ختتاي تەشۋىقاتى

خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

by Arman - Jun 23, 2022 0 Comment

 خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى23-ئىيۇن

ئارمان تەييارلىدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى 23-ئىيۇن خەۋىرى، خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇسى بولغان «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىنگلىزچە تۋىتتېرىدا 23-ئىيۇن مۇنداق خەۋەر تارقىتىلغان: « 20- ئىيۇن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقىپ  "ناتونى توختىتىش كېرەك" دەپ نامايىش قىلدى، ئۇلار شۇنداقلا مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە ۋە ناتونىڭ ئۇكرائىنانى قورال ياراغ بىلەن تەمىنلىشىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىدى.» 

ۋەھالەنكى 20-ئىيۇن بىريۇسسېلدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىش قانداقتۇر خىتاي مېدىئاسى تەشۋىق قىلغىنىدەك ناتوغا قارشى ياكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش بولماستىن، بەلكى بېلگىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مال باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، تۇرمۇش چىقىمىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت خارەكتىرىلىك نامايىش بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئوخشاش تۈردىكى نامايىش پۈتۈن بېلگىيە تەۋەسىدە 6 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بىريۇسسېل ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە شۇ كۈندىكى نامايىشقا 60مىڭدىن 70 مىڭغىچە ئادەم ئىشتىراك قىلغان.

خىتاي تاراتقۇسىنىڭ يۇقىرىقى يالغان ئۇچۇرى ياۋروپادىكى تورداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان. بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى Samuel Cogolati ئەپەندىم ئۆزىنىڭ تۋىتتېرىدا مۇنداق دەپ يازغان: « مەن ئاللىبۇرۇنلا خىتاي دۆلىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا ھەيرانلىق پوزىتسىيەدە تۇرۇپ كەلگەن. خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ نومۇسسىزلارچە 20-ئىيۇن بىريۇسسېلدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنى يالغانچىلىق بىلەن تەشۋىقات قىلىشى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى! بۇ قېتىملىق نامايىش قانداقتۇر ناتوغا قارشى بولماستىن بەلكى تۇرمۇش چىقىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ئىدى.»



فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى Antoine Bondaz تۋىتتېرىدا مۇنداق دەپ يازغان: « خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇسى يالغان خەۋەر تارقاتتى، بىريۇسسېلدا ئېلىپ بېرىلغان مائاشنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان نامايىشنى بۇرمىلاپ، ناتونىڭ ئۇكرائىناغا قورال ياردەم قىلىشىغا قارشى نامايىش دەپ تەشۋىقات قىلدى. بېلگىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئېلانىدا ھېچقاچان ناتونى تىلغا ئالمىغان، مانا بۇ ئادرېستىن ئۇلارنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ بېقىڭ...»



«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تۋىتتېردىكى مەزكۇر يالغان ئۇچۇرى ئاستىغا يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئىنكاس قالدۇرغان. مەلۇم بىر توردا مۇنداق دەپ يازغان: « بۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مائاش ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان نامايىشى، ناتو بىلەن قىلچىلىك ئالاقىسى يوق! ئىشچىلارنىڭ نامايىش قىلىشى خىتايدا چەكلەنگەن! ئەزەلدىن مۇنداق نومۇسسىزلارچە يالغانچىلىقنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!» يەنە بەزى تورداشلار خىتاينىڭ جەنۇبى رايونلىرىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ سىنلىرىنى چاپلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئاپەت ھەققىدە قىلچىلىك خەۋەر بەرمەستىن بېلگىيەدىكى نامايىشنى بۇرمىلاپ يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقىنى مەسخىرە قىلىشقان. 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر