ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەربىيىلەش مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرىمەكتە   

Ethnic Uigur women look through a security fence as Chinese soldiers stand guard in Urumqi, in China's far west Xinjiang region on July 9, 2009. (Peter Parks/AFP/Getty Images)

تەرجىمە قىلغۇچى: سۇلتانىم

ئۇيغۇر ئ‍اگېنتلىقى

2018/11/15

  خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى«كەسپى تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان سىياسى تەلىمتەربىيە ئورۇنلىرىغا يىغىۋالغان بولۇپ، بۇ ۋەقە كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى سۈپىتىدە ئامېرىكا قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىنى بارغانسىرى كۈچەيتكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ يىغىۋېلىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشكە ئەگىشىپ، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئۇرۇقتۇغقانلىرىنىڭ قايتا تەربىيلەش ئورنىغا يىغىۋېلىنىش سەۋەبى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ھەتتا ئ‍ۆزلىرىنىڭمۇ تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يۇرتىغا قايتالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقان كىشىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە توكيودىكى بىر كەسپى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 20 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئاتائانىسىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشىدىن ھەم بۇندىن كېيىن ئوقۇش ئۈچۈن كېتىدىغان ئ‍ىقتىسادنىڭ توساتتىن ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆگىنىشكە دىققىتىنى  يىغالماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئەھۋالنى بايان قىلغان.

يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى شەھىرى بولغان ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان ئاتائانىسى بىلەن بۇلتۇر 10- ئايدىن باشلاپ ئالاقە قىلالمىغان. ئۇ باشقىلاردىن ئاپىسنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركىزىگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەرتاپقان. 11-ئايدا دادىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولۇپ، دەرۋەقە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق ئىكەن. تۇتۇپ كېتىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئاتائانىسى ئ‍سلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ھەجگە بارغانلىقى ئىكەن.

2015- يىلى ياپونىيەگە كەلگەن يەنە بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستاندا كىيىم لايىھىلەش كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دادىسى ئەۋەتىپ بەرگەن ئوقۇش پۇلى بىلەن ئوقۇشىنى داۋام ئېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى  تۇيۇقسىز ئ‍ۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ يەنە ئاتائانىسنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىشقا ئىمكانىيەت ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.  

ئۇنىڭدىن باشقا، توكيودا تۇرۇشلۇق 40 ياشلار چامىسدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال ئىنىسىنىڭ بۇلتۇر كۈز پەسلىدە قايتا تەربىيىلەش مەركىزىگە تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىنىسىنىڭ جەسىتىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى» دېگەن چۈشەندۈرۈش بىلەن ئائىلىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىنىسىنىڭ يۈز، قۇلاق ھەم ئېغىز ئەتراپىدا جاراھەت ئېغىزىنىڭ بارلىقىنى، بىلىكىگە ئاق داكا ئوراپ قويۇلغانلىقنى كۆرگەن، ئەمما ئىچكى ئەزالارنىڭ جاراھىتىنى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. ئۇ ئايال يەنە ئىنىسىنىڭ ئەسلىدە تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساغلام بالا ئىكەنلىكى، تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ ئ‍ۆلۈپ كېتىشگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئ‍ېيتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى يېڭىلاپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇماتلار بار. بۇ ھەقتە بىر ئۇيغۇر مۇنداق بايان قىلىدۇ: بۇلتۇر كۈزپەسلىدە 30 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسغا بېرىپ پاسپورتىنى يېڭىلاشقا ئىلتىماس سۇنغاندا، خىتاي تەرەپ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستانت) غا قايتىپ بېرىپ بېجىرىشنى ئېيتقان ھەمدە قايتىش ئۈچۈن «ساياھەت ئىسپاتى» دېيىلىدىغان بىر كېنىشكە چىقىرىپ بەرگەن. بۇ ئ‍ىسپاتنىڭ ئ‍ۈستىگە « چېگرىدىن پەقەت بىر قېتىم ئۆتۈشكە بولىدۇ» دېگەن تامغىمۇ بېسىلغان ئىكەن. يەنى، بۇ كېنىشكە بىلەن خىتايغا قايتقاندا يەنە ياپونىيەگە قايتىپ كېلىشىگە كاپالەت يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇ يەنە ۋەتەن ئىچىدە ياغلىق چەگكەن قىزلارنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ناۋادا ۋەتەنگە قايتىپ كەتسە ئۆزىنىڭمۇ تۇتۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان 10مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرغا قارىتىلغان ئېرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا (شۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان) مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەب بولغان. دىنىي جەھەتتىكى باستۇرۇش ھەم ئىرقىي كەمسىتىش تۈپەيلىدىن 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇرلارغا مۇناسۋەتلىك ئىسپاتلار ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، قايتا تەربىيلەش ئورۇنلىرىنىڭ بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ قۇرۇلۇشقا باشلانغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇيىل 10-ئايدا باشلاپ «كەسپى تەربىيلەش مەركىزى» دېگەن نامدا قايتا تەربىيلەش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچەپ يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ قايتا تەربىيلەش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى چەكلىنىپ، خىتاينىڭ كوممۇنىستىك ئىدىيىسنى ئۆگۈنۈش مەجبۇرلانغان. شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان قازاقىستان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئۈمىد بىقال ئىسىملىك كىشى بۇلتۇر باھار پەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندا تۇرىدىغان ئاتائانىسىنى بىرقانچە قېتىم يوقلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان بولۇپ، ساقچىلار قايتا تەربىيلەش ئورنىدا ئۈمىدتىن «خىتاينىڭ قانۇنىغا ئېتقاد قىلامسەن ياكى ئىسلام دىنىغىمۇ؟» دېگەندەك ھەرخىل سوئاللارنى سوراپ، قىيىنقىستاقلارغا ئېلىپ، ئۆز دىنىدىن كېچىشكە زورلىغان.

بۇئەھۋاللارغا قارىتا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى پېنس ئەپەندىم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىلىق سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ تەنقىتلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى شۆھرەت زاكىر «قايتا تەربىيلەش تۈزۈلمىسى بولسا تىرورلۇق ھەم دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش مەخسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەت، رادىكال ئاشقۇنلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش كېرەك» دەپ ئ‍ىپادە بىلدۈرگەن.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن