ھۆكۈمەتلەر مەيدانى

مىشەل باچېلېت ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

by Arman - Jun 13, 2022 0 Comment

مىشەل باچېلېت ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-ئىيۇن
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-ئىيۇن خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېت دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى خالىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە ئىلگىرى مەزكۇر ئورۇندا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارلار ئاساسەن داۋاملىق تۈردە ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىمەسلىكنى قارار قىلىشى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەنقىد ۋە بېسىملارنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشماقتا.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر