بايانات ۋە باش ماقالە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تور ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە تور يازمىلىرىنى ئىلان قىلىشىغا ئائىت چۈشەنچە

by Admin - Jul 26, 2021 0 Comment

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تور ئاپتورلىرىنىڭ ئەسەرلىرى  ۋە تور يازمىلىرىنى ئىلان قىلىشىغا ئائىت چۈشەنچە

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى-بىر سەھنە!

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات ۋاستىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە دۇنياغا ئائىت خەۋەر، ئوبزور، ئەدەبى ئەسەرلەر، شەخسى ئەسلىمە، تەرجىمە، پىكىر -تەكلىپ، ھەرىكەت ۋە چاقىرىقلار ئۈچۈن بىتەرەپ سەھنە ۋە كۆۋرۈك.

بىردىنبىر شۇئارىمىز-بىز مەڭگۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى:

 -ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا پۈتۈنلەي تەۋە بولغان مۇستەقىل خەۋەر،رۇخسەتلىك تەرجىمە خەۋەر ۋە ئەسەرلەر، ئاگېنىتلىق بۇيرۇتقان مەخسۇس ئەسەرلەر (ئوبزور،ئەدەبى ئەسەر ۋە تەرجىمىلەر)  ۋە ئاگېنىتلىق مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان باش ماقالىلارنى ئىلان قىلىدۇ.

 

باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى:

ئاگېنتلىقىمىز-ئوخشاش بولمىغان سياسى تەشكىلارنىڭ ھەرىكىتى، ئاپتورلارنىڭ كۆز-قارشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۇك رول ئوينايدۇ.

ئەسەر ئىلان قىلىش شەرتى: ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتىنى چېقىش قىلغان بولۇشى، ئىجابى بولۇشى،ئەسەر مەزمۇنى ئىلمى ۋە توغرا،ئ‍شەنچىلىك بولۇشى، باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابروينى قوغدىشى، زوراۋانلىق، ئىرقچىلىق، قانۇنسز قىلمشىلارنى تەشەببۇس قىلمىغان بولۇشى،

تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئارا ھۈرمەت -ئىناقلىقنى قوغدىغان بولۇشى،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ غورۇرى،ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشى قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

تەۋەلىكى ۋە كۆز قارشى بىز بىلەن ئوخشاش بولمىغان توردىكى باشقا شەخسلەرنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئىلان قىلىدۇ. تورلاردا مەۋجۇت ئاپتور ۋە يازارمەنلەرنىڭ سۈپەتلىك، قسمەن سۈپەتلىك ئەسەرلىرىنى ئورتاقلىشمىز! ئۇلار ھىچقانداق تەرتىپ بويىچە بىز بىلەن توختام تۈزمەيدۇ،بىزگە رەسمى ئەزا بولۇپ قوشۇلۇشمۇ ھاجەت ئەمەس. بۇ تەرەپتىن ئالغاندا، ئاگېنىتلىقىمىز توردىن تاللاپ ئىلان قىلغان يازمىلارنىڭ ئاپتورى-بىز بىلەن ھىچقانداق سياسى، ئېقتسادى ئالاقىدار ئەمەس.

بىز ئىلان قىلغان باش ماقالە ۋە خەۋەرلەردىن باشقا ھەر قانداق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، سۈپىتى، ئىدىيسى ،ئاپتورلارنىڭ سياسى مەيدانى، كۆز-قارشى بىز بىلەن ئالاقىسز.بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ.شۇنداقلا بىز ئۇلارنىڭ سياسى مەيدانى ،كۆز-قارشى، شەخسىيتىگە  باھا بىرىش، ھۆكۈم قىلىش ئورنىمىز، ئىقتىدارىمىز ۋە فۇنكسيەمىز يوق

شەخسلەر ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالاقىلاشسمۇ بولىدۇ،ئاگېنىتلىقىمىز خادىملىرى ئالاقىلاشسمۇ بولىدۇ.ئەگەر ئاپتورلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئاگېنىتلىقىمىزدا ئىلان قىلىنىشنى خالىمىسا، ئاگېنىتىلىقىمىزغا بىلدۇرسە، ئاگېنىتلىقىمىز 24 سائەت ئىچىدە قارار چېقىرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

 

بۇ ئاگېنىتلىقىمىز قۇرۇلغاندىن بېرى،بىزنىڭ ئورتاق قائىدىمىز بولۇپ كەلدى.

ئاگېنىتلىقىمىز ئېختىيارى مۇخبىرلار، ئاپتورلار، تور يازغۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى داۋاملىق قارشى ئالىدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

2020-يىلى 10-ئېيۇن

ئەسكەرتىش (مەزكۇر قائىدە يېڭى تور بېكەت سستىمىسى مۇناسۋىتى بىلەن قايتا يوللاندى)

كۆپ كۆرۈلگەنلەر