ئوتتۇرا ئاسيا

ئافغانىستان توغرۇلۇق ئومۇمىي مەلۇمات

by Admin - Sep 02, 2021 0 Comment

تۇغلۇق ئابدۇرازاق

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2 - سىنتەبىر

 

ئافغانىستان (افغانستان) ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىكى قۇرۇقلۇقتىكى بىر دۆلەت.  ئۇ شەرق ۋە جەنۇبتا پاكىستان، غەربتە ئىران، شىمالدا تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستان، شەرقىي شىمالدا تاجىكىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش بولۇپ يەر كۆلىمى 652 مىڭ 844 كۋادرات كىلومېتىر (252 مىڭ 72 كۋادرات كىلومېتىر) كېلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تاغلىق ھەم قۇرغاق رايون بولۇپ، شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتا تۈزلەڭلىك بار.  ئافغانىستاندا 2021-يىلغا قەدەر 40 مىليونغا يېقىن ئاھالە ئولتۇراقلاشقان دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى پاشتۇ، تاجىك، ھازار ۋە ئۆزبېك مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.  كابۇل ئافغانىستاننىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى بولىدۇ. ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى نوپۇسى 20 يىلدىن بۇرۇنقى 20 مىليونغا سېلىشتۇرغاندا %50 ئۆسكەن ئىكەن. دېمەك ئامېرىكا بېسىپ كىرگەندىن بۇيانقى 20 يىل ئۇرۇش جەريانىدا ئافغانىستاننىڭ نوپۇسى بىر ھەسسە قاتلىغان بوپتۇ.  بۇ يەردە ئافغانىستان ئاھالە ئۆسۈش ئەھۋالىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇس ئۆسۈش ئەھۋالى بىلەن بىر سېلىشتۇرۇپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۈم. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك، خىتاينىڭ 2000-يىلدا ئىلان قىلغان ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈش خۇلاسىسىدا، شەرقىي تۈركىستاندىكى 18 مىليون 460 مىڭ ئاھالىسىنىڭ %45.21 ياكى 8 مىليون 700 مىڭى ئۇيغۇر ئىكەن. 20 يىلدىن كېيىن يەنى 2020-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئاران 12 مىليون 800 مىليونغا يېتىپتۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 20 يىلدا پەقەت 4 مىليون ئۆسۈپتۇمىش. بۇ ئەلۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئەھلىگە سىغمايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن توقۇلۇپ چىققان سىياسىي ستاتىستىكا.  20 يىل توختالمىغان ئۇرۇشتا ئۆتكەن ئافغانىستان نوپۇسى بىر ھەسسە ئۆسۈپتىيو، ئەمما ‘تىنىچ’ ھالەتتە ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان نوپۇسى نېمە سەۋەبتىن تۈزۈك ئۆسمىدى؟ تۇغۇلۇشقا تېگىشلىك ۋە تۇغۇلغان ئۇيغۇرلار نەگە غايىب بولدى؟

 

ئافغانىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ تەركىبى:

پاشتۇ %42

تاجىك %27

خازارا %9

ئۆزبېك %9

ئايماق %4

تۈركمەن %3

باشقىلار %6

دىننىي ئىتىقاد ئەھۋالى:

97% مۇسۇلمان

3% باشقا دىنلار

 

ئافغانىستاندا ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر دەۋرىگە تۇتىشىدۇ، بۇ دۆلەتنىڭ يىپەك يولىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئۇنى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن تۇتاشتۇرغان.  بۇ زىمىن تارىختا ھەر خىل خەلقلەرنىڭ ماكانى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن، ماۋرىياس، مۇسۇلمان ئەرەبلەر، موڭغۇللار، ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە 2001-يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان نۇرغۇن ھەربىي پائالىيەتلەرگە شاھىت بولغان.  بۇ دۆلەت تارىختىكى ئوخشىمىغان بىر قانچە دەۋرىدە باشقا دۆلەتلەر تەرەپتىن ئىشغال قىلىنغان بولسىمۇ، «يېڭىلمەس زىمىن» ۋە «ئىمپېرىيە قەبرىستانلىقى» دەپ تونۇلۇپ كەلگەن. بۇ دۆلەت يەنە گرېتسىيە-باكتېرىيەلىكلەر، كۇشانلار، خېفالىتلىقلار، سامانىلار، سافارىدلار، غەزنەۋىيلەر، غورىدلار، خالىسلار، چاغاتاي موغۇللار (ئۇيغۇرلار)، خوتاكلار، دۇررانىسلار ۋە باشقىلار كونترول قىلغان ئاساسلىق ئىمپېرىيەنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

 

ھازىرقى ئافغانىستان دۆلىتى 18-ئەسىردە خوتاك ۋە دۇررانىي سۇلالىسى بىلەن باشلانغان.  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ئافغانىستان ئەنگىلىيە-ھىندىستان بىلەن روسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى «چوڭ ئويۇن» دا بۇففېر دۆلىتىگە ئايلانغان.  1919-يىلدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە-ئافغانىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ دۆلەت چەتئەلنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، نەتىجىدە 1926-يىلى 6-ئايدا پادىشاھ ئامانۇللا دەۋرىدە ئافغانىستان پادىشاھلىقىغا ئۆزگەرتىلگەن.  بۇ پادىشاھلىق ئەللىك يىلغا يېقىن داۋاملىشىپ، پادىشاھ زاھىر ئاغدۇرۇلۇپ، 1973-يىلى 7-ئايدا بىر جۇمھۇرىيەت تىكلەنگەن.  1996-يىلىغا كەلگەندە، ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام ئەسلىيەتچى گۇرۇھى، تالىبان تەرىپىدىن كونترول قىلىندى، تالىبان دۆلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى بەش يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقتى. 2001-يىلى تالىبان ئامېرىكىنىڭ ئوساما بىن-لادىننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئافغانىستانغا بېسىپ كىرىپ تالىبانلارنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاپ، خەمىت كارزاي رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تىكلەپ چىقتى. ئەمما دۆلەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى يەنىلا تالىبان كونترول قىلىپ كەلگەن.  يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز يىگىرمە يىل داۋاملاشتى. ئامېرىكىنىڭ 2021-يىلى 8-ئايدىكى ئافغانىستاندىن چېكىنىشى بىلەن تالىبانلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلىش تۈپەيلىدىن كابۇلنىڭ يىقىلىشى بىلەنلا تالىبان قايتا ھاكىمىيەت ئورۇنغا چىقتى.

 

غەربتە، ئافغانىستاننىڭ تېرورلوق، نامراتلىق، ئاياللارنى كەمسىتىش، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى ۋە چىرىكلىك دەرىجىسى بەك يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ.  ئافغانىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جەنۇبىي ئاسىيا رايونلۇق ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 77-گۇرۇپپا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى. ئافغانىستان ئىقتىسادى دۇنيا بويىچە 96-ئورۇندا تۇرىدۇ، سېتىۋېلىش كۈچى باراۋەرلىكى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 72 مىليارد 900 مىليون دوللار.  دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان گ د پىسى تېخىمۇ ناچار بولۇپ، 2018-يىلغا قەدەر 186 دۆلەت ئىچىدە 169-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ دۇنيا بويىچە 7- ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتتۇر.

 

2001-يىلى 11-سېنتەبىردىن بۇيانقى 20 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىغا 2.2 تىرىليون دوللار ئەتىراپىدا چىقىم قىپتۇ.  بۇ 20 يىلدا ھەر كۈنىگە 300 مىليون دوللارغا توختايدىكەن.  ياكى ئافغانىستاندىكى 40 مىليون نوپۇسنىڭ ھەر بىرىگە ئوتتۇرىچە 50 مىڭ دوللار خەجلىگەن بولۇدۇكەن.  ئاساسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سام تاغا جېف بېزوس، ئېلون ماسك، بىل گەيتىس ۋە ئامېرىكىدىكى 30 باي مىلياردېرنىڭ ساپ مۈلكىگە قارىغاندا تالىباننى كونترول قېلىشقا تېخىمۇ كۆپ پۇل خەجلىگەن.

 

ئافغانىستاندا، 2500 ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قوراللىق ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن، 4000 غا يېقىن ئامېرىكا پۇقرا ھۆددىگەرلىرى ئۆلتۈرۈلگەن.  مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن 69 مىڭ ئافغانىستان ھەربىي ساقچىسى، 47 مىڭ پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن، 51 مىڭ قارشى قىلغۇچىلار جېنىدىن زامىن بولغان.  ھازىرغىچە 20 مىڭ يارىدار بولغان ئامېرىكىلىقلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا كەتكەن چىقىم 300 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇلار ئۈچۈن كەلگۈسىدە يەنە يېرىم تىرىليون دوللار ئەتراپىدا خىراجەت كېتىدىكەن.

 

پرېزىدېنت بايدىننىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇرۇش چىقىمنى ئۇزۇن مۇددەت تۆلەش كېرەك.  ئەپسۇس، ئامېرىكا قەرز ئالغان پۇل ئارقىلىق ئافغانىستان ئۇرۇشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن.  بروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۆلچەرچە، بىز ئاللىقاچان 500 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئۆسۈم تۆلىنىپ بولغان (ئومۇمىي سومما 2 تىرىليون 260 مىليارد دوللارنىڭ ئۆسۈمى)، ئۇلار 2050-يىلغا بارغاندا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇش قەرز ئۆسۈمنىڭلا 6 تىرىليون 500 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلەندى.  بۇ ھەر بىر ئامېرىكىلىق پۇقرا ئۈچۈن 20 مىڭ دوللارغا توغرا كېلىدۇ.

 

بۇ يەردە يەنە بىر زور چىقىم تېخى مۆلچەرلەنمىدى، ئۇ بولسىمۇ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكىنى قوللىغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئافغانىستان ئارمىيە ئەزالىرى، ئايال ۋە بالىلاردۇر. بۇلارنىڭ بىر قىسمى (200 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن) چەتئەللەرگە يۆتكىلىپ بولدى. بىراق زور قىسمى ھازىرغىچە ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دەككە-دۆككىچىلىكتە ياشاۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ، ھازىرچە بىرنەرسە دېيىش تەس. ئەگەر ئۇلار مىليونلاپ چەتكە قاچقىلى تۇرسا، ئامېرىكا بەلكىم بىرەر مىليون ئافغان پاناھلانغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، بېقىش ۋە باشقۇرۇشقا كېتىدىغان چىقىم يەنىلا ئامېرىكىدا باج تۆلىگۈچى پۇقرالارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

 

تالىبان ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا گەرچە ھەرخىل قىياسلار توختىماي ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك خۇلاسە چىقمىدى. 20 يىلدىن بېرى خاتا يەكۈنلەرنى چىقىرىپ كەلگەن “مۇتەخەسسىس”لەر گاڭگىراپ قالغانلىقى تۇرغانلا گەپ. ئەمدى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئافغانىستانغا قارتا ئىككى خىل كۆزقاراش مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.  1. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن مەقسەتلىك چېكىنىپ چىقىپ خىتاينى ئافغانىستاندىن ئىبارەت “پاتقاق”قا پاتۇرۇپ قويۇش كويىنى قىلىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندىن تولۇق چېكىنگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنى ئاسىيانىڭ جەنۇبىي دېڭىزىغا يۆتكىمەكچى. 2. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا قالدۇرغان بوشلۇقنى خىتاي ھەربىي كىرگۈزۈپ تولۇقلايدۇ. تالىبابنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركەتنى باستۇرماقچى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا قىلالمىغان ئىشنى خىتاي ئىقتىسادىغا تايىنىپ پارىخورلۇق قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. مېنىڭچە يۇقىرىقى ھەر ئىككى قىياسنىڭ ئانچە ئاساسى يوق. يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى، خەلقىنىڭ رايى ئاسىيانىڭ جەنۇبىي دېڭىزىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ خىتاي بىلەن قوراللىق ئۇرۇش قىلىشقا يېتەرلىك بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ. خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەيلى پرېزىدېنت بايدىن بولسۇن ياكى سابىق پرېزىدېنت ترامپ بولسۇن قوشۇلمايدۇ. خىتايغا كەلسەك، 70 يىلدىن بېرى ھېچقانداق خەلقارا چوڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ باقمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا ھەربىي ئەۋەتىشكە ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇرۇش تەجرىبىسى 0 گە تەڭ بولغان خىتاي ئارمىيىسى ئافغانىستانغا كىرگۈزۈلسە ناھايىتى سەت ھالەتتە مەغلۇب بولىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ئۆز ۋاقتىدا 1760-يىلى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەنچۇ ئىمپېريە ھەربىي كۈچى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ بولۇپ ئافغانىستان چېگرىسىغا بارغاندا ھەربىي ھۇجۇمىنى تۇيۇقسىز توختاتقان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى مەنچۇ ئىمپېرىيە گىنېراللىرى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالمىغان.

شەخسەن مەن ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ھازىرچە باشقا خۇلاسە چىقىرالمايمەن. ئەمما شۇنى كەسكىن دىيەلەيمەنكى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى “ئىمپېرىيىنىڭ گۆرى” دەپ تونۇلغان ئافغانىستاننى ئۆز مەيلىچە باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان بولسا، خىتاي پۈتۈن دۇنيانى باشقۇرالايدىغان بىر زومىگەر ئايلىنىدۇ. خۇداغا شۈكرى، خىتاينىڭ ئەمەلىي كۈچى تېخى ئۇ دەرىجىگە يەتمىدى!

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر