكا ئالدىدىكى تۇرسۇنگۈل ،قۇچىقىدا بالىسى بىلەن ئۈچ كۈنلۈك بوۋىقىنى ئۆيىدە قويۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان تۇرسۇننىيازخان، كۆك مايكىلىق قىز دىلبەر ئۇيغۇر تارىخىدىكى رىزۋانگۈل ۋە نۇزۇگۇم روھىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەيدىغانلىقىنى ،تاجاۋۇزچىلارغا مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم  دۇنياغا جاكارلىدى!

شەرقى تۈركىستاننىڭ ھۆررىيەتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈن بۇ كۈن شېھىت كەتكەن ، ۋە يارىلانغان، تۈرمىلەرگە سولانغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز بۇ مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرى،ئازاتلىق ئابىدىسىدۇر !

خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن شەرقى تۈركىستاندا تېخىمۇ يۇقۇرى بېسىملىق نازارەت مېخانىزىمى شەكىللەندۈرۈپ ، ھازىرقى جازا لاگېرلىرى پىلانىنىڭ ئاساسىنى سېلىشقا باشلىغان ئىدى.

خىتاي ھۈكۈمىتى 5. ئيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى، خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلغان بولسىمۇ ،بىر قىسىم شاھىتلار ۋە مىللەتنىڭ قارا قۇتىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان پىدائىلارنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلار توپلاندى . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بولۇپمۇ ۋەقەنى باشتىن ئاخىرى كۆرۈشكە، ئارخپلاشتۇرۇشقا قاتناشقان  ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلارغا  ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامىمىزنى بىلدۈرىمىز.

 

 

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر