سياسى ئوبزورلار

بىز كىم بىلەن بىر سەپتە؟


بىز كىم بىلەن بىر سەپتە؟

 

ئۇمۇن ئېھسان

 

1-بۆلۈم 

 

ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق گولوبال دۇنيانىڭ سىياسىي ئاتمۇسفېراسىدا ئېنتايىن مۇھىم ئۇقۇم. ھىچقانداق دۆلەت ياكى ھىچقانداق مىللەت ھىچكىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەي، ھېچكىم بىلەن ھەمكارلاشماي بۈگۈنكى دەۋردە تەرەققىياتىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ.

شۇڭا خەلىقلەر، مىللەتلەر ۋە گۇرىپىلار ئىتتىپاقلىشىدۇ. كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دۈشمەنگە قارشى بىرلىشىدۇ. 

 

بىز نېمە قىلالايمىز؟ 

 

ئۇيغۇرلار سىياسىي داۋاسى تەشكىلات رامكىسىغا بەنىت قىلىنغان خەلىق. بىزگە تەۋە جۇغراپىيەلىك مۇقىم زىمىن، ئارمىيە ياكى دۆلەت دەرىجىسىدە سىياسىي ئورۇنغا ئېرىشتۈرىدىغان ھېچقانداق كۈچ ۋە قاتتىق دېتالىمىز يوق. بىز دۆلەتلەر بىلەن رەسمى سەۋىيەدە ئىتتىپاق تۈزەلمەيمىز، دۆلەت دەرىجىسدە ھەمكارلىق ئورنىتالمايمىز. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز خەلقئارانىڭ ۋە ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتنىڭ سىياسىي رامكىسى ئىچىدە ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ، توغرا سىياسىي رامكا ئىچىدە تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرگە سىستېمىلىق ۋە كۆلەملىك ھالدا لوبىچىلىق قىلىش. 

 

بۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ دىموكراتىك دۆلەتلەردە پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى چوڭ، تەشكىلاتلىشىش ئارقىلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە باشقا پۇقراۋىي جەمىيەتلەر بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرغىنى خەلققە ۋە دۆلەت سىستىمىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارغا ئۇيغۇر داۋاسىنى راۋان ئاڭلاتقىنى بولىدۇ. لوبىيچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە كۆلەملىك بولىشى ئۈچۈن تەشكىلاتلىشىش ۋە ئۇيۇشۇش ئېنتايىن مۇھىم. 

 

تەشكىلاتلىشىش مۇھىم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانداق تەشكىلاتلىشىش تىخىمۇ مۇھىم. كونكىرت ۋە ئەمەلىي خىزمەت نىشانى ۋە سىياسىي دىتى بولمىغان ئوتتۇز دانە سۈرگۈن ھۆكۈمەت ۋە پارتىيەنىڭ ھېچقانداق مەنىسى ۋە ئەھمىيىتى يوق. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان كونكىرت خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي سىياسىي سىتىراتىگىيىسى بولغان بىر تەشكىلاتنىڭ رولى مىڭ پاخپاق ھۆكۈمەتنىڭ رولىدىن چوڭ.

 

ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتىن، خەلقىگە ئەركىنلىك ۋە ئىسەنلىك تىلەشتىن بەكرەك مىنىستىر ۋە دۆلەت باشلىقى بولۇشنى چۈشەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىغا سوئال قويماي بولمايدۇ.

 

تەشكىلاتلىشىش ۋە لوبىيچىلىقتىكى مەقسەت نېمە؟ 

 

ئۆزىمىز تۇرىۋاتقاندا دۆلەتنىڭ ۋە سىياسىي سىستىمىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە، كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغان سىياسەت ئىشلەپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇش. بۇ  مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي سىتىراتىگىيىسى. 

 

مۇستەقىللىق، فىدراتسىيە ياكى ئالىي ئاپتونومىيە بىزگە نېسىپ بولامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. بىراق، خەلقئارالىق سىياسىي كۈچلەر خىتاي ئۈستىدىكى بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرمايدىكەن، بىر قانچە ئون يىلدىن كىيىن بىز كۆرگەن ۋەتەننىڭ قالمايدىغانلىقى ئېنىق.

ئۇيغۇرلۇق ساقلىنىپ قالمىغان، مىللىتىمىز مەۋجۇت بولمىغان، ۋەتىنىمىزنىڭ قازاقلىرى قازاق پىتى، موڭغۇللىرى موڭغۇل پېتى، تاجىكلىرى تاجىك پېتى قالمىغان ۋەتەننى كىمدىن  تالىشىمىز؟

بىزنىڭ بىردىن بىر نىشانىمىز، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچىمىزنىڭ يەتكۈنىچە خەلقارالاشتۇرۇش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈش.

 

ۋەتەندىكىلەر زۇلۇم ئاستىدا تۇرسا بىز نەغمە-ناۋا ياڭرىتامدۇق؟ 

 

ئەلۋەتتە، ياڭرىتىمىز. بىز سەنئىتىمىز ئارقىلىق جەمىيىتىمىزنىڭ جامائەتلىشىش مىخانىزىمىنى كۈچەيتەلەيمىز. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانچە جىق جامائەتلەشسە، قانچە كۆپ ئارىلىشىپ ئۆتسە، ئۇيغۇر جامائىتىمۇ، بۇ جامائەتنىڭ رولىمۇ چوڭىيىدۇ. بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇللىرىدىن بىرى. سىياسىي نامايىش، دىنى تەبلىغ ۋە شۇئارۋازلىققا ئايلانغان تەبلىغسىمان ۋائازلاردىن سەنئەتنىڭ ۋە ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ رولى تىخىمۇ چوڭ. چۈنكى ئىنسان تەبىئىتى يىغا-زارە، ماتەم ۋە نەسىھەتلەردىن بەكرەك سەنئەتكە ۋە روھىنى شاتلاندۇرۇشقا مائىل بولىدۇ. سىياسىي نامايىشقا 5 كىشى كەلگەن بولسا سەنئەت كېچىلىكىگە 10 ئادەم كىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى شۇئار توۋالاپ، ۋارقىراپ ئاڭلاتقاندىن، تىياتىر، كىنۇ ۋە ناخشا-مۇزىكا بىلەن تىخىمۇ جانلىق ئاڭلاتقىنى بولىدۇ.

ئەڭ مۇھىمى پىسخىك جەھەتتىن زىيادە چۈشكۈنلەشكەن ئۇيغۇرلار سىياسىي بىرلىشىشلەر بىلەن بىللە سەنئەت، تىياتىر ۋە ئىجدىمائىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەم جامائەتلەشكىنى ھەم كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتنى ساقلىغىنى بولىدۇ. كۆتۈرەڭگۈ ۋە چۈشكۈنلەشمىگەن ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ قورقىدىغان ئۇيغۇردۇر. 

 

ئىچكى جەھەتتىن ئىتتىپاقلىقنى ساقلاش ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىز چوقۇم ئىچكى جەھەتتىن بىر توختامغا ئىمزا ئېتىشىمىز كېرەك.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىدىكى دېموكراتىيەگە ئەمەل قېلىشىمىز شەرت. 

 

چەتئەلدە ئۇيغۇرلارغا ئارلاشمايدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلارنى كۆردۈم. تىخنىكا، سەنئەت ۋە ئاكادېمىك ساھەلەردە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا بولغان بىپەرۋالىقىدىن قاتتىق ئۆكۈندۈم. بىز بۈگۈنگىچە بۇ ياشلارنى پەقەت (ئۆز مىللىتى زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ئاۋاز چىقارمىدى؟، خائىن، مۇناپىق ) دەپ ئەيىپلەپ كەلدۇق. بىراق رىئال نۇقتىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ كۆرۈشكە ئىنتىلمىدۇق. 

نېمىشقا ئىلغار ياشلىرىمىز بىزنى تاشلاپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا نۇرغۇن نەتىجە ياراتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىمىپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا نۇرغۇن ئۇيغۇر سىياسىيلىرى ۋە ئاقىللىرى بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشنىمۇ خالىمىدى؟ 

 

ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى سوئالنى سىلەرگە تاشلاپ قوياي. ماقالىنىڭ پات يىقىندا 2-بۆلىمىنى يوللايمەن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر