لاگىردىن چىققان گۈلباھار خانىمنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن…

مەنبەسى: سۇمبۇلە ئازات

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2017-يىللارنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، ۋەتەندىكى بىر ساقچى دوستۇم ئۈندىدار ئارقا كۆرۈنىشى رەسىمىگە يۇقىرى بېسىملىق توك ئۇلانغان ئورالما سىم بىلەن قورشالغان يەھۇدىيلار جازا لاگىر كورپۇسلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ئۇ چاغدا «بۇ رەسىم نىمە رەسىمدۇ ؟» دەپ بىلمىگەن ئىكەنمەن. كىيىن لاگىرلار توغۇرلۇق خەۋەرلەر جىقايغانسىرى، يەھۇديىلار جازا لاگىرلىرى توغۇرلۇق كۆپ ۋىدىئو ، رەسىملەرنى كۆردۈم، ھەيران قالدىم، ئۇ دوستۇمنىڭ چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى مەن يەھۇدىيلار جازا لاگىرلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردە ئۇچراتتىم …..شۇندىن كېيىن كۆڭلۈمگە ۋەھىمە چۈشتى، قورقتۇم….ئۇخلىيالمىدىم

    

بارابارا لاگىرلار توغۇرلۇق ئۇچۇرلار ئاشكارلىنىشقا باشلىدى، خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ۋەتەندىن چىقىۋاتقان خەۋەرلەر يۈرەكنى ئېزەتتى. مەن بىلىمەن، بىز ئىگە بولىۋاتقان خەۋەرلەر ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ناھايىتى، ناھايىتى كىچىك بىر قىسمىئەمەلىي ئەھۋال بىز بىلگەندىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېغىر بولىشى مۇمكىن.

ۋەتەندە شۇنچىلىك ئىقتىدارلىق، ئەقىللىق قىزيىگىتلىرىمىز قالغان. ئۇلارنىمۇ چەتكە چىقىشقا رىغبەتلەندۈرگىنىمدە ، شۇ جەزبىدارلار « مەلۇماتلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ زىمىننى خىتتايغا تاشلاپ چىقىپ كەتسە، قالغان خەلق قانداق قىلىدۇ؟ » دىگەن ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈن خىتاي مەلۇماتلىقلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى لاگىرلارغا سولاپ بولدىبەلكىم مەن تۇنۇيدىغانلارمۇ لاگىردىدۇ….

لاگىردىن بىر ئاي بۇرۇن چىققان گۈلباھار ھەدىمىزنىڭ ئەسلىمىلىرىنى كۆز ياشلىرىم بىلەن ئاڭلاپ تۈگەتتىم. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى 2 نۇقتا، بىرى: ئوكۇل ئۇرۇپ مەڭگۈلۈك ئۇخلىتىپ ئۆلۇم جازاسى ئىجرا قىلىش. يەنە بىرى: لاگىر سىرتىدىكى تۇتۇلمىغان  كىشىلەرنىڭمۇ «بىزنىمۇ ھامان تۇتىدۇ» دەپ ئىشىنىشى

بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇ قەيسەر ، ئاق كۆڭۇل خەلىقىمنىڭ ئېغىر بېسىم، تەھدىت ئاستىدىمۇ ئۆزىدە بار بولغان ھاياتنى ئامال بار قەدىرلەپ ياشاۋاتقىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

ئەمما ۋەتەن سىرتىدىكى بىزلەرچۇ؟ بىزدە «بىزنى قاچان لاگىرغا ئەكىرەر» دەيدىغان ئەندىشە يوق. بىز كوچىلاردا ئەركىن ماڭىمىز، دوقمۇشدوقمۇشلاردا تۇتىۋىلىپ سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن خالىمىز، بىزنى كۈزۈتۇپ تۇرىدىغان كامىرا يوق، يەيدىغان نەرسىلىرىمىزدە شۈبىھ يوقسۇلىرىمىزغا بىر نەرسە ئارلاشتۇرۋەتكەنمىدۇ دەپ ئەنسىرمەيمىز، كېچىسى ئۆيىمىزدىن بىزنى ھىچكىم ئويغىتىپ تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ، توردىن نىمە كۆرگىمىز كەلسە شۇنى كۆرىمىز، نىمە ئوقىغىمىز كەلسە شۇنى ئوقۇيمىز. لاگىرلاردىكىدەك 5.5 مىتىر ئۇزۇنلۇق، 2-3 مىتىر كەڭلىكتىكى يەردە نۆۋەتلىشىپ يېتىپ ئۇخلىمايمىز، يۈزكۆزىمىزنى خالىغانچە يۇيۇپ مۇنچىغا چۈشەلەيمىز، پىتلاپ كەتمەيمىز، خەقنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىپ ئولتۇرۇپقوپۇشقا ۋە سەكرەشكە مەجبۇرلانمايمىز، تويغۇچە تاماق يەپ، سۇ ۋە ھەر خىل شەربەتلەرنى ئىچەلەيمىز……بۇ سېلىتۇرمىلارنى سۆزلەپ تۈگىتەلمەيمەن. ئۆزەمنى ۋەتەندە قالغانلار بىلەن سېلىتۇرۇپ بەك ياخشى تاماق يىيىشتىن، يېڭى كىيىم كىيىشتىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىممەندە ئۇلارنىڭ ھەققى بار

ئەمما بىز ۋەتەندە قالغان شۇ قەۋمىيقېرىنداشلىرىمىزئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردۇق؟ نىمە قىلۋاتىمىز؟

مەن ئىشىنىمەن، مەيلى لاگىردىكى، مەيلى لاگىر سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ۋەتەن سىرتىدىكى بىزلەردىن چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ. گۈلباھار جېلىل ھەدىمىزگىمۇ لاگىردىكى ھەمراھلىرى لاگىردىن چىققاندىن كىيىن لاگىردىكى ئىشلارنى چەت ئەلدە ئوچۇق سۆزلەشنى تاپىلىغان ئىكەن. شۇڭا چەت ئەلدىكى ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي ۋە قەۋمىيقېرىنداشلىق بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن