«ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا نەزەر

ئاپتورى: مەمتىمىن ئەلا

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 10- دېكابىر

ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم قىزى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-27

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» تۈزۈپ چىقىلغان بولسىمۇ، 1948- يىلى يۈز بەرگەن ئۈمىدسىز، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە يىغا- زارىلەرگە تولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر نۇسخىسى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ يىل ئەھدىنامىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە، ئەمما دۇنيا ئۆتكەن ئەسىردە كامبودژا، رۋاندا قىرغىنچىلىقلىرىغا، 21- ئەسىردە بولسا بېرما قىرغىنچىلىقىغا گۇۋاھ بولدى. چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەلقئارا قانۇنلاشتۇرۇلغان بۇ تۈزۈم دۇنيا مىقياسىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تارىخى ئۇتۇق قازىنالمىدى. يەنە كېلىپ، دەل شۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مىللىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

دۇنيا ئەھلى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ ئەھدىنامىنى ئىرقىي قىرغىنچلىقنى چەكلەيدىغان خەلقئارالىق قانۇن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە كىشىلەر نىشان قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالقىشلاپ كەلگەنىدى. ئەسلىدە بۇنداق بىر ئەھدىنامىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنسانلارنى ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئىناق ئىجتىمائىي بىرلىك ئۈچۈن تىرىشىش ۋە يەر شارى مىقياسىدا ئادالەت ئورنىتىش نىشانىغا يېتەكلىسە توغرا بولاتتى، ھەم شۇنداقلا مەزكۇر ئەھدىنامە گەرچە ئەمەلىيلىكتىن يىراقتەك ئاڭلانسىمۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تۈپكى پىرىنسىپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كۆڭۈلدىكىدەك بىر قېلىپ بولالايتى.

شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى قەغەز يۈزىدە «تېرورلۇققا، دىنىي ئاشقۇنلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇتۇقلىرى ب د ت نىڭ مەزكۇر ئەھىدىنامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مەغلۇبىيىتىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ ۋەقە مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ خەلقئارالىق بىر تۇتاش قانۇن بولۇشتىن كۆپرەك پەقەت ئاتاقتىكى يەر شارى خاراكتېرلىك بىر بەلگىلىمە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىجراسىمۇ چەكلىك دائىرىدە بولۇپ كەلدى.

 2018- يىلى ئاۋغۇستتا ب د ت نىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپسىز ھالدا سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىلغان «كەسپى تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە، ئەمەلىيەتتە بولسا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى ھەققىدە دوكىلات بەردى.

بۇ دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، لاگېرلارغا يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە زورلانغان، قىيىن- قىستاق ۋە تەن جازالىرى ئارقىلىق مۇدھىش مېڭە يۇيۇشلارغا مەجبۇرلانغان. لاگېر سىرتىدا بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەممە جايغا كۆزىتىش سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىسىنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆز ئۆرپ- ئادەتلىرىنى تاشلاپ، قىلچىمۇ قارشىلىقسىز خىتايلىشىشقا بۇيرۇغان. تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا- ئانىلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىپ، ئۆز ئائىلىسى بىلەن قايتا بىرلىشىش پۇرسىتىدىن تامامەن مەھرۇم بولغان يېتىملارغا ئايلاندۇرۇلغان. كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، رويتېر ئاگېنىتلىقىنىڭ يېقىندا ئېيتىشىچە، لاگېرلار كۆلەم ۋە سان جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتىسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمەك ناھايتى تەس. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاستا- ئاستا لېكىن ئۈزۈل- كېسىل غۇلىماقتا شۇنداقلا ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ساقايتىش ناھايتى قىيىن بولغان بىر پۈتۈن ئەۋلات خاراكتېرلىك زەخمىگە مۇپتىلا بولماقتا.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنىنىڭ 2018- يىل نويابىردا ئېچىلغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قاراپ چىقىش يىغىنىدا، 193 ئەزا دۆلەت ئىچىدە پەقەت 15 غەرب دۆلىتىلا لاگېردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ۋەكىللىرى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، «كەسپى تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسى مۇددىئانىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئاشقۇنلۇقنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ روھىيىتىنى قۇتقۇزۇش» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ئۆزىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى قارشى تۇرغۇسىز كۈچى ۋە ب د ت دىكى يۇقىرى تەسىرىنى ئىشلىتىپ، يەنە بىر قېتىم خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

پەقەت ب د ت لا ئەمەس، ھەتتا باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا خىتاينى ئاشكارا ئەيىبلىگىنى ۋە قارشىلىق بىلدۈرگىنى يوق. خىتاينى ئىسلامنى ساقايتمىسا بولمايدىغان يۇقۇملۇق ۋىرۇس كۆرگىنى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى «مۇسۇلمان» دەپلا جازالاۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب- ئوقۇبەتلىرى ئۈچۈن سۆز  قىلغان بىرمۇ مۇسۇلمان دۆلىتى يوق. ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان كۆلەملىك زورلۇق ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىدىن بىرسىمۇ يوق، ھەتتا تىبەتلەرنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېستىمىلىق باستۇرۇشىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلار» دەپ كېلىۋاتقان دالاي لامامۇ زۇۋان سۈرمىگەنلەرنىڭ قاتارىدىكى بىرى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ تىزىملىكى ئۇزىراپ بارماقتا.

 بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم ۋە شەپقەتسىز قولىغا تاشلاپ بېرىلگەن ۋە يالغۇز قالدۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلغۇچى ۋە ياكى ئۇنىڭغا ئۈن- تىنسىز ھالدا گۇۋاھ بولغۇچىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.

ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىق ب د ت نىڭ ئىناۋەتلىك ئورگان ئىكەنلىكىگە گۇمان پەيدا قىلدى. ب د ت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق ئورگان تۇرۇقلۇق، ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ خىلدىكى جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋە ئارىلىشىشقا قۇربى يەتمىسە ئۇنداقتا بۇ يەردە بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ئۇ يەنە داۋاملىق ھالدا ئىنسانىيەت مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىدىمۇ ياكى ب د ت نىڭ پىرىنسىپلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇنى كونترول قىلىشىغا تاقابىل تۇرالماسلىقتەك ئاجىزلىقىدىمۇ؟ ۋە ياكى خىتايغا ئوخشاش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىنمۇ؟ ۋە ياكى ب د ت نىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزى مەڭگۈ ھەل قىلالمايدىغان، ئايىقى چىقماس قىممەت قاراش ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنى دە- تالاش قىلىدىغان خۇنۇك بىر ئورگان بولغانلىقى سەۋەبىدىنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بۇندىن باشقا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئاساسى ئۇقۇمىنىڭ پەلسەپىلىك مۇنازىرىسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ- كىشىلىك ھوقۇق قانۇن- تۈزۈمنىڭ پىرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغانمۇ ياكى سىياسى ئىدىئولوگىيە ئۈستىگىمۇ؟ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى تەپەككۈر ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەخلاق چۈشەنچىلىرىگە ۋارسىلىق قىلغان ھالدا ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان خوشاللىقنى قوغلىشىشتىن ئىبارەت ئاساسى ئۇقۇم ئىكەنلىكى ئەقەللىي بىلىم. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسا ئۆزلىرىگە تەۋە مىللىي، مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىككە ئىگە بولغان مەلۇم بىر گۇرۇپپا، خەلق ياكى ئىرقنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا سېستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىقتۇر. دەرھەقىقەت، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلانغان ھالدا ئەقەللىي قانۇنلۇقلاشتۇرۇلغان تەبىئىي ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان «يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» نىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ۋە توسۇش تەبىئىي قانۇنلارنى ئەمەس بەلكى سىياسىي خاھىشنى ئاساس قىلىدۇ. ب د ت دىكى كۆپ سانلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە زۇۋان سۈرمەسلىكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزغا كۆز يۇمىۋېلىش بەدىلىگە، خىتاي بىلەن سىياسى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قارشىلىشىپ قېلىشتىن قېچىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئەلۋەتتە مىليونلىغان گۇناھسىز جانلارنى قۇربان قىلىشقا نىسبەتەن ئەخلاقى نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراش ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتتىن ھېسابلاشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن ئېيتقاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش ۋە ئۇنى توسۇشتا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. ئەمما، ئەخلاقىي نۇقتىئىنەزەرلەرمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. ئەگەر بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ سۈرۈشتىسى قىلىنمىسا، يەنە كېلىپ ئۇ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغۇچىغا ئىقتىسسادى مەنپەئەت ئېلىپ كەلسە، ئۇنداقتا ھازىرقى ۋەقە پەقەت ئالدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەجرىبە بولۇپ، كەلگۈسى قىرغىنچىلىقلارغا ئىلھام بېرىلگەنلىك بولىدۇ. سىياسىي كۆز قاراشنىڭ بىر تەرەپلىمە بولۇشى زىيادە تەكىتلەنسە، ئۇ ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش- ئورتاق ئىقتىسادى مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىشنىلا ئاساس قىلىدىغان، شەرتلىك ۋە تاللاش خاراكتېرلىك ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ دە-تالاش يۇقىرى چەككە يەتسە، نەتىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋالغا قاراپ شەرتلىك ھالدا، سىياسى نۇقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان نەرسىگە، چېرچىل ئېيتقاندەك «نامسىز جىنايەت» كە ئايلىنىپ قېلىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىنى قوغداشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. ھالبۇكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ۋە ئۇنى جازالاش ھەر قانداق كىشىگە يەرشارى مىقياسىدا شەرتسىز نېسىپ بولىدىغان مۇھىم ئەخلاقىي چۈشەنچە ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن، ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغانلىقىدىن ئىبارەت خاتالىقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇشنى مەجبۇرى ۋە ۋاقتىدا ئىجرا قىلىشنى ئىنتايىن قىيىن بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ خاتالىق يەنە ب د ت كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى رولىنى ئىسپاتلىماقچى ياكى ھېچ بولمىغاندا خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئورۇنلىماقچى بولىدىكەن، قۇرۇلما خاراكتېرلىك چوڭقۇر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. ب د ت مۇشۇ ھالدىمۇ ئۆزىنىڭ مۇكەممەل پىرىنسىپلارنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىدىن داۋاملىق لاپ ئۇرسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چەكلەش قانۇنىنى ئەمەلىي ۋە ھەقىقىي يوسۇندا ئىجرا قىلىش مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ ۋە شۇنداقلا خىزمەتلەر ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تۈپكى پىرىنسىپلىرىغا ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن ئارزۇ- ئۈمىدلىرىگە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

Thinking the Uyghur Genocide through the UN Genocide Convention

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن