نىمە ئۈچۈن خىتاي كادىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەنلىكىدىن خوشاللىق ھىس قىلىدۇ؟

سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10- نويابىر

ئاپتورى: پىرافىسسور دوكتۇر داررىن بايلېر

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئازات ئۇيغۇر

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-20

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

ئۈستىدىكى رەسىمدە جۇڭگو شىنجاڭ كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋاقتى نامەلۇم بىر پارچە رەسىمىدە، بىر خىتاي كادىر ئاتالمىش «تۇغقان» قىلىپ تەيىنلەنگەن بىر ئۇيغۇر بالىغا «بىزنىڭ جوڭگو» ناملىق رەسىملىك كىتابنى سوۋغا قىلماقتا.

مۇھەررىردىن: داررىن بايلىر ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئۇىنۋېرسىتېتىنىڭ  ئىجتىمائى مەدەنىيەت ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى  پىرافىسسورى. بۇ ماقالىدە ئوتتۇرغا قويغان ئوي-پىكىر ئۇنىڭ شەخسى كۆز- قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە جوڭگونىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن (شەرقى تۈركىستان-ت) ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاماققا ئېلىنغانلىق خەۋەرلىرى ئاستا- ئاستا ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى ۋە ئىلغار كۆزۈتۈش سېستىمىلىرىدىن ئىبارەت قورقۇنۇچلۇق چۈشكە يىغىنچاقلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى قايتا لايىھەلەش قۇرلۇشىنى «دىنى ئاشقۇنلۇق» ۋە تېرورلۇقنىڭ تەھدىتلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسى، دەپ سۈپەتلىدى.

ھېچقانداق ئاخبارات ئەركىنلىكى بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بەزى ھۇجۇملار رايوننى كونتىرول قىلىشقا قارىتىلغان قارشىلىقنىڭ دەلىللىرى قىلىپ يوغانتىلىنىپ كەلدى.

تەتقىقاتچى ئالىم ئادرىيان زېنز ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. بېيجىڭ بۇ قاماقخانىلارنىڭ جازا لاگېرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنى ئوقۇغۇچىلار ئۇ يەرگە كىرگەنلىكىدىن خوشاللىق ھېس قىلىدىغان «كەسپى تەربىيەلەش ئورنى» دەپ داۋراڭ سالدى.

دۇنيا مىقياسىدا بۇ لاگېرلار ھەققىدە غەزەپنىڭ كۈچىيىۋاتقان مەزگىلىدە، بىر مىليون خىتاي دۆلەت كادىرلىرىنىڭ، كۆپىنچىسى خىتاينىڭ كۆپ سانلىق خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇلارنى كۆزىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا قارشىلىق ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.

بۇ «تۇغقانلار» خۇددى ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشۇنداق ئاتاشقا كۆندۈرۈلگىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى، ئائىلىسى ۋە يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئوخشاش ئەڭ ئاساسى نەرسىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى تولۇق ئاسىملاتسىيە قىلىشتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.

«ئائىلىدە بىللە تۇرۇش» سېستىمىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر، خىتاي كومۇنىستىك پارتىيىسى ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بىلەن بىللە كۈلۈمسىرەپ چۈشكەن سۈرەتلىرى بىلەن رايوننىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە «بۇ زىيارەتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىندى.

مەن 2018- يىلى ئاپرىلدا رايوننى زىيارەت قىلغىنىمدا، بىر قانچە بۇ خىلدىكى خىتاي كادىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە خىزمىتى ھەققىدە نېمە ئويلىغانلىقلىرىنى سورىدىم.

ئىزدىنىشلىرىم ئارقىلىق مەن بۇ «تۇغقانلار» ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارغاندا قىلىدىغان ئىككى ئاساسلىق ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بايقىدىم.

بىرىنچى مۇھىم ئىشى بولسا پاكىت تېپىش. تېخى ئاشكارىلانمىغان دىنچىلىق ۋە مىللەتچىلىك ئەھۋاللىرىنى بايقاش ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. شۇنداقلا ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلاردىكى قامالغان تۇغقانلىرىغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئىخلاسلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.

بۇ «تۇغقانلار» قەشقەر ۋىلايىتىدە قوللۇنىدىغان قوللانما شۇ يەردىكى بالىلاردىن سەزگۈر مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سوراش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، چۈنكى «ئۇلار راست سۆزلەيدۇ». بۇ جەرياندا توپلانغان ئۇچۇرلار، يەنە كىملەرنىڭ لاگىرغا يوللىنىدىغانلىقىنى قارار قىلىدىغان يۇقۇرى قاتلام ئورگانلىردىكى سان- سىفىرلىق بىخەتەرلىك سېستىمىسغا كىرگۈزىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى بولسا، ئۇيغۇرلارغا «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ياكى ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئاتالمىش «تېرورلۇققا قارشى» ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى ئون يىلىدا ئافغانلار ۋە ئىراقلىقلارنىڭ «قەلبى ۋە ئەقلىنى ئۇتۇش»قا ئۇرۇنىشىغا ئوخشايدۇ، بۇ يېقىنلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا ئالاقىدار ئىشلاردا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ئىشلار ھەققىدە سوراشقا مەركەزلىشىدۇ.

بۇ رەسىم 2018 – يىلى 2- ئىيۇلدا تارتىلغان بولۇپ، بىر بوۋاي قەشقەردىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ شوئارى ئېسىلغان تامنىڭ ئالدىدىن مېڭىۋاتماقتا.

ئەلۋەتتە، بۇ شەكىلدىكى كۆڭۈل بۆلۈش يوقاپ كەتكەن ياكى قامالغان ئائىلە ئەزالىرىغا غەمخورلۇقنى كېڭەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. قەشقەر ۋىلايىتىدە قوللۇنىلىدىغان قوللانما بۇنىڭغا قارشى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە غەمخورلۇق قىلىش بىلەن «مىڭە يۇيۇلماي قېلىشتىن» دىققەت قىلىشى ئۇقتۇرۇلغان.

مەن پاراڭلاشقان كۆپ سانلىق خىتاي دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ھاياتى ۋە ياشاۋاتقان جەمىيىتىنى ۋيران قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىشنىڭ ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇلار بۇ تۈردىكى زۆرۈر دەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرى ئاتا بولۇشنى ئاتالمىش «شىنجاڭ مەسىلىسى»نى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىش، دەپ قارايدىكەن.

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى كونترول قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتچىلىكى پىلان لايىھەسى بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ بىردىن بىر يولى» دەپ ئىشىنىدىكەن.

جورج ئورۋېل ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئىشەنگەن چاغدا، دائىم باشقىلارنىڭ ھۆرمەتسىزلىكىگە دۇچ كېلىدۇ، دەيدۇ. ئۇلار ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ياخشى كۆرۈلۈشىگە مۇھتاج بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ، ئورۋېل ئىشارەت قىلىدۇكى، ئېلىپ بېرىلغان ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى بۇ ئىش-ھەركەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىم تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى بىلەن باغلىقتۇر.

بۇنداق شارائىتتا غەزەپلىنەرلىك ئەھۋال ئاستىدا، ھېچقانداق سوت تەرتىۋىسىز قاماققا ئېلىش، بالىلارنى ئايرىۋېتىش ۋە نۇرغۇنلىغان ئۆيلەرنى بېسىۋېلىش قاتارلىق غەزەپلىنەرلىك ئىشلارمۇ نورمال ۋە مۇھىم دەپ، كۆرۈلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان خىتاي كادىرلار، بۇلۇپمۇ بۇلارنىڭ يېقىندىلا شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەنلىرى، ماڭا ئۆزلىرىنى «دىنسىز جۇڭخۇا مىللەتچىلىكى قۇرغۇچىلىرى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي پرولتارىيات رەھبەرلىرى بىلەن يانمۇ – يان تۇرغان بۇ قىزغىنلىق، لاگىر سېستىمىسىنىڭ پىرىنسىپلىرى ھەققىدە سۇئال سوراشنى بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

ئۇلارغا نىسبەتەن بۇ ئازابلىق، ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكىچە، بولغان جەرياننىڭ ئاخىرى شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان -ت) ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرگە پايدىلىق دىيىشى تېخىمۇ ئاسان ئىدى.

ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنى «ۋاقىت ۋە كۈچىمىزنى مۇسۇلمانلارنى قايتا تەربىيەلەشكە قۇربانلىق قىلدۇق، قايتقاندا بۇ ئۇيغۇر ۋە قازاق ئاكا – سىڭىللىرىمىزنىڭ  خوشاللىق بىلەن قۇچاقلىشىغا ئېرىشىمىز» دەپ ئىشىنىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ قوشنا مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدكى تەسىرى ھەققىدە ئويلاشقا قادىر ئەمەس.

ھانناھ ئارېندنىڭ نەچچە ئون يىللار مەبەينىدە باشقا جايلاردىكى ئوپچە زۇلۇم سېلىش سېستىمىلىرىنى كۆزىتىشلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئەركىنسىزلىكىنىڭ ئاساسى دەل ھوقۇق بېشىدىكىلەرنىڭ «ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلىقى»نىڭ مەھسۇلاتى. شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان – ت) يولغا قويۇلىۋاتقان، دۆلەت رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بۇ ئادەم ئىنژىنىرلىقى پىلانى  تاكى خىتاي كادىر «تۇغقانلار» ئۆزلىرىنىڭ نىمىگە  مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرمىغىچە ھىچقانداق ئويلىنىشتىن ئۆتمەي داۋاملىشىۋېرىدۇ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە :

https://edition.cnn.com/2018/11/09/opinions/uyghur-home-visit-opinion-intl/index.html?no-st=1543589798

 

 

   

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن