پولشا: ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو خۇا ۋېيغا قارىتا ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى كېرەك

رويتېرس ئاگېنتلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 12- يانۋار

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-01-13

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

پولشا ئىچكى ئىشلار مىنىستېرى يوئاشىم برۇدزىنسكى شەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو خىتاينىڭ تېلېگراف ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى خۇا ۋېينى ئۆز بازىرىدىن چىقىرىۋېتىش يا چىقارماسلىق توغرىسىدا ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى كېرەك.››

پولشا ئەمەلدارلىرى ۋە خەۋەردار زاتلارنىڭ جۈمە كۈنى رويتېرس مۇخبىرىغا دېيىشىچە، پولشا خۇا ۋېينىڭ بىر نەپەر خىتاي خىزمەتچىسى ۋە بىر نەپەر سابىق پولشا بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنى جاسۇسلىق قىلىش شىكايىتى بىلەن قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تېلېگراف ئۈسكىنىسى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە بولغان بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىكەن.

بىراق، پولشا بىخەتەرلىك ئىدارىسى باياناتچىسىنىڭ رويتېرس مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ شىكايەتلەر شەخسىي قىلمىشقا ئالاقىدار بولۇپ، خۇا ۋېي تېخنىكا شىركىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى يوق ئىكەن.

جۈمە كۈنى، يوئاشىم برۇدزىنسكى شەخسىي رادىئو شىركىتى ‹‹ر م ف رادىئوسى›› غا مۇنداق دېدى : ‹‹ پولشا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، بىراق خۇا ۋېينى بەزى بازارلاردىن چىقىرىۋېتىش مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك.››

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ ناتو ئىچىدىمۇ خۇا ۋېيغا قارىتا ئەنسىرەشلەر مەۋجۇت. شۇڭلاشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەيدان ھاسىل قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ياخشى، زىچ ۋە ھەر تەرەپكە جەلىپكار بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.››

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://news.yahoo.com/eu-nato-agree-joint-position-towards-huawei-poland-142354159–sector.html?utm_source=dlvr.it&utm_medium=twitter