ئوتتۇرا ئاسيا

ئافغانىستاندا 5.9 بال يەر تەۋرەپ كەم دېگەندە 1000 ئادەم قازا قىلدى ، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى


ئافغانىستاندا 5.9 بال يەر تەۋرەپ كەم دېگەندە 1000 ئادەم قازا قىلدى ، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى22-ئىيۇن

ئافغانىستاندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى خوست شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا  44  كىلومېتىر كېلىدىغان پاكىستان چېگراسىدا ئېغىر يەر تەۋرىگەن.

يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر: پاكىستان،ھىندىستان ۋە ئافغانىستان

پاكىستاننىڭ داتتا  شەھەر مەركىزىگە 30 كىلومېتىر كېلىدىغان ، ئافغانىستاننىڭ پاكىستان چېگراسىغا يېقىن بولغان خوست شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن  يەر تەۋرەشتە كەم دېگەندە 1000 ئادەم قازا قىلدى ، يۈزلەرچە كىشى يارىلاندى.

 نۆۋەتتە تىك ئۇچار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلارغا ئەۋەتىلگەن. خەۋەرلەرگە  قارىغاندا پاكتىكا ئۆلكىسىنىڭ بارمال، زىرۇك، ناكا ۋە گايان رايونلىرى يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان.

  يەرلىك ئاخباراتلاردا گاياندىكى بىر يېزىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىگەن.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بىلال كارىمى تۋىتتېردا ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دەيدۇ : «پاكىتىكا ئۆلكىسىنىڭ تۆت رايونى قاتتىق يەر تەۋرەشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى، يۈزلىگەن پۇقرالىرىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە يارىلاندى ، ئونلىغان ئۆيلەر ۋەيران بولدى. بىز بارلىق ياردەم تەشكىلاتلىرىنى رايونغا دەرھال گۇرۇپپىلار ئەۋەتىشكە چاقىرىمىز.»

پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباد ۋە شەرقىي پەنجاب ئۆلكىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىمۇ  يەر تەۋرىگەن.  

پاكىستان تەرەپ يەر تەۋرەشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى 6.1 دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ ، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن  5.9 ئېلان قىلىنغان.

بۇ دۆلەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلار ، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى  ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كەمچىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش  بىنالارنىڭ ۋە ئۆيلەرنىڭ ئېغىر ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە  ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، يېقىنقى 10 يىلدا ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 7000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئافغانىستاندا يەر تەۋرەش يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 560 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارالماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن 6.1 بال يەر تەۋرەشتە پاكتىكا ئۆلكىسىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلغانلىقى ، يارىلانغانلىقى ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى  ئۈچۈن ناھايىتى قايغۇرغانلىقىنى  بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، شۇنداقلا  ئافغانىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان قىزىل ھىلال ئاي تەرىپىدىن،  رايوندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ۋە يارىدارلارنىڭ ئائىلىسىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ  ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر