ختتاي دىپلوماتىيسى

جاللات شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ پەسكەش تەبىئىتىنى خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

by Arman - Nov 18, 2022 0 Comment

 جاللات شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ پەسكەش تەبىئىتىنى خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18-نويابىر

15-نويابىر ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان G20 يىغىنىدا كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆكتەملىك قىلىپ خەلقئارا مېدىئالارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان خىتاي رەئىسى شى 17-نويابىر تايلاندتا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ پەسكەشلىكىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.

17-نويابىر باڭكوكتا ئېچىلغان «ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىساد ھەمكارلىق يىغىنى» (APEC) نىڭ باشلىنىش ئالدىدا تايلاند باش مىنىستىرى Prayut Chan ئۆزىنىڭ خانىمى بىلەن يىغىنغا كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالغان شۇنداقلا ھەر بىر رەھبەر بىلەن قول كۆرۈشۈپ خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن. ئامما نۆۋەت شى جىنپىڭغا كەلگەندە ئەھۋال باشقىچە بولغان. 

يىغىن مەيدانىدىكى سىنلىق تارقىتىشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى خىتاي رەئىسى شى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن شى غا يېنىك تازىم قىلىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى ئۇنىڭغا سۇنغان. ئەمما شى ئۇنىڭغا پەرۋامۇ قىلماستىن كەينىنى قىلىپ كېتىپ قالغان. ئوڭايسىزلانغان باش مىنىستىر قولىنى ئاچقىنىچە تۇرۇپ قالغان. تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، شى ئوخشاش بىر كۈندە ياپونىيە باش ۋەزىرى، سىنگاپور باش مىنىستىرى، فىلىپپىن پرېزىدېنتى قاتارلىقلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشكەن، ئەمما تايلاند باش مىنىستىرى بىلەن قول ئېلىشىشنى رەت قىلغان.



خىتاي رەئىسىنىڭ ئەڭ ئاددىي بولغان دىپلوماتىك قائىدە يوسۇنلىرىغا خىلاپ ھالدىكى بۇ ئەخلاقسىز قىلمىشى خەلقئارانى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئەخلاقىدىن يىراق بولغان ياۋۇز تەبىئىتىنى يەنە بىر قېتىم  ئېچىپ بەرگەن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر