ختتاي كوممۇنست پارتىيسى

ۋەتىنىمىزدىكى مىلياردېر خىتاي سۇن گۇۋاڭشىن قولغا ئېلىنغان

by Arman - Nov 16, 2022 0 Comment

ۋەتىنىمىزدىكى مىلياردېر خىتاي سۇن گۇۋاڭشىن قولغا ئېلىنغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 16-نويابىر

خىتاي خەۋەر قانىلى «ۋاڭيى»تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاندىكى ئەڭ چوڭ پاي چەك كونترول گۇرۇھى بولغان «گۇۋاڭخۇي» گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى سۇن گۇۋاڭشىن 11-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.(بەيدۇ تورىدىكى بەزى مەنبەلەردە قولغا ئېلىنغان دەپ خەۋەر قىلىنغان) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «گۇۋاڭخۇي» گۇرۇھىنىڭ تارمىقىدىكى: «گۇۋاڭخۇي ئېنېرگىيەسى»، «گۇۋاڭخۇي ماشىنىسازلىقى»، «گۇۋاڭخۇي باۋشىن» ۋە «گۇۋاڭخۇي ئەشيا ئوبوروتى» قاتارلىق تۆت چوڭ پاي چەك ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىمۇ تەكشۈرۈلۈشكە  باشلىغان.

سۇن گۇۋاڭشىن كىم؟

شەندۇڭ چىڭداۋلىق كۆچمەن خىتاينىڭ پۇشتى بولغان سۇن گۇۋاڭشىن 1962-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەپ خىتاي-ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1989-يىلى ئۇ 3000 يۈەنلىك ھەربىيلىك پېنسىيە مائاشى ۋە قەرز ئالغان 400مىڭ يۈەن دەسمايىسى بىلەن گۇۋاڭخۇي شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ تىجارىتىنى باشلىغان. 

سۇن گۇۋاڭشىننىڭ سودا ئىشلىرى يۇرتدىشى، جاللات ۋاڭ لېچۇەن ( 1994-يىلىدىن 2010-يىلىغا قەدەر ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان) نىڭ ھوقۇق تۇتقان مەزگىللىرىدە شىددەت بىلەن زورايغان. «گۇۋاڭخۇي» گۇرۇھى بولسا، شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاندىكى ئۆي مۈلۈك، ماشىنىسازلىق، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەڭ كۈچلۈك گۇرۇھقا ئايلانغان. سۇن گۇۋاڭشىن ئۆزى 2002 يىلى خىتايدىكى 10 چوڭ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلدى؟

«ۋاڭيى»تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «گۇۋاڭخۇي گۇرۇھى» يېقىندا بىر پاي ھوقۇقى ماجىراسىغا چېتىلىپ قالغان دېگەن باھانە بىلەن خىتاي دۆلەتلىك ئاكسىيە تەكشۈرۈش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە سۇن گۇۋاڭشىننىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئاساسلىقى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئۇنىڭ ئارقا تىرىكى بولۇشى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

2021-يىلى ئامېرىكا يەرلىك خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇن گۇۋاڭشىن تېكساس شتاتىدىكى The Devils دەريا بويىدىن 14مىڭ گېكتار يەر سېتىۋېلىپ ئامېرىكىنىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مەبلەغ سالغان. بۇ قىلمىش دەرھال ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مەبلەغ سېلىشنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ مەبلەغ سېلىش تۈرى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

ئارمان تەييارلىدى.


كۆپ كۆرۈلگەنلەر