ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىلى: خىتاي  باش ئەلچىسىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم، جازا لاگىرلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلمىدى

ئاپتۇر: ئىقبال

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-27

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

 

6- نويابىر شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 196 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشقان  ب د ت كىشلىك ھوقۇق يىغىنىدا، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق 14 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ۋە خىتاينى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىپلىشىدىن كېيىن، قىسمەن سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي پارتىيەلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. تۈركىيەدىكى بەش چوڭ پارتىيەنىڭ بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسى (ياخشى پارتىيە) بۇلارنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. ئىيى پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرەل ئاقشەنەر خانىم بىر قانچە قېتىم پارتىيە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغانىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر مەسلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىيى پارتىيە مىللەت ۋەكىلى، شۇنداقلا تۈركىيە-خىتاي دوسىتلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى  فاخرەتتىن يۇكۇش ئەپەندى ئۇيغۇر مەسلىسىنى خىتاي ئەلچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشتا تىلغا ئالدى.

     بۈگۈن ئەتىگەن فاخرەتتىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ فېيىسبۇكىدا خىتاي باش ئەلچىسى بىلەن بولغان سۆھبىتىنى مۇنۇ شەكىلدە ھەمبەھىرلىدى:

ئالدىنقى كۈنى خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۈركىيە-خىتاي دوسىتلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گۇرۇپپا باشلىقىمىز ئەخمەت ئارسلاننىڭ باشچىلىقىدا ئۈچ پارتىيەدىن يەتتە كىشى خىتاي زىياپىتىگە داخىل بولدۇق.

زىياپەت جەريانىدا خىتاي بىلەن دۆلىتىمىز ئارىسىدىكى تىجارى مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق نۇرغۇن خۇسۇسىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ھەققىدە تەلەپ ۋە ئارزۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەنمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايلار شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، بىز شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان رايوندىكى  كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم .

بۇ سوئالىم بىر ئەندىكىش پەيدا قىلدى.

خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ مۇشۇ چاغقىچە تەبەسسۇم كەتمىگەن چىرايى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى. ئاندىن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلالمىدى، پەقەت كەسپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ كەتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى راھەت قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

« شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)» نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار بولغاچقا، ئاپتونوم رايوننىڭ باشلىقىنىڭ ئۇيغۇردىن سايلىنىدىغانلىقى، بىر رايوندىكى مىللىي نوپۇسنىڭ سانى %64 تىن يۇقىرى بولسا، ئۇ رايوننىڭ باشلىقىنىڭ يەرلىك مىللەتتىن سايلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئەلچىنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھىچ ئىشەندۈرگىچىلىكى يوق ئىدى.

ياۋروپا ۋە تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنىمۇ غەرەزلىك بېرىلگەن خەۋەرلەر دەپ يالغانغا چىقىرىشقا تىرىشتى. ئەلچى بۇلارنى دېگەن چاغدا چىرايى پات-پات ئۆزگىرىپ، ئاۋازى يۇقىرىلايتتى، قاراشلىرى ۋە ئاچچىقى، بىر جىنايەت پىسخىكىسى بىلەن قىلغان ھەرىكەتلىرى مېنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغانىدى.

فاخرەتتىن يۇكۇش ئەپەندى ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىنىڭ ئاخىرىغا  مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:

«بارلىقىمىز تۈرۈك بارلىقىغا ھەدىيە بولسۇن»-دەپ، تۈرك-ئىسلام دۆلىتىمىز خۇسۇسىدا دۇنيا تۈركلىكىگە ۋە ئىسلام دۇنياسىغا، ھەتتا ئىنسانلىققا ئىگە چىقىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان تۈركلۈكىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشى…

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن