تۇتقۇنلار

تۇتقۇندىكى ئىنىم: "تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن"

by Admin - Aug 07, 2021 0 Comment

 ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 07-ئاۋغۇست

فرانسىيەدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان تۇرسۇنجان ئەپەندى يېقىندا ئاگېنتلىقىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى بىگۇناھ ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ 12يىل كېسىۋېتىلگەن ئىنىسى يارمۇھەممەت تەلئەت توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى سۆزلەپ بەردى. 

تۇرسۇنجان شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ بورتالا شەھىرىدىن بولۇپ 2013-يىلى ئاۋغۇستتا ياۋروپاغا چىقىپ 2014-يىلى فرانسىيەگە يېتىپ كېلىپ مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە ئەينى ۋاقىتتا دائىرىلەرنىڭ پاسپورت ئىشلەپ بەرمەسلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئوغلى ۋەتەندە چوڭلار بىلەن قېلىشقا مەجبۇرىي بولغان. ئارىلىقتىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ، يەنى2016-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرى تۇرسۇنجاننىڭ ئىنىسى يارمۇھەممەت تەلئەت ساياھەت ۋىزىسى بىلەن جىيەنى مۇخلىسنى ئېلىپ تۈركىيەگە كەلگەن، ۋە ئۇنى كۆرۈشمىگىلى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بولغان دادىسى تۇرسۇنجانغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ۋەتەنگە قايتقان.

تۇرسۇنجاننىڭ  بايان قىلىشىچە ئۇ ئىنىسى يارمۇھەممەت تەلئەت بىلەن تۈركىيەدە خوشلىشىپ ئۈچ يىلغىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان، شۇنداقلا ئاتا- ئانىسى بىلەن بولغان ئالاقىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. 2020-يىلى ئاتا- ئانىسىدىن كەلگەن ئۇچۇر بويىچە ئىنىسىنىڭ دائىرىلەر تەرىپىدىن 12 يىل كېسىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئالغان. ئەمما ئۇنىڭغا قانداق جىنايەت ئارتىلغانلىقى، قانداق سوت ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە يارمۇھەممەت تەلئەت ۋەتەندە "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" نى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئائىلىسى ھەم مۇقىم خىزمىتى بولغان، تۇتقۇن قىلىنغان چاغدا ئۇنىڭ قىزى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىكەن. 

خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى تۇرسۇنجاننىڭ ۋەتەندىكى ئاتا- ئانىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قاتتىق كونترول قىلغان بولۇپ، يىللاردىن بېرى ئىنتايىن چەكلىك ھالدا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ كەلگەن، ئۇ ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ئىنىسى توغرىلىق سوئاللارنى سورىغاندا ئاتا- ئانىسى جاۋاب بېرىشتىن قېچىپ ئېنىق ئۇچۇر بېرەلمىگەن. 2020-يىلى يازدا تۇرسۇنجان ئىنىسىنىڭ قىزى بىلەن تېلېفوندا ئۇچراشقان، ھەمدە ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا، قىز خىتاي تىلىدا دادىسىنىڭ ئالىي مەكتەپكە  ئوقۇشقا كەتكەنلىكىنى ھازىر يېنىدا يوقلۇقىنى ئېيتقان، ئەمما ئارقىدىنلا تېلېفون ئۈزۈلگەن.

تۇرسۇنجان تەلئەت ئىنىسىنىڭ كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى ئۈچ يىل كېچىكىپ ئۇققان بولسىمۇ، فرانسىيەدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات، ئورگانلار بىلەن دەرھال ئالاقە قىلىپ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان، فرانسىيەدىكى بىر قانچە چوڭ ئاخبارات قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىنىسى توغرىسىدا گۇۋاھلىقلارنى بەرگەن، ئەمما تا بۈگۈنگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ياكى فرانسىيەدىكى باش كونسۇلى تەرىپىدىن ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇ ئاگېنتلىقىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:" ئىنىم مېنىڭ ئائىلەمنىڭ جەم بولۇشى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى نابۇت قىلدى، ئۇ ۋەتەندە ئالىي بىلىم يۇرتىنى پۈتتۈرگەن بىر زىيالىي ئىدى، نارەسىدە بىر قىزنىڭ دادىسى ئىدى، زالىم خىتاي سەۋەبسىز ئۇنى تۈرمىلەرگە سولىدى، ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ناھەق تۇتۇپ، ئائىلىسىنى نابۇت قىلدى. مەن ئەركىن دۇنيادا ئىنىم ۋە بارلىق خەلقىم ئۈچۈن كۈرىشىمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن! قەدىرلىك ئىنىم، بۈگۈن سېنىڭ قاراڭغۇ زىنداندا ئۆتكۈزگەن 5- قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنۈڭ، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن، پات يېقىندا سېنىڭ شۇنداقلا بارلىق خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن".

(يارمۇھەممەت تەلئەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن قىزى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى)

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر