خەلقئاراھەرىكەت

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسى «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تەشكىللىمەكچى




ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 7-يانۋار


كېلەچەك پارتىيەسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت  ئىشلىرى كومىتېتى  « بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش» بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

يىغىنغا پروفېسسور، دوكتور، پارتىيە رەئىسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ، خەلق ئىچى تەشكىلاتلار كومىتېتى  ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى دوتسېنت، دوكتور سەلچۇق ئۆزداغ ، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى پروفېسسور سەراپ يازىجى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى، دىپلومات  ئۈمىد ياردىم قاتارلىقلار قەدەم تەشرىپ قىلماقچى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلەر، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ،دىپلوماتىيە ۋە خەلق ئىچى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شۇنداقلا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە ئالدىن مەلۇمات بەرگەن سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى شۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە غەربتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش قارارىنى چىقاردى. ئەسلىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشى كېرەك. خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن ۋاز كەچمىدى. بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى باشقۇرىدىغانلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگىلا ئۇچراپ قالماستىن، ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ياشاش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي بۇ جىنايىتىنى يوشۇرالمىدى، بەلكى قىرغىنچىلىقىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان كىشىلەر بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز، دىنداشلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، تارىخداشلىرىمىز، مەدەنىيىتىمىزنىڭ يىلتىزى. 

تۈركىيەدە ھازىر ئىقتىداردا ئۇنىڭ  شېرىكى، ئۆزىنى مىللەتچى دەپ قارايدىغان «مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى» ۋە ئۆزىنى ئۈممەتنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارايدىغان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» بار. بىز ئۇلارغا شۇنى دېمەكچى : شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسمۇ؟ سىزلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدىمۇ ياكى زالىم خىتاي تەرەپتىمۇ؟  شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرك ئەمەسمۇ؟ ...........تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى دەرھال دىپلوماتىك بايقۇت قارارى  ئېلىشى كېرەك! بىز يەنە تۈركىيەدىكى ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرىگە، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مەۋجۇت  ئىقتىدارغا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان ھۆرمەتلىك  ئەردوغان ۋە باھچەلىگە مۇراجىئەت قىلىمىز: 
پەقەت دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە ئولېمپىكقا  سىمۋول خاراكتېرلىك  تەنھەرىكەتچىلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك !

بىز كېلەچەك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بارلىق ئاخباراتچىلارنى، ۋە خەلق ئاممىسىنى 2022-يىلى 11-يانۋار سائەت 12:00 دە باش شتابىمىزدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىمىز.»

كېلەچەك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە، بۇ پارتىيەنىڭ رەئىسى، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پروفېسسور ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇلۇغ ئالىم ،تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى سەپىرىدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر