ھۆكۈمەتلەر مەيدانى

دىپلومات ژۇرنىلى پاكستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ماسلىشپ تۇتۇپ بېرىشى، باستۇرۇشى ھەققىدە تەپسلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

by Admin - Jul 18, 2021 0 Comment

ئافراسىياپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2021- يىلى 30- ئىيۇن

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق سياسى ئىشلار ژۇرنىلى «دىپلومات» تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، تۇتۇشى، پاكىستاندا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ھەققىدىكى قىلمىشلىرىنى پاش قىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە ئاپتور كۇنۋار شاھىد پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىنىش، تەھدىت سېلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەلۇم قىلغان .

باشقا دۆلەتلەردىكى پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارمۇ پاكىستاننىڭ بۇ تەرەپتىكى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن.

پاكستان خىتاي بىلەن پاكستان ئىقتىسادىي كارىدورى چوڭ تۈرىدە ئىقتسادىي ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، خىتاي ئىزچىل پاكستانغا زور ياردەملەرنى قىلىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخان ئوچۇق قىلىپ: «خىتاي بىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتە جىق ياردەم قىلدى، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا غېمىمىزنى قىلىمىز.» دېگەنىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ئايدا، پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتايغا ماسلىشپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدۇق. بىر قىسىم تورداشلار ئىنكاس يېزىپ، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى يالغان دەپ ئىنكار قىلغانىدى. تەكشۈرىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ خىتايغا ماسلىشپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگىنىگە كەم بولغاندىمۇ 20 نەچچە يىل بولغان.

سۈرەتتە پاكستانلىق مىرزا ئىمران خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئايالى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى دىپلومات ژۇرنىلىغا كۆرسەتمەكتە.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر