نەنسى پىلوسى 8-ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىدۇ، ختتاي : ئۇنى جازالاش تېزىملىكىگە كىرگۈزىمىز.
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،20-ئيۇل
ئەنگىلىيە پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پىلوسى 8-ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىكەن.
بۇ خەۋەر چىققاندىن كىين ختتاي دائىرلىرىنىڭ قاتتىق ئىنكاسنى قوزغىدى.ختتاي تاشقى ئشلار منستىرلىكى -بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنىنى بۆلۈش سۈيقەستنىڭ ئاشكارلىنىشى ،ئامېرىكا بارلىق ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كىرەك دىدى،ختتاينىڭ ئورگان گېزىتى-يەرشارى ۋاقىت گېزىتى: نەنسى پىلوسى 30 يىلدىن بىرى ختتايدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئامېرىكا سياسەتچىسى، بىز نەنسى پىلوسنى جازالاش تېزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشمىز دىدى.
نەنسى پىلوسى 82 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكا دىموكراتلار پارتىيسنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئۇ باشتىن ئاخىرى تەيۋەن،تېبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن.ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قانۇننى قوللاشتا ئەڭ مۇھىم تۆھپە كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە يېقىندا پارلامنىتتا «ئامېرىكا رىقابەت كۈچنى ئۆستۈرۈش قانۇنى»ماقۇللاپ، ئامېرىكنىڭ ھەممە تارماقلىرى ختتاي بىلەن رىقابەتلىشش كۈچىنى ئۆستۈرۈشى كىرەك، بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسنى بەلگىلەيدۇ،دىگەن.