تۈركىيە

ئىستانبۇلدا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال ئىككى ئافغاننىڭ قوراللىق ئېتىشىشدا يارىلانغان


ئىستانبۇلدا يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال ئىككى ئافغاننىڭ قوراللىق ئېتىشىشدا يارىلانغان

ھەبىبۇللا ئىزچى

تۈركىيەنىڭ مىللىيەت گېزىتى تورىنىڭ خەۋىرىدە ئىستانبۇلنىڭ  زەيتىنبۇرنۇدا قورقۇنچ بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، بىر ئۇيغۇر ئايال يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئىككى ئافغاننىڭ قوراللىق ئېتىشىشدا  يارىلانغان.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا ، بىر ئۇيغۇر ئايال بالىلىرى بىلەن كوچىدىن ئۆتۈۋاتقاندا پۇتىغا ئوق تەگدى. بۇ ئايالنىڭ يارىلانغان جەريانى، قوراللىق ئېتىشىش  يۈز بەرگەن يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىغا سىنغا ئېلىنغان.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 ئەتراپىدا،ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ  نۇرىپاشا مەھەللىسى ئىسا يۈسۈپ ئالپتېكىن كوچىسىدا بىر چەتئەل پۇقراسى ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا مىلتىق بىلەن ئېتىۋېتىلگەن. ئوق چىقارغۇچى چەتئەللىك قېچىپ كېتىۋاتقاندا قالايمىقان چىقارغان ئوقتىن، شەرقى تۈركىستانلىق بىر ئايال بالىلىرى بىلەن كوچىدىن ئۆتۈۋاتقاندا پۇتىدىن يارىلانغان. نەق مەيدانغا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ساقچى ئەترىتى ئەۋەتىلگەن. يارىلانغان ئايال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.ھازىرچە بۇ ئايالنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان .

 ساقچىلار بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئەتراپتىكى ئاھالىلەردىن نىھات ئادەم مۇنداق دەيدى: « ئىككى ئافغانىستانلىق بىر-بىرىنىڭ پۇتىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ، ئىككى ئافغانىستانلىق بىر-بىرىگە قارىتىپ ئوق چىقارغان

ھۇجۇمنىڭ جەريانى بىر ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك كامېراسىغا چۈشكەن.

كۆرۈنۈشلەردە ، بىر ئاق ماشىنىنىڭ كوچىدا توختاپ قالغانلىقى ، كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن تېزلىكتە نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كەينىدىن ماشىنا ماشىنا بىلەن قوغلىغانلىقى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، كامېرا كۆرۈنۈشى داۋامىدا ، يارىلانغان ئايالنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر توپلانغان كۆرۈنۈشلەر  بار.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر