كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قاباھەتلىك چۈش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئازاپلىق تاللاش

by 1099 - Jan 16, 2019 0 Comment

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورگان تورى

تەتقىقاتچى: فەن جىياۋېي  

  ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىل 7- يانىۋار

  خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:  بانۇ سۇتۇق 

  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-16

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

نۇر ياپونىيىدە ئوقۇشنى ئىزچىل ئارزۇلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ توكيو سەپىرىگە ئاتلانغاندا، بۇ ئارزۇلىغان گۈزەل چۈشىنىڭ قاباھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.

نۇر ياپونىيىگە كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2017- يىلى 4- ئايدا، ئانىسى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى سوراۋاتقانلىقىنى جىددىي ھالدا يەتكۈزدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، دادىسى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى. دادىسىنىڭ سۆزلىرى ئۇنى تېخىمۇ چۆچۈتتى: "قايتىپ كەلمە، ئۇلارغا ھىچقانداق ماتېرىيال ئەۋەتىپمۇ بەرمە. بىز بىلەن قايتا ئالاقىلەشمە."

نۇر ھەم گاڭگىراپ قالدى، ھەم قورقۇنچ ھىس قىلدى. ئەمما بۇنداق ئەھۋالدا قالغان يالغۇز نۇرلا ئەمەس ئىدى. چەتئەلدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇشۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلدى. گەرچە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپكە كېڭەيگەن، ئۇلارنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.

بارغانسېرى كۆپلەپ يىغىلىۋاتقان ئىسپاتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، 2017 – يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، جازا لاگىرلىرىغا قاماۋاتىدۇ. جازا لاگىرلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى ياكى كەسىپىي تەربىيىلەش مەركىزى دەپ ئاتىۋىلىپ، ئەمما ئەمەلىيەتتە تۇتقۇنلارنى دەھشەتلىك قىيىن قىستاققا ئېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ مۇئامىلىلەردە بولۇۋاتىدۇ.

چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ، مەيلى ياپونىيىدە ياكى باشقا جايدا بولسۇن، يۇرتىغا قايتىش ئىشى ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشاپ قالدى. ئەگەر قايتىپ كەتسە، بىر تەرەپتىن،  سۆيۈملۈك كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشىۋىلىشى مۈمكىن ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىكە دۇچار قىلىدۇ.   

نۇر دادىسىنىڭ دىگەن سۆزلىرىنى دەل شۇنداق خەۋپتىن بىشارەت بېرىدۇ دەپ قارايدۇ. جازا لاگىرىغا قامىلىش خەۋپىگە قارىماستىن يۇرتقا قايتىپ كېتىش كىرەكمۇ، ياكى ياپونىيىدە قېلىپ مەڭگۈ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەسلىكنى تاللاش كېرەكمۇ؟ نۇر بىر قارار ئېلىشقا ئامالسىز قالدى.

نۇرنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغاندا، ساقچىلارنىڭ ئۇنى ئاۋارە قىلىۋاتقىنىغا بىر نەچچە ئاي بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ نۇردىن ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن ساقچىلارغا ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما نۇر بەكمۇ قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن ھازىرغىچە ساقچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

بىز ياپونىيىدىكى نۇرغا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا دۈچ كەلگەن باشقا ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ سۆھبەتلەشتۇق.  ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تۇتۇلۇپ كېتىش خەۋپىدىن قورقۇپ يۇرتىغا قايىتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن چەتئەلدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشىنى، ھەتتا بەزىلىرىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە تېلېفۇن نومۇرلىرىنى دەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار يەنە يۇرتقا قايىتسا جازا لاگىرىغا سولانمىغان تەقدىردىمۇ، پاسپورت جەھەتتە مەسىلە چىقىپ، خىتاي چىگرىسىدىن ئايرىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

نۇرنىڭ دىيىشىچە، ئۇ 2015 – يىلى خىتايدىن ئايرىلىش ئالدىدا،  خىتاي ساقچىلىرىغا 40 مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ ئاندىن پاسپورتقا ئېرىشكەن. پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن نىمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، پاسپورتىمنى مۇسادىرە قىلىۋىتىشى مۈمكىن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىيىشىچە بۇندىن بۇرۇن خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېرىپ پاسپورتىنى ئۇزارتىشقا ئۇرۇنۇپ باققان ئۇيغۇرلاردىن پاسپورتىدىن ئايرىلىپ قالغانلار بار بولۇپ، بۇ ئۇلارنى ياپونىيىدىن باشقا دۆلەتكە يۆتكىلەلمەس قىلىپ قويىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، پاسپورتنى خالىغانچە مۇسادىرە قىلىۋىلىش ياكى ئۇزارتىپ بەرمەسلىك كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش ئەركىنلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق قىلمىشى ھىساپلىنىدۇ.

ياپونىيىدە ياشاۋاتقان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار گەرچە پاسپورتى بولمىسىمۇ، ئىناۋەتلىك ياپونىيە ۋىزىسى بولغاچقا، ياپونىيىدە مۇددەتسىز تۇرالايدىكەن. ئەمما ئۇلار يۇرتىدىكى ئائىلىسىدىكىلەرنى قايتا كۆرەلمەسلىك ئېھتىماللىقىغا دۈچ كەلمەكتە. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئۆزىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپىنىڭ قورقۇنچى بىلەن يۇرتىغا قايتالماسلىق سەۋەبىدىن  تېخىمۇ چوڭقۇر ئازاپلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ دەپ بېرىشىچە، ياپونىيىگە كېلىپ ئۇنى يوقلاپ كەتكەن ئۈچ قېرىندىشى ھازىر شىنجاڭنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆچەك جازا لاگىرىغا قامالغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ ئۇلارنى ئىزدەشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭمۇ قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، بۇ ئويىدىن يانغان. ئۇنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندە، خىتاي كونسۇلخانىسىدىكى خادىم ئۇنىڭغا پەقەت يۇرتىغا قايتىپ بارسىلا ئاندىن پاسپورتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتالايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. بۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە بىر قىلتاق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭغا قايتىپ كېتىپ جازا لاگىرىدا "قايتا تەربىيىلىنىپ چىقىش"قا مەجبۇرىلاش چارىسى ئىكەن.

ئۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ يولدىشى بىزگە مۇنداق دېدى: ئۇ قايتىپ كەتسە نىمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ ئائىلىمىزدىكىلەرنى بەك سېغىندۇق، ئەمما قايتىپ كەتسەك ھاياتىمىزغا خەۋپ كېلىدۇ. نىمە ئىش قىلىپ بېرىشنى بىلەلمەي قالدۇق.

بىز ئۇيغۇرلاردىن يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭ بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇلار بۇ ئىشقا كۆپ ئۈمىد باغلىيالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

بىر ئۇيغۇر كىشى مۇنداق دېدى: ياپونىيە ۋىزىسى بىلەن بۇ يەردە داۋاملىق تۇرالايمىز. ئەمما پاسپورتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ئۇنى ئۇزارتالماسلىقتىن ئەندىشىمىز بار. يۇرتقا قايتىپ كەتسەك خەۋپكە دۈچ كېلىشتىن قورقىمىز. بىزدە ھەقىقەتەن تاللاش يولى قالمىدى.

نۇر دادىسىنىڭ تېلېفۇندا قىلغان سۆزلىرىدىن ھىس قىلغان قورقۇنىچنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ھىچ قۇتۇلالمىدى. ئاتا-ئانىسى بىلەن تېلفۇندا ئىنتايىن ئاز سۆزلىشىدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ پارىڭى ناھايىتى قىسقىغىنە بولغان ھال-ئەھۋال سوراش بىلەنلا چەكلىنىپ،  ئاتا-ئانىسىنىڭ جازا لاگىرىغا ئەكىتىلمىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ قالدى. ئۇ نۆۋەتتە بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى ئۈمىد قىلالماسلىققا مەجبۇر بولدى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://zh.amnesty.org/more-resources/blog/the-impossible-choice-facing-uighurs-living-outside-of-china/

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر