ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50. قېتىملىق كېڭىشى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىزغىن تالاش تارتىشتا ئۆتتى


 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50. قېتىملىق كېڭىشى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىزغىن تالاش تارتىشتا ئۆتتى

 

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتىنىڭ 50. قېتىملىق يىغىنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا ئېچىلدى .

يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە گوللاندىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى پائۇل بېككىرس  47 دۆلەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

پائۇل بېككرس سۆزىدە ، بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز.  كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلىنغان ۋە ئىشەنچلىك دوكلاتلاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ گۇناھسىز ۋە خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى. بۇنىڭدىن باشقا ، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش ، ئۇيغۇرلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مەنسۇپ باشقا كىشىلەرنى كەمسىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتا  قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق ، ئاساسىي ئەركىنلىك ، جۈملىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى چەكلەش قاتارلىقلار ھەققىدە دوكلاتلار بار.  بىز يەنە، رەھىمسىز قىيىن-قىستاق ۋە باشقا  ئىنسانلىققا يات پەسكەش مۇئامىلىگە، ياكى جازالارغا ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، جىنسىي تاجاۋۇز ۋە جىنسنى ئاساس قىلغان زوراۋانلىق ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق ھەققىدىكى دوكلاتلارغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز.

بىز خىتاي ھۈكۈمىتىدىن ،جۈملىدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار  ۋە باشقا شەخسلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن  قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. 

بىز يەنە شياڭگاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە نېگىزلىك قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ناچارلىشىشى ۋە شىزاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمىز.

بىز جۇڭگونىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشقا تولۇق ھۆرمەت قىلىشىنى ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى دۆلەت ۋە خەلقئارا قانۇنلاردىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  ئۇندىن باشقا ، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئالاھىدە رەسمىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل ۋە توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.  ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز.

ئاخىرىدا، بىز يېقىندا جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتىڭىزنى ، جۈملىدىن شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو دائىرىلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىدە بولغانلىقىڭىزنى،  ۋە 28-مايدىكى باياناتىڭىزنى ئېتىراپ قىلىمىز. ئەمما بىز تېخىمۇ تەپسىلىي كۆزىتىشكە قىزىقىمىز ، جۈملىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زىيارەتكە قويغان چەكلىمىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە سىز تاللىغان يەرلەرگە توسالغۇسىز زىيارەت قىلىشىڭىز قاتارلىق تېخمۇ تەپىسىلىي ۋە كونكېرتنى ئەھۋاللارغا قىزىقىمىز.

ئىشخانىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىڭىزنى سىزگە ئەسلىتىش بىلەن  بىرگە ، ئۇ دوكلاتنى تېزرەك ئېلان قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. 

يىغىندا يەنە تۈركىيە ۋەكىلى سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە ئۇ ھەقتىكى ئەندىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ،خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. تۈركىيە ۋەكىلى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومتىتى ئالى كومىسسارىنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ ھەقتە ئەنگىليەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىلى سىمون مانلەي ئۆزىنىڭ تىۋىتتەر ھىسابىدا شۇنداق دەيدۇ ، بۇ قېتىم ھەر قاچانكىدىن تېخىمۇ كۆپ دۆلەت خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ،ئىنسانلىق ئۈچۈن بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز ،دەپ يازغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ۋەكىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئىسا ئەپەندىمنى تېرورچى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى خىتاي ھۈكۈمىتىگە تۆھمەت قىلدى دەپ ئەيىپلىگەن . ۋە رەزىللەرچە دولقۇن ئىسا ئەپەندىمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ،يىغىندا قۇتراتقۇلۇق ۋە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.

50 . قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بالقاندىكى ئالبانىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىسلام ۋە تۈرك دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىقى تولىمۇ ئېچىنارلىق بىر ھادىسە ئىدى.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر