ھۆكۈمەتلەر مەيدانى

ئامېرىكا كونگىرەس خىتاي ئىشلىرى كومېتىتىنىڭ 23 - ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يازغان ئوچۇق خېتى:

by Admin - Aug 01, 2021 0 Comment

 

"ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، كېلەر يىلى فېۋرالدا ئۆتكۈزىلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى كېچىكتۈرۈشنى ۋە باشقا جايغا يۆتكەپ ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمىز ...

كومېتىتىمىزنىڭ سابىق رەئىسى ماركو روبىئو 2018- يىلى ئۆكتەبىردە سىلەرگە خەت يوللاپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى ۋاستە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلغانىدى. تا بۈگۈنگىچە جاۋابىڭلارنى كۆرمىدۇق.

كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، توكيو ئولىمپىكى كېچىكتۈرۈلدى. ئەگەر ئولىمپىكنى ۋابا سەۋەپىدىن بىر يىل كېچىكتۈرۈشكە بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئېرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىنمۇ بىر يىل كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ.

بېيجىڭ ئولىمپىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى ئۆز ۋىجدانى ۋە نام - شەرىپى بىلەن ئۆز كەسپى ھاياتى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بىر قىيىن ئەھۋالغا قويىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر ئادالەتسىزلىك".

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەكرەم ئىلىك

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر