ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

شىۋىتسارىيە پايتەختى بەرن دە 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خاتىرە نامايىشى ئۆتكۈزدى.

by Admin - Jul 18, 2021 0 Comment

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 5- ئىيۇل

نامايىشقا شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا تۈرك ۋە يەرلىك مىللەتلەر قاتناشتى.نامايىش كۈنتەرتىپىدە دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ،ۋە ئاخىرىدا شىۋىتسارىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپانىڭ قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تونۇشىنى،خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرىگە قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى.

5 –ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىدى ھەبىبۇللا ئىزچى ،5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى ۋە كېلىپ چىقىشىنى گېرمانچە تونۇشتۇرۇپ ،ھازىر ئۈچ مىليۇندىن جىق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ،ۋە بۇلارنىڭ نايىك،زارا غا ئوخشاش دۇنياۋى داڭلىق ماركىلار ئۈچۈن قۇل ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىنى،بىر مىليۇندىن جىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ ئائىلىسىدىن مەجبۇرى ئايرىلىپ ئاسمىلاتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ،ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ تەخرسىزلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئائىشە ئېنگلىز تىلىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئاياق –ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ، مەجبۇرى تۇغمماس قىلىنىپ ئانىلىق ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

نامايىش ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە جانلىق داۋام قىلىپ ئادەم ەڭ كۆپ بولغان مەركىزى پويىز ئىستانسىسىدا ناھايىتى ھاياجانلىق بىر كەيپىياتتا ئاخىرلاشتى.

تۆۋەندە 5- ئىيۇل شاھىدى ھەبىبۇللانىڭ نۇتۇق تېكىستىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئۇقۇرمەنلەرگە سۇندۇق.

.......................................

  بۈگۈن بىز  بۇ يەردە  شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5- ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز.

2009 يىلى 6- ئاينىڭ – 26 كۈنى گۇاڭدۇڭنىڭ شاۋگۈەندە شەھرىدە بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا، ئىكى يۈزدىن جىق ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى يەرلىك خىتاي مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلىندى، تاجاۋۇز قىلىندى، مىڭلارچە ختاي تەرىپىدىن قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈلدى.

ۋەقەدىن كېيىن پەرزەنتلىرى ئۆلتۈرۈلگەن،زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۈكۈمىتىگە بۇ ۋەقەگە چۈشەنچە بېرىش ۋە ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە خەلققە ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلدى.ئەمما ئەكسىچە ھۈكۈمەت خەلققە ئاشكارا بولۇش ئورنىغا تەھدىت خاراكتېرلىك باياناتلار ئېلان قىلىشقا،ۋە خەلقنى تەھدىت بىلەن تېنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى.

ئۆزەم بىۋاستە كۆرگىنىم ۋە شاھىت بولغىنىم شۇكى :

7- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەتىگەندە ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىن بولۇپ ئۈچ يۈزگە يېقىن ئوقۇغۇچى خەلق مەيدانىدا تېنچ شەكىلدە نامايىش قىلىش ئۈچۈن توپلاندى،ناميىشچى ياشلار، خىتاي دائىرلىرىنىڭ نامايىشنىڭ خارەكتىرىنى بۇرمىلاپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا باھانە تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، نامايىشنى تېنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىشقا تىرىشۋاتاتتى.

ختاي ساقچى كۈچلىرى بولسا خەلققە تەھدىت سېلىشقا ،ۋە  جىنايىتىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئىچىگە يەرلەشتۈرگەن پروۋاكاتورلىرى ئارقىلىق ئوت قويۇش،ئورۇپ- چېقىشتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ نامايىشنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى. ۋە بۇ جىنايەتلىرىنى بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە قىرغىن قىلىشىنى ھەقلىق چىقىرىشقا ئۇرۇندى. پۇقراچە كېيىنگەن ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توپلانغان يەرلەرگە كىچىك ماشىنىلاردا كېلىپ خالتىلاردىن تاش-خىشلارنى تۆكۈپ قويغىنىنى كۆردۈم.گۈلساي تەرەپتىن ئىش ئورنۇمغا ماڭغىچە مىڭلارچە پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆردۈم. ۋە بۇ كۈنى نامايىش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان ،ئورۇپ چاققان خىتاي كۈچلىرى ئىدى.

بۇ كۈنى مىڭلارچە ئۇيغۇر خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا ئۆلدى. ئونمىڭلارچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى. ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە مەرگەنلەرنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ جەسىدىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا شاھىت بولدۇم،ھەتتا ساق –سالامەت ئۆيگە بارغۇچە نەچچە يەردە قان ۋە جەسەت ئارىسىدىن ئۆمىلەپ ئۆتتۈم . بىچارە ئانىلار كېچىچە قىرغىن قىلىنغان پەرزەنتلىرىنىڭ كوچىلارغا ئاققان قېنىنى كۆز ياشلىرى بىلەن ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتىدە تازىلىدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ ھەپتىلەرگىچە ئوق ئاۋازلىرى بېسىقمىدى. ئۆي –ئۆي باستۇرۇپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىشلار داۋاملاشتى. ۋە بۇ تۇتقۇن يىللارچە داۋاملاشتى. مىڭلارچە بالا يېتىم قالدى.

ۋەقەدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتدە مەن قانتناشقان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە  ئاپتونۇم رايونلۇق يوقۇرى سوت باش كاتىپى چېن يىگۇاڭ بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ 50 مىڭدىن جىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.ۋە بۇ سۆھبەتتە ئاپتونۇم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىجىت ناسىرمۇ بار ئىدى.

5- ئيۇل ئۇيغۇر تارىخدىكى مىڭلارچە ئىنسان قەتلى قىلىنىغان بىر قانلىق قەتلىئامنىڭ ،يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان پاجىئەلىك بىر قارا كۈننىڭ نامى بولۇپ قالدى.مەن  بۇ ۋەقەدىن كېيىنمۇ يىللارچە بۇ قورقۇنچلۇق تىراگېدىيەنىڭ ئىچىدە ياشىدىم . كېچىلىرى چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتەتتىم.ھەتتا بەزەندە ئاخشامدىن سەھەرگىچە ئۆيدە مېڭىپ يۈرۈپ تاڭ ئاتقۇزاتتىم.  يىللارچە تۇيۇقسىز كېلىپ مېنىمۇ تۇتۇپ كېتىدىغاندەك ۋەھىمە قورقۇنچ ئىچىدە ياشىدىم. ......... ئۇ كۈنى يېنىمدىكى يېقىن دوستۇم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك سەنەتكارى مىرزات ئالىم بۇ ۋەقەگە شاھىت بولغانلىقىنى يۇشۇرالمىغانلىقى ۋە باشقىلارغا تېلېفوندا دېگەنلىكى ئۈچۈن ختاي ھەربىلىرى تەرىپىدىن ماشىنىسىدا بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. بەش ياشلىق ئوغلۇمنىڭ ئاغزىغا ئونلارچە ساقچى مىلتىق سىتۋولىنى ئۈستۈردى. 12 ياشلىق يۈسۈپ ئىت بىلەن بىر قەپەزگە سولانغانلىقى سەۋەپلىك ئەقلىنى يوقاتتى.سەككىز ياشلىق ئۆمەر بىلەن دادىسى ھەربىلەر تەرىپىدىن سۇغا بېسىلغانلىقى ئۈچۈن يىللارچە يۈزىنىمۇ يۇيۇشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدى. كۆك مايكىلىق دىلبەر قىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا مەردانىلەرچە تۇرۇپ جان بەردى. پاتىگۈل غۇلام پەرزەنت دەردىدە يېنىپ ئۆچتى.تۇغۇتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنىدە ئېرىنىڭ ئۆلۈكىنىمۇ تاپالمىغان قىزىل كىيىملىك  تۇرسۇننىيازخان زار – زار يىغلىدى.ۋە يۇرتىغا سۈرگۈن قىلىنىپ تۈرمىدە غايىپ قىلىندى.

خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر دەقىقە توختاپ قالغىنى يوق. بىگۇناھ تۇتقۇنلار ،سۈيىقەستلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.5- ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن باشلاپ خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت تارىخنىڭ بىر قارا پەردىسىنى ئاچتى. كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش،قىرغىن قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاتتى!

  ھازىر لاگېرلاردا 3 مىليۇندىن جىق ئۇيغۇر تۇتقۇندا جان تالاشماقتا!  قۇل ئىشچى سۈپىتىدە نايىك ،زارا غا ئوخشاش  داڭلىق ماركىلار ئۈچۈن ئىشلىمەكتە! ئورگانلىرى مەجبۇرى ئېلىپ سېتىلماقتا!  ئانىلار قىزلار تاجاۋۇز قىلىنماقتا !  بىر مىليۇندىن جىق ئۆسمۈر ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ كامپلاردا تۇتۇلماقتا،ۋە خىتايلارغا ئەۋلاتلىققا بېرىلمەكتە!

ئەسلا قايتا تەكرارلانمىسۇن دېگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق بۈگۈن   قايتا تەكرارلانماقتا !

كۆپ كۆرۈلگەنلەر