دۆلەتچىلىك

خىتايدىن قۇتۇلۇش تىرىشچانلىقنىڭ 33-يىلىدا بىر خۇلاسە

by Admin - Sep 10, 2021 0 Comment

 

 

 نەجمىدىن قارلۇق



 1988-يىلى شايار بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئىزچىلار تەشكىلاتى» قۇرۇلۇپ 9-ئاينىڭ-9-كۈنى خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق ئەقىدىسى تەكىتلەنگەن شوئار چاپلىنىپ 3 يىل كېسىلگەندىن ھازىرغا قەدەر، تەقدىر ماڭا خىتايغا قارشى ئىنقىلاب قىلىدىغان بىر ئىسيانكار روھقا ئىگە بولۇشنىڭ كۆتىرەڭگۈلىكىنى، مۇستەھكەم بىر ئېتىقاد بىلەن تەقدىرنى ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ئاتا قىلدى. ئەسلىدىنلا ھەقىقىي بەخت ھېس قىلدۇرىدىغىنى نەتىجىلا ئەمەس، تۇيغۇ ئىدى. 
 
شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ 33 يىلىدا بۇ روھ، مەن ھېس قىلغان مۇھەببەت ۋە ئىشەنچنىڭ، باشقىلار مەمنۇن بولغان ئادىمىيلىكنىڭ، گاھ ھاياجان ۋە گاھ ئۆزۈمنى يوقىتىشنىڭ، مەن ھېس قىلغان بارلىق ھۆرمەت ۋە ئۈمىدنىڭ پۈتمەس بۇلىقى بولۇپ قالدى. ساتقۇنلار ماڭا ھاقارەت قىلغان، قورقۇنچاقلار ۋە قاپاقباش بىلەرمەنلەرنىڭ ھەسەت ۋە ھەيرانلىقىغا دۇچ كەلگەن، ئۈمىدسىزلەر خىيالپەرەستلىكتە ئەيىبلەشكە ئۇرۇنغان چاغلاردا، ھەتتا ۋەتەندىكى ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تۈرمىدە كىشەن سۆرەپ، قېرىنداشلىرىمنىڭ بارلىق ئۈمىدسىزلىك ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگۈنۈمدىمۇ،  خىتايدىن قۇتۇلۇش كۈرىشىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى شان-شەرىپى ماڭا تەۋرەنمەس ھەققانىيلىق تۇيغۇسى بېغىشلاپ كەلدى. ھەق  يولدىكى  ۋەتەن جەڭچىسى  ئىكەنلىكىمدىن كەلگەن، توغرا قىلىۋاتىمەن دېگەن ئىشەنچتىن تەسەللى تاپتىم،  ھاياتىم بويى قۇرت -قوڭغۇزلاردەك خۇسۇسىي تۇرمۇشى ئۈچۈن ئاۋارە بولۇپ تەقدىرنىڭ سىناقلىرى بىلەن قانات تىترىتىش نېسىپ بولغان ئىنسانلارغا ئەسلا ھەۋەس قىلمىدىم.
 
ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، تىرىشچانلىقىم ئاز بولۇپ قالدى ، ۋە نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلدىم، ۋە شۇ تۈپەيلى پىلانىمدىكىدەك ياشىيالمىدىم. خاتا قىلغان چاغلىرىم بولدى. ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىكلىكى، گاھى ئادەم ياكى مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقىم، بەزىدە «ئىنقىلابنىڭ ئۆزى ئەڭ بۈيۈك ئەخلاقتۇر » سۆزىنىڭ ئىلھامى بىلەن، پىلان ۋە شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈچۈن قىلىنغان يوشۇرۇش ۋە يالغانچىلىقلار، ئۆزۈم توغرا دەپ بىلگەن بولساممۇ كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدىن ھالقىغان بەزى خاتا قارارلار ئېغىر خاتالىق سۈپىتىدە مېنى بەزى چۈشىنەلمەسلىكلەرگە دۇچار قىلدى. ئىسىت، قايتا كەلگىلى بولسىدى...
   
1988-يىلى تۈرمىگە كىرگەندىلا، ھەتتاكى مەن 1-جۇمھۇرىيەتنىڭ جەڭچىسى ئىمىن مۇپتىنىڭ نەۋرىسى، قەمىردىن شىرىپنىڭ ئوغلى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زېمىندا ۋەتەننىڭ مىراسخورى بولۇپ تۇغۇلغاندىلا  ھاياتىمنىڭ مۇساپىسى بەلگىلەنگەن ئىكەن. خىتايلارنىڭ مېنى  ئۆز ۋەتىنىمدە ئۆتكەن كېيىنكى 28 يىلىمدا نۇقتىلىق شەخس، خەتەرلىك شەخس دەپ تامغا ئۇرۇشى، پۈتۈن پىلانلىرىمنىڭ يۈرۈشتۈرۈلىشىگە ۋە ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشۈمگە  زور زىيان يەتكۈزگەن، پات -پاتلا سولاق ۋە ماددىي يوقىتىشلارغا دۇچ كەلگەن بولساممۇ ئەگەر ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلسە،  مەن يەنىلا «ئىزچىلار تەشكىلاتى» نى  قۇرغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە  كەلگەن، ھاياتىمنىڭ ئاساسلىق مۇساپىسى بولغان خىتايغا قارشى بىر ئىنقىلابچى بولۇشنىڭ ھۇزۇرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن بولاتتىم.   ئەلۋەتتە، تېخىمۇ تىرىشىش، تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇش، بەزى قېرىنداشلىرىمنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن تەپسىلىي نۇقتىلاردىكى خاتالىقلىرىمدىن ساقلىنىشتا تەدبىرلىك ۋە سەۋرچان بولغان بولاتتىم.
  
ئۆزۈمدىن مەمنۇن بولىدىغان بىر تەرىپىم بار دېيىلسە، ئۇ دەل خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى بارلىق پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قاراپ كەلگەنلىكىم. ۋەتىنىم ئۈچۈن خىتايدىن قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئىزدىنىشلىرىم، بەدەللىرىم.
    
ئارۇزيۇمدىكىدەك جىق نەتىجەم بولمىسىمۇ، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق بولدى دەپ بىلىمەن. خەلقىمىزگە بولغان ئىشەنچىم ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئۈمىدىم، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكىدەك تەبىئىي ۋە قىزغىن بولمىسىمۇ، ئەمما  تېخىمۇ پىشىپ مۇستەھكەم ۋە ھەقىقەتەن پەرۋاسىز ھالەتكە كەلدى.
  
مېنىڭ مىسلىسىز گۈزەل سىياسىي غايەم ۋە تەسەۋۋۇرۇمنىڭ ئەكسىچە خىتايدىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىنىڭ ئاساسىي بولغان پۈتۈن مىللىتىمىزدىكى ئىرادە ۋە ئىقتىدار يېتەرسىزلىكى، شەرق مىللەتلىرىگە خاس بولغان پىلانسىزلىق ۋە قىزىققانلىق، بوشاڭلىق ۋە ئىجراسىزلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ قانچىلىك بۈيۈك ۋە قىيىن بىر يول ئىكەنلىكىنى تونۇغىنىمدا ئۇرۇشنىڭ زامانىۋى شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن سىياسىي كۈرەشنىڭ بىر سەنئەت ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ بۇ سەنئەتنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقەتەن چامىم يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلساممۇ ھېچ ۋاز كېچىش تۇيغۇسىدا بولۇپ باقمىدىم.

سىياسەت ئۇنى تەتقىق قىلمىغانلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش قورالى  دېيىلىدىكەن. ئەگەر مەندىنمۇ ئىقتىدارلىق بولغان بەزىلەردەك دەسلەپتىلا چامىم يەتمەيدۇ دەپ قاراپ،  جاپادىن قېچىپ، ئۆزۈمنى قويۇپ باشقىلارغا باھا بېرىدىغان چاكىنا تۇرمۇشقا كىرىپ، بارلىق ئاساسى مەسىلىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋە مەندىن ھالقىغان يۈكسەك ئىدىيەنى تۇرغۇزماي تۇرۇپ، پۇل -پۇچەك بىلەن بىلەن ھەپىلىشىپ قۇرت -قوڭغۇزلارچە ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان، ھاياتىمنى ئەرزىمەس نەرسىلەر بىلەن ئاۋارە قىلىپ ياشىغان بولسام، قەلبىمدىكى مەننىڭ تەلەپ ئۆلچەملىرى ئالدىدا، ھاياتىمنى ئۈمىدسىزلىك ۋە مەسخىرە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان بولاتتىم .
   
مىللىتىمىزنى خار قىلغان چېچىلاڭغۇلۇقنىڭ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش تۈگۈل، مەغلۇپ بولغان دۈشمەننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىرلىك ۋە ئىقتىدارغا لايىق بولغان جاسارەتنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى مەۋجۇت جامائەت قۇرۇلمىسى ۋە ئاممىۋى يۆنىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلاش كېرەكلىكىنى، روھنى جانلاندۇرۇش، جاسارەت، پىلان، قانائەتسىزلىك ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىشنىڭ، پىداكارلىق ۋە نەتىجىنى چىقىش قىلغان سىياسىي پوزىتسىيەنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمغا تارقىتىش ئۈچۈن ھەپىلەشكىنىمدە ئەڭ رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن قارشى چىقىدىغانلارنىڭ  قېرىنداشلىرىمىز بولىدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم.  
  
30-يىللاردا دالاي لامانىڭ ئەنگلىيەدە ئوقۇپ كېلىپ تىبەتلەردە  ئارمىيە ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ كۆزنى ئۇيۇپ پۇت قولىنى كېسىپ تاشلىۋەتكەنلىكىدەك بىر تارىخى پاكىتنى بىلگىنىمدىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ مىللەتنىڭ ئالدىدا نادانلىقتىنمۇ چوڭراق دۈشمەننىڭ بولمايدىغانلىقىنى، بىيۇكراتلىقنىڭ بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى توسىدىغان ئەڭ چوڭ توسۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.

بيۇكراتلار- كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز-ئۆزىگە ئىشەنچىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېلىۋاتقان مۇداپىئە ئېڭىنىڭ تەسىرىدە، بارسا كەلمەس يول بىلەن ئۆزىنىمۇ خەلقىنىمۇ ئەخمەق قىلىدۇ.   دۈشمەنگە ھېچقانداق تەھدىت سالالمايدىغان، ھاڭۋاقتىلىق بىلەن قەپەسنى چۆرگىلەپ يۈگىرەيدىغان ئېڭى بىلەن ھازىرقى ھالەتنى ساقلاش تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاتالمىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. بۇلار ئۇلارنىڭ يېشى، ئىقتىدارى، زاماننىڭ تەسىرى بىلەن ئەمەس، دەل ئاخىرقى مەزگىلدىكى مانجۇ خانلىرىغا ئوخشاش ئايروپىلان دەۋرىدە سېپىل ئارقىلىق خانلىقنى مۇداپىئە قىلماقچى بولغانلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسسۇلى ئەمەسمۇ؟
  
مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسى- ھەرگىز غەلىبە ئېلىپ كېلەلمەيدىغان ئۆلۈك قۇرۇلمىسىدۇر.  ئۇ ئىسلاھات ۋە بىر مەيدان ئىنقىلابقا موھتاج.  شۇنداق ئىكەن بۇ 33 يىلدىن ئالغان خۇلاسەم نېمە بولدى؟
    
دۇنيادىكى  مەن ئۆگەنگەن  ئىنقىلابلارنى  ۋە ھايات تەجرىبەمنى خۇلاسىلەش ئارقىلىق ئىچكى مەسىلىلىرىمىزنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۈچ ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇنقى بىرىنچى توسۇق ئىكەنلىكىنى، بىزنى پىلانسىزلىق ۋە تۈگمەن چۆرگىلىتىشى بىلەن خاراب قىلىۋاتقان جەمئىيەت قۇرۇلمىمىزدىكى بيۇكراتلىقتا تۈگىمەس ۋە زاپاس قاراڭغۇلۇق، نادانلىق ۋە رەزىللىك بولىدىغانلىقىنى تونۇدۇم. دىن، ئائىلە، ئىقتىسادى پائالىيەتتىن تارتىپ دوستلۇققىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ۋاپادارلىققا تۇتىشىدىغان «مېنىڭ مۇتلەق توغرا»نىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ  ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىشقا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.
    
بارلىق جانلىقلارغا ئوخشاش ئىنسانلارمۇ زىددىيەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلالايدىغان، يېڭى ۋە قارشى پىكىرلەرگە  قۇلاق سالالايدىغان، ئىدىيەسى ئازاد قىلىنغان يېتەكچىلىرى بار خەلق،  چوقۇم ئۆزىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن  كۈرەش قىلىشتىن ھېرىپ قالمايدىغان پوزىتسىيە بىلەن مىللەتنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە پۇرسەتپەرەس مۇستەبىتلەرگە، ۋاقىت ئۆلتۈرىدىغان خاتا پىكىرلىك جاھىللارغا ئورۇن قالدۇرمىغان ئادالەت، تەرەققىيات تۇپرىقىنى بارلىققا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ تۇپرىقى باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، نىشاندىن باشقىدا يول قويۇشنى بىلىدىغان كۈرەش روھى ئىكەن. 
    
بيۇكراتلاردا كۈرەش روھى بولمىغانلىقتىن ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى جاھىل قىلىۋېتىدىكەن. خوشامەتچىلەر ۋە ئەرزىمەس ھوقۇق مەستخۇشلىقى پەيدا قىلغان بىلەرمەنلىك ئۇلارغا قانائەت ئاتا قىلىدىكەن. مەنچە بۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە ئۇلارنىڭ جاھىللىقىنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ كۈنسېرى ئاجىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمايلا قالماستىن، بۇ  جەرياندا  ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش ۋە ئۇلارغا بىلدۈرۈش خەلقنىڭ مەجبۇرىيىتى. 
 
خەلقنىڭ داۋاملىق يېڭى ئادەم ۋە يېڭى ئۇسۇللارنى سىناش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا دۈشمەن تەبىئىي ھالدا بىزنىڭ تۈگمەن چۆرگىلەشلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسىنى يەپ تۈگىتىدۇ!  
   
مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا خەلقنى قوزغىتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، دېموكراتىيەنى چەتكە قېقىش، خەلقنى مەنسىتمەسلىك ، تەربىيلىمەسلىك پەقەت خىتاينىڭ بىزنى قالاق ۋە چېچىلاڭغۇ تاشلاپ قويۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۇنى چۈشەنمەسلىك ئۈچۈن مۇناپىق بولۇشى كېرەك. 
    
كۈرىشىمىز ئەڭ ئاۋۋال روھنىڭ ، چۈشەنچىنىڭ كۈرىشى بولۇشى، ۋە ئاخىرىدا جىسمانىي كۈرەشكە ئايلىنىشى كېرەك بولغانلىقتىن، بىز ھازىردىن باشلاپ بارلىق ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى بەختسىز قىلغان بيۇكراتلىققا سۈكۈت قىلىشنىڭ تۇپرىقىنى يېڭەلىشىمىز كېرەك. چۈنكى كۈرەشنىڭ شەكلى، كۈرەشنىڭ مەقسىتىدىنمۇ بەكرەك نىشانغا ئېلىپ بارىدۇ.  دۇنيانىڭ سىياسىي- تارىخ فورمۇلاسىدا رىقابەت ۋە مۇھەببەتنىڭ غەلىبىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بيۇروكراتلىق ۋە جاھىللىقىنىڭ پەقەت مەغلۇبىيەتكىلا  ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكرار كۆرۈۋاتىمىز. 
  
 يەنىمۇ ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقىنى، بارلىق مەغلۇپ بولغان مىللەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان خانە -ۋەيرانلىقى ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە ئاشۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان نۇقتا - پەرۋاسىزلىق تۇرىدۇ. پەقەت كۆپ سانلىق خەلق قاتناشقان ئىنقىلابلا بىۋاسىتە مەڭگۈلۈك ئىنقىلابقا ئايلىنالايدىغانلىقتىن، ناۋادا خەلق ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ياخشى قىلالايدىغانلار قىلسۇن دەپ قارايدىغان بىر كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، پەرۋاسىز ھالدا قۇرۇتلارغا ئوخشاش ھاياتىنى داۋاملاشتۇرسا، بىر تېمىم سۇ يامغۇر بولاتتىمۇ ؟
 
مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلغان بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاشلا بىزمۇ مۇستەقىللىقىمىزنىڭ قانۇنى ئاساسىي بولغان خەلقنىڭ ئاۋازىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھوقۇققا ئېرىشىش قىزغىنلىقى ھەر ئاماللار بىلەن قوزغىتىشقا، سىياسىي مائارىپ ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئۆز ھوقۇقى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشنى ھاياتلىق غايىسى قىلغان  تەشەببۇسچىلار بارلىققا كەلتۈرۈلگەن سىياسىي ھاۋاغا موھتاج. 
    
مۇستەقىللىقنى ئەڭ تۈپ مەقسەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي بىلىملەرنى، قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى، پىداكار ۋە ئادالەتلىك بىر دېموكراتىك ئىچكى قۇرۇلمىنى بەرپا قىلىش، بىز ئىچكى قىسمىمىزدا ئەڭ ئاۋۋال ۋە جىددىي تاماملىنىشى كېرەك بولغان ئىنقىلاب باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. پەقەت مۇشۇ باسقۇچ تاماملانغاندىلا ئاندىن بىز مەڭگۈلۈك ئىنقىلاب روھىغا ئىگە، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كېرەكلىك كۈرەش ئەنئەنىسىگە سىياسىي بوشلۇق يارىتالايمىز.

 مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەسلا چۈش ئەمەس. ئۇنى رېئاللىقتىن ئايرىلغان شەكىلۋازلىققا بەند قىلىپ، تارىخى ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمىغىنىغا ئوخشاش، پىلانسىز، مائارىپسىز، خەلقسىز ،پروگراممىسىز غۇدراش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.  خەلقنى تەشكىل قىلغۇچى ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇستەقىللىقنى، ۋاز كېچىلمەس نومۇس قورغىنى ھېسابلايدىغان روھقا ئىگە بولۇشى، ۋە بۇ يولدا يېتەرلىك جاسارەتكە كېلىشى، ھېچ بولمىغاندا مىللەتنىڭ ئا‍ر نومۇسلۇق  سىياسىي ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مىللەتنىڭ ھايات ماماتلىق تەقدىرىگە، بۈيۈك مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى تاماملاش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئىچكى ئېنېرگىيەگە يول ئاچىدۇ.
 
ئەپسۇس، بىزنىڭ مۇشۇنچىۋالا مۇقەددەس ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملىغۇدەك ۋاقتىمىز بارمۇ؟

قانچىلىك جىددىي بولۇشىمىزدىن قەتئىي نەزەر، روھىيىتىمىزدىكى، ئاكتىپلىقىمىزدىكى،  ۋە دۇنيانى چۈشىنىش ۋە تەتبىقلاشتىكى، جەمئىيەت قۇرۇلمىمىزدىكى بۇ توسالغۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىغان باشقا پىلان يوق.  
  
ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ  ئىنسانىيەت تارىخى ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلاپ بولغان ئۇسسۇلى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. خىتاي دۆلىتى يۈزلىنىۋاتقان توسۇۋالغىلى بولمايدىغان سىياسىي ھالاكەت ۋە خەلقىمىز چوقۇم ئېھتىياجلىق بولىدىغان سىياسىي ئويغىنىشنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلاشقاندا، بىزنىڭ ئىستراتېگىيىمىز ئەلۋەتتە ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي مائارىپ ۋە ئويغىنىش باسقۇچىنى، ھەتتا ھەر بىر ئېھتىماللىق ئاستىدىكى تېخىمۇ جەڭگىۋار ۋە ھايات ماماتلىق  پۇرسەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.

روبېرت فولتون ئېيتقانغا ئوخشاش ئۈمىدسىزلەرنى قانائەتلەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. (روبېرت فولتون تۇنجى پاراخوتنى ھودزون دەرياسىدا سىنىغاندا كىشىلەر دەسلەپتە پاراخوتنىڭ قوزغىلالمايدىغانلىقىغا دو تىككەن، قوزغالغاندىن كېيىن بولسا توختىيالمايدىغانلىقى دو تىككەن. ۋە توختىغاندا بولسا، پاراخوتنىڭ ماتورى ھەممە ئادەم بىلىدىغان شۇنچىلىك ئاددىي پويىزنىڭ ماتورى شۇغۇ، ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار دېيىشكەن ئىكەن). 

ئارستوتىل- «روھنىڭ ئەكسىچە، ئەقىلنىڭ ئورنى ساتقىنلىققا يېقىن بولىدۇ»  دېگەن ئىكەن. ئىنسان گاڭگىراش ۋە سۇنىڭ ئېقىشىغا ياشايدىغان خاراكتېر بىلەن ھېچقانداق يېڭىلىق يارىتالمايدىغانلىقىنى ھەر دائىم ھېس قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ دائىملىق، كۈچلۈك ھالدا مىللىي بىرلىككە تەقەززا ھالىتىدە تۇرۇشىنىڭ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان پۇرسەتنى بەرپا قىلىشقا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوقۇم ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئەستە ساقلىشى ھەمدە ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەۋەككۈل قىلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

خىتايغا قارشى قۇتۇلۇش ئىنقىلابىدىن ئورۇن ئېلىش  ئار نومۇسنىڭ چېگراسى بولۇپ قالغان مىنۇتلاردا،  بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى، قورقۇنچاقلىق،  يالغانچىلىق ۋە خۇشامەتچىلىك يامراۋاتقان، قانچە داۋاملاشسىمۇ ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان بىر جەمئىيەتتىكى بىيۇكرات قۇرۇلمىغا ماس كەلمەيدۇ. ئۇ ياكى ئىنقىلابقا قاتنىشىشى ياكى قاتناشماسلىق ئارقىلىق ئاشۇلارنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىشى كېرەك.

شۇنداق ئىكەن، بىز ئالدى بىلەن لۇغىتىمىزدىن  بىيۇكرات پوزىتسىيەسى بىلەن مىللەتنى سىياسىي كۈرەشتىن بىزار قىلغان، ئۆزى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالمايلا قالماستىن، خەلقىنىمۇ ھەرىكەتسىزلىككە ئادەتلەندۈرگەن، ئەمما ئۆزىنىڭ «كاتتا» نەتىجىلىرى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ھېيىقىپ قالمايدىغان تۇغماس توخۇلارنى تاشلىۋېتىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟  بىچارە مىللەتنى ئۆز ئورنىدا چۆرگىلەپ، كۈنسېرى تېخىمۇ چېچىلاڭغۇ ۋە تېخىمۇ ئاجىز قىلىۋېتىدىغان، يۈزى قېلىنلارغا ئوڭچە قالغان «مۇستەبىت تۈزۈم»نى ئارقىدا قالدۇرالايدىغان پوزىتسىيەنى تارقىتىشىمىز ، كەڭ كۆلەملىك قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزۇشىمىز، كەلگۈسى قوشۇنىمىزنىڭ مەنىۋى تەربىيەلىنىش باسقۇچىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟

كۆپ كۆرۈلگەنلەر