مەززىلىك بىر قازان شورپىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر قانچە تامچە ئەۋرەز سۈيى

2019- يىلى 8- يانۋار

كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدشىم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ۋە بىز بەك كۈلگەن ئىدۇق.
ئولار بىر كۈنى پاقلان  ئۆلتۈرۈپ شورپا قىلپتۇ. شورپا بەك ئوخشاپتىكەنمىش . ئانسى تۈزىنى تېتىپ ئېلىپ يەيلى دەپ ئويلاپ قازاننىڭ تۇۋقىنى ئېچپتۇ . ئەمدى تۈز سېلىپ تۇرسا قازانغا ئۈستۈنكى قەۋەتتكى قوشنسىنىڭ ھاجەتخانسىنىڭ تۇربسىدىن بىر قانچە تامچە ئەۋرەز سۈيى چۈشۈپ كىتپتۇ. ئەسلىدە ئولارنىڭ ئاشخانسىنىڭ ئۈستىدە قوشنسىنىڭ ھاجەتخانسى بار ئىكەن ۋە شۇ كۈنى تۇربسىدىن مەسلە چىقىپ ئولارنىڭ بىر قازان شورپسىنى بۇلغىغانمىش. ئانسى بۇنى كۆرۈپ  بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن شورپىنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋىتىپ ،گۆشلەرنى ئىتىغا تاشلاپ بېرىپتۇ.

2018- يىلى 12- ئايدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋىرستىتدا شەرقىي تۈركستان مەسلىسى توغرۇلۇق سورالغان سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ ، «بىز تور دۇنياسىدا موبالىغلەشتۈرۈلگەن خەۋەرلەرگىمۇ ئىشەنمەيمىز، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركستاندا ھىچقانداق زۇلۇم يوق دېگنىگىمۇ ئىشەنمەيمىز. ھازىر شەرقىي تۈركستان ۋەزىيتى ھەققىدە تولىمۇ ئېغىر بىلگە كىرلىگى (بىر نىمەدەپ ھۆكۈم قىلش قىين بولغان ئۇچۇرلار ۋە خەۋەرلەر ) مەۋجۇت …» دېدى. قاراڭ «موبالىغە، بىلگە كىرلىگى  »قاتارلىق سۆزلەر ئىشلتىدى.

يەنە 2018- يىلى ئىستانبۇل شەھەر ئۇنۋېرستىتىدا «شەرقىي تۈركستان ، تۈركىيە ۋە خىتاي » تېمسىدا دوكلات بەرگەن كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاي مۇتەخەسىسى قادىر تېمىز تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركستان مەسلىسىگە قارتا  ھازىرقى پاسسىپ پوزىتيسى  توغرۇلۇق سورالغان  سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ « تۈركىيە ۋە غەربنىڭ سىياسي كىرىزسقا كىرپ قېلشى، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتسادى  ۋە سىياسى جەھەتتىكى يېقنلىشىش ۋە شەرقىي تۈركستان مەسلىسى ھەققىدىكى بىلگى كىرلىكى » دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ يەردىمۇ بىلگى كىرلىگى تىلغا ئېلىندى.

خاتالاشمىغان بولساق 2016- يىلى تۈركچە تورلاردا ئۇيغۇرلارنى «يالغانچى ، خىتاينى دۇنياغا سەت كۆرستىش ئۈچۈن يالغان رەسملەرنى يوللاپ تۈركلەرنىڭ ھىسياتىنى سۈيئستمال قىلدى » دېگەن كۆز قاراشلار بىر مەزگىل ئەۋج ئالدى. «يالغان رەسىم» دېگەن ئىبارە ئىشلتىدى.  

2015- يىللىرى بولشى ياكى ئونىڭدىن بۇرۇن بولىشىمۇ مۇمكىن ، ئەردوغان «شەرقىي تۈركستاندىكى زۇلۇملارغا ئائىت تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن بەزى رەسمىلەر ئىشەنچلىك ئەمەس، مونتاز » دېدى. شۇنداق ، «مونتاژ» ئىبارسىنى قوللاندى.

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 8- كۈنىمۇ كۆك بايراق تورىدا « ئۈچ پارچە رەسىمنىڭ يالغان چىقشى شەرقىي تۈركستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئۈستىنى يېپشقا (يوققا چىقرىشقا) يىتەرلىكمۇ ؟» دەپ بىر يازما ئىلان قىلندى. يالغان  رەسىم يەنى …..

شۇنداق، بىز دۇنيانىڭ ھچىقانداق بىر يېرىدە يۈز بېرىشى ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر پەيتتە، بىزنىڭ ھەقلىق داۋايىمىز ئۈچۈن «بىلگى كىرلىكى ، موبالىغە، مونتاز، يالغان » قاتارلىق خۇنۇكلەشتۈردىغان سۆز – ئىبارىلەر چىقتى. بىز بۇ گەپ – سۆزلەردىن خاپا بولدۇق ،ئاھ ئۇردۇق ، قېيدىدۇق . لىكىن نىمشقا بۇلار بۇنداق دەيدۇ دېگەننى ناھايتى ئاز كىشلەردىن باشقىلىرىمىز تەپەككۇر قىلمىدۇق .

ھازىر كۆپنىچە ئۇيغۇرلار ۋەتەندە بولىۋاتقان زۇلۇمغا ۋىجدانى قايناپ ،مەنمۇ بىر ئىش قىلايچۇ دەپ ئومۇميۇزلۈك ھوجۇمغا ئاتلانغاندەك تۇرىدۇ، لىكىن تەشكىلسز، ئاڭسىز ۋە پىلانسىز ھالدا…ئەڭ كۆپ قىلالايدىغىنى فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائي  تاراتقۇلاردا رەسىم ۋە خەۋەرلەرنى ئوخشمغان تىللاردا تارقىتش بولىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئەڭ توغرا ۋە مەنتىقلىق ئۇسۇللاردىن بىرى. لىكىن بىز بىلىپ ـ بىلمەي بىر خاتالىقنى سادىر قىلۋاتىمىز. يەنى ، كىلش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ياكى ئوپئۇچۇق ھالدا بىزنىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇملارغا مۇناسىۋەتسىز بولغان رەسملەرنى تورلاردا تارقىتىش . بۇنى بىلمەي قىلدىغانلارمۇ بار، قەستەن قىلدىغانلارمۇ بار. قەستەن قىلدىغانلارمۇ ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ، خەلقئارا موشۇ رەسملەرنى ختاي دەپ ئالدىنىپ بىزگە تېخمۇ ھىسداشلىق قىلسۇن ۋە خىتايغا بېسم قىلسۇن دەپ ئويلايدۇ. بۇ «چاپىغىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى كۆر قىپتۇ » دېگەن ھاماقەتلىكتىن ئىبارەت . يەنە بىر قەستەن بۇ خىل رەسملەرنى يوللايدىغانلار خىتاينىڭ «بەش موچەنلىرى» دۇر. ئولارنىڭ مەقسىدى ۋاقتى كەلگەندە خىتاينىڭ بىزنى يالغانچىغا چىقىرشىغا ئاساس ۋە پاكىت ھازىرلاشتۇر. بۇ خىتاينىڭ 36 ھىيلە ـ مىكىرىنىڭ بىرى بولغان «راس – يالغاننى ئارلاشتۇرۇپ ھەقىقەتنى خۇنۇكلەشتۈرۈش » تاكتىكسىدۇر.  (بەش مولار ھەققىدە ئامېركىدىكى ياش پائالىيەتچى ئىنتىزارنىڭ يۇتۇپ قانلىدىن تېخمۇ تەپسىلىي خەۋەردار  بولالايسىلەر).

ھازىر خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە شەرقىي تۈركستانلىقلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارتا خىتاي قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتكەن بولۇپ ، تۈركىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ ھوجۇمىنىڭ كۈچىنى ھىس قىلۋاتىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتى ۋە ئەنقەرەگە ماڭغان مويسپىتلەرنىڭ ئەنقەرەگە كىرگۈزىلمەسلىكى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ توغرۇلۇق تۈركىيە ھۆكۈمىتنى تىللاشقا بولمايدۇ. ئولارنىڭمۇ قىلۋاتقىنى بار، شۇنداقلا قىلمايۋاتقىنىمۇ بار. بۇ تېما بىلەن مۇناسۋەتسىز باشقا مەسلە بولغاچقا  شۇڭا بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلمايمىز . خىتاينىڭ مانا بۇخىل قايتۇرما ھوجۇمى ئىنرنىتتىكى خەۋەر ۋە رەسملەرگە قارتا بولىشىمۇ ئېنىق ، چۈنكى خىتاي ھازىر ھەممىدىن بەك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىللىرىدە تەنقىد قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ، بىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئۇچۇرلار ، بولۇپمۇ رەسملەر بۇلار ئۈچۈن ياخشى باھانە بولىدۇ. 

بۇنداق رەسملەرنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ ۋە قانداق مۇئامىلە قىلشنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ چىقتۇق .

1-بىر قاراشتىلا بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز رەسملەر ، مەسلەن ئاراكان ، ھىندستان ۋە پاكستان قاتارلىق رايۇنلاردىكى ۋەقەلەرگە ئائىت رەسملەر. بۇنداق رەسملەرنى شەرقىي تۈركستاندىكى زۇلۇم دەپ تارقىتشقا قەتئي بولمايدۇ.

2-رەسمدىكى كىشىنىڭ چىرايى ئوپئوچۇق خىتاي بولغان رەسملەر. بۇنداق رەسملەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ئوتترسىدىكى ۋەقەلەرگە ئائىت بولۇپ يەنىلا خىتاينىڭ رەزىللىكىنى ئېچىپ بىرەلەيدۇ. بۇلارنى ئىلان قىلشقا بولىدۇ، لىكىن خىتاينىڭ كىمگە قىلغان زۇلىمىى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ يېزىش كېرەك .

3-كونا ، مەدەنىيەت ئىنقلابى ياكى تىيەنئەنمىن قىرغىنچلىقىغا ئائىت رەسملەر . بۇ تۈردىكى رەسملەرنى ئىلان قىلسىمۇ ، قىلمسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن رەسملەر گەپنىڭ موھىم نوقتسىنى ئو تەرەپكە يۆتكىۋىتىپ ھازىرقى ۋەزىيەتكە بولغان دىققەت ـ ئىتىبارنى چېچىۋىتىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك رەسملەرنى ئىلان قىلسىمۇ يىتىپ ئاشقۇدەك بار. ئەمما كونا رەسمىلەرنى ئىلان قىلشنى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلار يىلنامە، ئورۇن ۋە قايسى خەلققە قارتىلغان زواۋانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ئىلان قىلسا بولىدۇ.

4-كومپيوتىردا كىرشتۈرگەن رەسملەر. يەنى بىرقانچە مەنبەسى ئېنق بولمىغان رەسملەرنى كىرشتۈرۈپ ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلىمى دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلان قلىش . بۇنداق رەسىم داۋايىمىزغا ئەڭ زىيان بىردىغان ۋە بىزنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدىغان رەسملەردۇر. قەتتئي ئىلان قىلماسلىق لازىم .

5-كومپيوتىر تېخنكسىدىن پايدىلىنىپ سىزىلغان تەسۋىرى ياكى ئىجادى رەسملەر. بۇخىل رەسملەر ياخشى نىيەت بىلەن لاھىيەلەنگەن بولۇپ، كۆرگۈچىلەرگە مەقسەدنى بىۋاستە بىلدۈرەلەيدۇ. لىكىن بۇ رەسملەرنى ھەقىقى زۇلۇمنى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ، ئاپراتتا تارتىلغان رەسملەر بىلەن ، بولۇپمۇ «بىزگە بولىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئىسپاتى » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ تۈر رەسملەرنى ھەقىقي رەسم بىلەن ئايرىپ تۇرۇپ ، ئايرىم ـ ئايرىم ئىككى قېتىم ئىلان قىلسا موۋاپىق .

شۇڭا ھازىرقى ئاخبارات ئۇرشىدا ئەستايدىل ، ئىنچىكىلىك بىلەن ، ھاياجان بىلەن ئەمەس بەلكى يىتەرلىك دەلىل پاكىتلار بىلەن خىتاينىڭ زۇلمىنى پاش قىلشىمىز لازىم . بەزىدە بىر يالغان يۈز راستنى ئىتبارسىزلاشتۇرۇشقا يېتىدۇ. بىر يالغاننى تېپۋېلىپ ، بۇ يالغان ، دېمەك قالغان رەسىم ۋە خەۋەرلەرمۇ توقۇپ چىقىرلغان دېسە دۇنيا جامائەتچىلىكى بىزگە گۇمان بىلەن قارايدۇ، ھەتتا ئىشەنمەسلىككە باشلايدۇ.

داۋايمىزنى تەشۋىق قىلغاندا بىلىپ بىلمەي ئارلىشىپ قالغان يالغان ياكى كىلش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەر ۋە رەسىملەر ئەنۇ شۇ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنپ ئۆتكەن ھاجەتخانىدىن تامشىپ چۈشكەن ئەۋرەز سۈيىگە ئوخشايدۇ ۋە ھەقلىق داۋايمىزنى خەقنىڭ ئالدىدا خۇنۇكلەشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنداق ئىش ئاخىرىدا خىتاي كومىنست ھاكىميتنىڭ بىزنى خەلقئاراغا «يالغانچى » دەپ كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ زۇلۇمىنى داۋاملاشتۇرشىغا پايدىلىق بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ مەسلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن