تارىخ ۋە ئەسلىمە

مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى


مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى

ھەبىبۇللا ئىزچى

«كۆك تاشلىق ئارخىپ» تىن ئېلىندى

ئىلاۋە: ئابدۇلھېمىت تالىپ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى ھەققىدىكى ۋەقەلىك رەھمەتلىك ئۇستاز نىزامىددىن ھۈسەيىننىڭ يېتەكچىلىكىدە  كۆك تاشلىق ئارخىپقا ئېلىنغان ئىدى.

بۇ ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە سوت مەھكىمە ئارخىپلىرىدا كۆرگىنىمىز «شەرقى تۈركىستان ئىسلام  ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسى»  يېزىلغان ئىدى.

ۋەقەشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ بۇ ۋەقەنى كۆرگىنىمىز،ۋەقەگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ  ۋە  شاھىتلارنىڭ بايانىغا ئاساسەن قەلەمگە ئېلىنمىشتۇر.

ھەبىبۇللا ئىزچى

رەسىمدە: ئابدۇلھېمىت تالىپ 

 

1992-يىلى كۇچار ناھىيىسى تەۋەسىدە ۋە پۈتۈن شەرقى تۈركىستان تەۋەسىدە ھېمىت تالىپنى ۋە سەبداشلىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ. بۇلاردىن بىر قىسمى كىتابىمىزنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ئوپران پاجىئەسىدىكى كىشىلەر ئىدى. ھېمىت تالىپ سەبدىشى ئوبۇلقاسىم يۈسۈپ ۋە باشقا بىر نەچچە كىشى بىلەن  كۇچادا يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈيدۇ.

تېلېۋېزوردا ھەر كۈنى ئېلان قىلىنغان تۇتۇش بۇيرۇقى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۆيمۇ – ئۆي ئاختۇرۇشى سەۋەبىدىن بۇ كىشىلەر تارقىلىپ يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھېمىت تالىپ بۇ ۋاقىتتا شايار  ناھىيسى مازار غوجام يېزىسى، ئالغا نۇر كەنتىدىكى يېقىنى ئېزىز ئابباسنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇنۇشقا بارىدۇ. ئېزىز ئابباس  بۇندىن بۇرۇنمۇ  ھېمىت تالىپ ۋە كېرەم ئابدۇۋېلىلار بىلەن يېقىن ئۆتكەن ۋە نەچچە قېتىملىق سۆھبەتلەردە بولغان كىشى بولۇپ ،ھېمىت تالىپ بۇ ئادەمنىڭ يۈرۈش –تۇرۇشى ۋە بۇندىن بۇرۇنقى دوستلۇقىغا ئىشىنىپ بۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يۇشۇرۇنماقچى بولغانلىقىنى شۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئېيتىدۇ.

ئېزىز ئابباس قورقۇنچى ئىچىدە بىر ئاخشام ئۆتكۈزكەندىن كېيىن ئەتىسى ئەتىگەندە ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ،ھېمىت تالىپنىڭ ئۆزىنىڭ ۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.1992-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان ھېمىت تالىپ ئامالىسىز تەسلىم بولىدۇ.

بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كۇچادىن نۇرغۇن كىشى تۇتقۇن قىلىنىدۇ،كۆكچى مەھەللىسىدىن تۇدىخان ،ئوغلى ھەبىبۇللاقارى،يېڭى مەھەللىدىن ئۇبۇلقاسىم يۈسۈپ،كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ ئىنىسى مەمەتئىمىن ئابدۇۋېلى ھازىر شىۋىتسىيەدە، تۇرغۇنجان قاتارلىقلار تۇتقۇن قىلىنىدۇ. 

بۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەتتا ساقچىلارمۇ ئىچىدە ئېزىز ئابباسقا لەنەت ئوقۇيدۇ ۋە ئېزىز ئابباسنىڭ ھېمىت تالىپنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى خەلق ئىچىگە يېيىۋېتىدۇ.

 ئارىدىن يىللار ئۆتكەندە 1997-يىلى 10-ئايدا  كۇچا ناھىيىسىدىن ئابدۇۋېلى قادىر كەسپى زەرگەر كۆكچى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق،بارات قاھاپ  ئالقاغۇ يېزىسىدىن ئىككى كىشى بىر بازار كۈنى بازاردىن قايتىۋاتقان ئېزىز ئابباسنى ئېتىزلىق يولىدا ئېتىۋېتىدۇ. بۇ مۇناپىق شۇنداق قىلىپ ئەلقىساسى مىنەلھەق دەپ جازاسىنى تارتىدۇ.

 خىتاي ھۈكۈمىتى بۇلارنى 99-يىلىغىچە تاپالمايدۇ ۋە گۇمان بىلەن باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇتۇپ سولايدۇ. 1999-يىلى باشقىلار بۇلار ئىشلەتكەن تاپانچىنى باشقا بىر ۋەقەدە ئىشلىتىپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، بۇ تاپانچىنى كىمدىن ۋە نەدىن ئالغانلىقىنى سوراق قىلىش جەريانىدا باراتجان بىلەن ئابدۇۋېلى قادىر پاش بولۇپ قالىدۇ. ئابدۇۋېلى قادىر ۋە باراتجانلار تۇتقۇن قىلىنىدۇ. بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا نۇرغۇن ياشلارمۇ تۇتقۇن قىلىنىدۇ.

1999- يىلى 4-ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ ياشلارنىڭ سوتى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يوقۇرى سوتتا ئېچىلىدۇ. كۇچادىن كېچىلەپ موتوسىكىلىتتە مېڭىپ ئاقسۇغا كېلىپ سوتقا قاتناشقان ئابدۇراخمان ئىسمايىلنىڭ بايانىدا ،سوت جەريانىدا بۇ ياشلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، ۋە بىر-بىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن مەن قىلدىم دەپ ھەممەيلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋە باشقىلارنى قوغداپ قېلىشقا ئورۇنغانلىقىنى ئېيتىدۇ. نەق مەيداندا سوتچىنىڭ سەنلەر قەھرىمان بولماقچىمۇ؟ ئالدىرىماڭلار ھەممەڭلارنى مەقسىتىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇمىز دەيدۇ.

سوتتا مەمەتتۇرسۇن قۇربان ، نۇرمەمەت ئاۋۇت،ئۆمەر ئېلى، بارات قاھاپ،ئابدۇۋېلى قادىر قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى،ۋە بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۆمەر بارات، تەلئەت قۇربان،ئابدۇرېھىمجان ،ئابدۇسۇپۇر قاتارلىقلارغا بايدا ئېچىلغان سوتتا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندۇ. بۇلاردىن ئابدۇسۇپۇر 8 يىللىق كېسىلىپ 3-تۈرمىگە،ئابدۇرېھىمجام 10 يىللىق كېسىلىپ 1- تۈرمىگە،تەلئەت قۇربان 3 يىللىق كېسىلىپ سانجى تۈرمىسىگە،ئۆمەر بارات 4 يىللىق كېسىلىپ كۇچا سەكسەن تام تۈرمىسىگە ئەۋەتىلىدۇ.

مەمەتتۇرسۇن قۇربان ، نۇرمەمەت ئاۋۇت،ئۆمەر ئېلى، بارات قاھاپ،ئابدۇۋېلى قادىر قاتارلىقلارغا 2000 –يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ. جازا ئىجرا قىلىنغان كۈنى كۇچانىڭ پۈتۈن كىرىش چىقىشنى قامال قىلىپ، بۇ ياشلار شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن مېيتى ئائىلىسىگىمۇ بېرىلمەستىن كۇچا بىلەن باينىڭ ئارىلىقىدىكى تاغ ئىچىگە كۆمۈۋېتىلىدۇ.

بۇ ۋەقەدىكى بارات قاھاپ ۋە ئابدۇۋېلىنى قورال بىلەن تەمىنلىگۈچى كۇچا ناھىيىسى بىجاق يېزىسىدىن يۈسۈپ نىزام مۇددەتسىز كېسىلىدۇ. 2000-يىلى قاتتىق زەربە بېرىشتە مەن كۇچا تۈرمىسىگە قامالغاندا يۈسۈپ نىزام بىلەن بىلەن يان كامېرغا سولاندىم. يۈسۈپ نىزام مېنىڭ نەۋرە ھەدەمنىڭ يولدىشى ئىدى. بىر قىزى بار ئىدى.

ۋەقەنىڭ جەريانى ھەققىدە يۈسۈپ نىزامنىڭ مەھكىمە قارارىنى مەن تۈرمىدىكى ۋاقىتتا يان كامېرنىڭ شامالداش ئۆيىنىڭ رېشاتكىسىدىن يۈسۈپ نىزامنىڭ سۇنۇپ بېرىشى بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ھۆكۈمنامىدە يېزىلىشىچە ، يۈسۈپ نىزام كۇچادىن ئۈرۈمچىگە ئادەم تۇتقىلى چىققان بىر ساقچىنىڭ تاپانچىسىنى بۇ ساقچى مەستلىكىدە چۈشۈرۈپ قويغاندا تېپىۋالىدۇ.  كېيىن بۇ تاپانچا ئابدۇۋېلى ۋە باراتجانلارغا سېتىپ بېرىلگەن بولۇپ، باراتجان ۋە ئابدۇۋېلى ئېزىز ئابباسنى مۇشۇ تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈدۇ.

بۇ ۋەقەدە ،سوت –سوراق جەريانىدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھەر كىم بىر – بىرىنى تونۇمايدىغان ۋە پەقەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ئېلىم –سېتىم مۇناسىۋىتى بولۇپ يېزىلغان ئىدى.

ئاقسۇدىكى سوتتىمۇ سوتچى بۇلارغا سىلەر بىر –بىرىڭلارنى قوغداپ قالماقچى ۋە قەھرىمان بولماقچىمۇ دەپ كىنايە قىلغان ئىدى.

بۇلارنى تۇتۇش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن ماتېرياللاردا ئاقسۇ ۋە كۇچاردىكى بىر قىسىم  خەلق تەرىپىدىن مۇناپىق دەپ ئاتىلىدىغان ،نامدار مۇناپىقلارنىڭ تىزىملىكى،رەسمى  قولغا چۈشكەن ئىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە كۇچاردىكى داڭلىق قۇشقاچ داموللىنىڭ رەسمىمۇ بارلىقىنى شۇ قېتىمقى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىرەيلەننىڭ  سوت خاتىرىسىدە كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋەقەدىن كېيىن قۇشقاچ داموللىنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا مەخسۇس كامېرا ۋە ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلۇدۇ. ئۆيىگە ۋە دۇككىنىغا ساقچىخانىغا ئۇلانغان مەخسۇس لىنىيەلىك تېلېفون ۋە سىگنال بەرگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر