تاھىر ئىمىن:كوممۇنستلار ئنسانىيەتكە پەقەت «ئادالەتسزلىك»نىلا ئېكسپورت قىلىدۇ!

تاھىر ئىمىن:كوممۇنستلار ئنسانىيەتكە پەقەت «ئادالەتسزلىك»نىلا ئېكسپورت قىلىدۇ!

2001-يىلى ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسنىڭ ختتاينىڭ دۇنيا ئېقتسادى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەندىن كىينكى ھەقىقى تۈردىكى ئېچۋىتىش ۋە دىموكراتىيەگە قاراپ يۈزلىنىش ئىھتىماللىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش شرىكدارچىلىقىغا بولغان كۇتۈشلەر نەتىجىسدە ،دۇنيانىڭ ئەڭ رىئالست ھەمكارلىق رامكىسى بولغان «دۇنيا سودا تەشكىلاتى»غا كىرىشگە ئشىك ئېچىلغان ،بۇنىڭدىن غەرپ ۋە ختتاي ئورتاق خوشال بولغانىدى.

ئەمما دۇنيا كۆرۈپ تۇرغاندەك،ختتاي  غەرپ بىلەن ئادىل رىقابەت ئورنىغا، دورالما مەھسۇلات ۋە ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە تايانغان غايەت زور تۆكمە بىلەن دۇنيا بازىرىنى تىز سۈرئەتتە قاپلىدى.ختتاي ئېقتسادى ئۇدا 20 يىل ئىككى خانىلىق ئېشش سۈرئىتى بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى ئېقتسادتا كۆلەم ۋە سۈپەت ھاسل قىلىپ،ختتاينىڭ ھەربى جەھەتتە مەمەدانلىقى،ئېقتسادى جەھەتتە كېڭەيمىچىلىكى ،دىپلوماتىيە جەھەتتە ساختا دوستانىلىقنى نىقاپ قىلغان «تەمكىن ئۇستۇنلۇك»نى ماددى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

كومپارتىيەنىڭ بايلىق ئارقىلىق خەلقنى كونتىرۇل قىلىش سياسىتى -پۇقرالارغا بەرگەن پارا بىرىش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ كومپارتىيەنىڭلا ئەمەس،بۇگۇنكى ختتاي جەمئىيتىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە تەرەققى قىلشىدىكى ماھىيەتلىك بىر مەخپىيەتلىكىنى شەرھىيلەپ بىرىدۇ :چىرىكلىك !

كومپارتىيەنىڭ چىرىكلىكى بىلەن ختتاي مىللىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مىللى پسخىكا تىندۇرمسغا سېڭىپ كەتكەن«بايلىققا چوقۇنۇش مەدەنىيتى»بىر-بىرىگە شۇنچىلىك ماس كەلگەنكى،بۇلار قسقىغىغا تارىخى شارائىت ياكى ھادسلەر بويىچە ئاسان يېمىرىلمەيدىغان ئۆز-ئارا بېقىنىش خاراكتىرلىك ئېېتتپاقنى »ئىدىئولوگىيەلىك نەزەرىيەۋى ئاساس»قا ئىگە قىلسا، خەلق ۋە ھاكىمىيەت ھەمكارلىقىنىڭ بۇ قوش تەرەپلىك مەنپەئىتىنى كۇچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلار ياراتقان سياسى،ھەربى ۋە ئىجتىمائى ئاساسىنڭ بىر-بىرىنى قوللايدىغان مىخانىزىمى مەنىۋى« سەددىچىن سپىلى»بەرپا قىلغان.سەكسەن مىلىيون چىرىكلەشكەن پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسۋىتى غايەت ئىنچىكە ۋە ئاشكارا «مەنپەئەت چەمبىرىكى»گە باغلانغان بولسا،ئۇلارنىڭ بايلىقتىن باشقىغا قارىمايدىغان ئاچكۆز خەلق ئۈچۈن ياراتقان پاراۋانلىقى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئەيمىىنىش ۋە ھەۋەسلىنىشدىن  بەھرىمەن قىلغان.بايلىق ئارقىلىق نەپسى قانغان خەلق ئاستا-ئاستا ھاكىمىيەتكە «كۆز قىززارتمايدىغان »ھالەتكە كەلگەن ،كومپارتىيە خەلقئارا سەھنىدە دەل مۇشۇ ساختا مەھسۇلات،ئوغرىلاش ،ئەرزان ئەمگەك كۈچى بەدىلىگە كەلگەن بايلىق ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسنى بايغا ئايلاندۇرغانلىقىنى ئۆز ھۆكۇمرانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىسى شەكلىدە كۆز-كۆز قىلىدۇ،مانا ھازىر ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئېكسپورت قىلىۋاتقىنى پەقەت ئەرزان باھالىق كۆچۈرمە مەھسۇلاتلا ئەمەس،بەلكى ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلى،شەخسى قىممەت قاراش ۋە ياشاش ئۇسۇلىدىن ئبارەت.

كومپارتىيەنىڭ دۆلەت ئېچىدىكى  ئنسانىيەتكە قارشى ساناپ تۈگەتكۈسز جىنايەتلىرى ختتاينىڭ «ئاز سانلىق كۆپ سانلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى كىرەك» دىگەن نەزىرىيەسىدىن  ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىش تاكتىكىسنىڭ نەتىجىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ھەر قانداق رەزىللىكىنى پەردازلىشى ئۈچۈن قانلىق قارا پەردە بولۇپ قالغان.

كومپارتىيە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئۇسۇلىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بۇگۇنگە قەدەر ئنسانىيەت ئىدارە تۈزۈلمىسدە تاپالىغان ئەڭ ئىلغار تۈزۈلمە ھسابلانغان  دىموكراتىيە باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك پىرىنسپلىرىنىڭ قارشىسدا بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنى دۇنياغا كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىككى يۈز دۆلەت ۋە رايون رەھبەرلىرىگە چاقىرىق قىلىپ سياسى پارتىيە ھەمكارلىق مۇنبىرىنى قۇردى ۋە «مۇقىملىق دىموكراتىيەدىن مۇھىم» سياسى نەزەرىيەسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئوتتۇرا شەرقتە كىلىپ چىققان كىرزسلار بۇ رايوندا كۇچلۇك ۋە مۇقىم بولغان دىكتاتۇر بىر تۇزۇلمىنىڭ بولماسلىقى رايوندىكى مۇقىمسزلىق ۋە خەۋپسزلىكنىڭ ئاساسى مەنبەسى ئىكەنلىكىنى يايماقچى بولدى.

ئنسانىيەت دۆلەت ۋە خەلقئارا رامكىدا ئۆزىنىڭ ئوي-خيالى،جانى،مەنپەئىتى ۋە ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بەرپا قىلغان ب د ت «ئنسانى ھوقۇق كىلىشمى»گە قارشى ھالدا،«نەن نەن ئنسانى ھوقۇق مۇنبىرى»تەسس قىلىپ،«ئنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقى تەرەققىيات ھوقۇقىدۇر،ئاچ قالغان،تالادا قالغان ئنسانلاردا ئەركىنلىكتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس»مساللىرى بىلەن نامراتلىق بىلەن ئەركىنلىكنى بىر ئورۇنغا قويۇپ،خۇددى ئنسانلار تەرەققى قىلىشى قىلىشى ئۇچۇن چوقۇم دىكتاتۇرىدا ياششى كىرەك،ئنسانلارنىڭ ئەركىنلىكتە ياشىشى ئۇلارنىڭ نامراتلىقىنىڭ سەۋەبى دىگەن قاراشنى يوشۇرۇن بازارغا سىلىپ،ئورتاق قوبۇل قىلىنغان«ئنسانلار ئىرق،دىن،مىللەت ئايرىماي تۇغۇلۇشدىنلا باراۋەر»دىگەن قاراشلارنى بايلىق ۋە تەرەققىيات ھەممىدىن مۇھىم سەپسەتىسى بىلەن يېمىرمەكچى بولدى.

ختتاي دۆلەتلەر ۋە جەمىيەتلەرنىڭ ئايرىم قۇرۇلمىسغىلا ئەمەس، خەلقئارا سستىمىلارنىڭ ئادىل ۋە باراۋەر يۈرۈشتۈرۈلۈشگىمۇ خىرىس قىلماقتا:

ختتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا سەھنىلەردە،دىكتاتۇر دۆلەتلەرنى قوللىشى،باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنسز ئشلىرىنى تەنقىد قىلىشقا قارشى تۇرۇشى، قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارغان دۆلەتلەرنى قوللىشى ختتاينىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي،ئۇنىڭ كېڭەيتمەكچى بولغان ئىدىئولوگىيەسنى ئاشكارىلايدۇ: بۇ ئىدىئولوگىيە بولسا سياسەت ۋە ئنسانى نۇقتىدىن ئەڭ مۇۋاپىق ئاتالغۇ ئادالەتسزلىك بىلەن شەرھىيلەش مۇمكىن.

نۆۋەتتە ختتاي بىر بەلباغ ،بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بارلىق قىممەت قاراش ۋە مەنپەئىتىنى تىز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ بارلىق ئادالەتسز سودا كېلىشملىرى،تەڭسز قەرز ھساباتلىرى پەقەت ئادالەتسزلىك مەقستى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان ئادالەتسز ئۇسۇلدىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما ختتاينىڭ بەدەلسز ياردەملىرىنىڭ كەينىدە ئىرىشمەكچى بولغان نەرسسى ئىنىق: ئۆزىگە ئوخشمايدىغان تۇزۇلمە ۋە قۇرۇلمىلارنى يوقتىش ،چۇنكى بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئادالەتسسزلىكىگە سۇئال قويىدىغان تۇزۇلمە كۇچسز قالىدۇ، ئۆزىگە ئوخشاش دىكتاتۇر تۈزۈلمە كۆپەيسە،بىرلا ۋاقتتا كۆپ تەرەپلىك پايدا ئالىدۇ،ئەركىنلىك ۋە ئادالەتكە قارشى بىرلىكسەپ تۈزۇش بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم پايدا.

ختتاينىڭ بۇ خىل خەلقئارا ئادالەتسزلىكنى كېڭەيتىشى مىللى مەدەنىيەتنى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مسالى دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان مەدەنىيەتنى يوقتىشدا تېپىك ئىپادىلىندۇ: ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقتىش ھەرىكىتى!

ختتاي ئۇيغۇر مىللىتىنى -ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال بولغانلىقى ئۇچۇن ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشمايدىغان بولغانلىقىدىن يوقاتماقچى بولىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ختتايدىن پەرقنى ساقلاپ قالغانلىقى -ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە زىمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى ئاساسقا ئىگە قىلالايدىغان بىردىنبىر كاپتىالى،چۇنكى ختتايغا ئايلانغان ئۇيغۇر ئۇيغۇرلۇق ئەمەس ختتايلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

تىل، مەدەنىيەت، ئېتىقاد،  بىئولوگىيەلىك پەرقلەر ئۇيغۇرلارنى ختتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ماھىيتىنى سلىشتۇرۇشتا بىۋاستە ھەم سۈزۈك بولغان ئەينەك بىلەن تەمىن ئەتكەن.ختتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى  ئادالەتسزلىك ماھىيتىنى  تۇنجى ۋە بىۋاستە ھس قىلغۇچى بولغان ئۇيغۇرلار -ئېقتسادى جەھەتتە نامرات، ئېتىقاد جەھەتتە ساختا،ھەربى جەھەتتە ئاجىز بولغان بىقوۋۇل دۇنيا ئنسانلىرىنىڭ ختتاي كاپىتالىغا بولغان ئشتىھاسنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا،ختاي بۇ ئادالەتسزلىكتە ئۇتۇق قازانغان چاغدا،ئنسانىەت ئۆزىنى ھايۋاندىن پەرقلىق دەپ شەرەپلىنىدىغان بارلىق قىممەتلىرى كۇلگە ئايلانغان بولىدۇ،پۈتۈن ئاجىزلار ئادالەتسزلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ،مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت تۇرۇقلۇق ئادالەتسزلىكنىڭ قۇربانى بولغانلار پەقەت  ئۆز تىرىشچانلىقى ئورنىغا باشقىلارغا تاينىشنى تاللىغان ھورۇن خەلقلەردۇر،بۇ قائىدە مەڭگۇ داۋام قىلىدۇ.ئەمما  ختتاينىڭ بۇ ئادالەتسز دىپلوماتىيەسىنىڭ مەغلۇبىيتى -ئنسانىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ غورۇرىغا باغلىق بولۇپ،بۇ غورۇر ئنسانىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى بولغان شەخسلەرگە ۋەكىللىك قىلغۇچى دۆلەتلەر تەرەققىياتقا پەقەت ئۆز كۇچىگە تاينىپ ئىرىشدۇ،دۇنيادا ھەقسز چۇشلۇك تاماق يوق دىگەن قائىدىگە ئەمەل قىلىش-ئادالەتسزلىكتىن ساقلىنىپ،غورۇر ۋە ئەركىنلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

 

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن