كۆچمەنلىك ۋە مۇساپىرلىق ھايات

خەلقئارا ئۇيغۇر ياشلىرى تور مەھەللىسى قۇرۇلدى

by 5 - May 21, 2019 0 Comment

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-5-21

بۇ جەمىئەتنى ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان مۇنەۋەر ياشلىرىمىزدىن مۇنەۋەر ئابدۇللا، زۇلپىقار ئابلىكىم ۋە نۇرئايدىن قاتارلىقلار قۇرغان بولۇپ، ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە قىزىققان چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تۇنۇشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن . بۇ جەمىيەت «تارىم گۇرۇپپىسىى» (tarim network )ئىسمى بىلەن خىزمەت قىلدىغان بولۇپ، توربەت ئىنگىلىزچە، ناھايىتى كۆركەم لاھىيلەنگەن، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، مۇزىكىلىرى، چولپانلىرىغا ئائىت رەسىم ۋە لىكسىيەلەر ھازىرلىنىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلار ئارا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش، ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بولۇشنى خالايدىغان چەتئەللىكلەر ئۈچۈن ئۇچرىشىش سۇپىسى بولۇپ،  زىيارەتچىلەرنى مەھلىيا قىلىدۇ.

ياشلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئۇقۇيمىز! بۇ ساھادە تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشىشنى تىلەيمىز!

 

تور بەت ئادرىسى

https://www.thetarimnetwork.com

كۆپ كۆرۈلگەنلەر