كەلگۈسى 100 يىل- ئامېركا ئىستراتېگىيسى

ئەسلى ئاپتۇرى: جورج فىرىدمەن

نەشىر قىلىنغان ۋاقتى: 2009-يىلى

تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلې

 

 

ئامېرىكا ھەرىكەت ھالىتىنىڭ چوقۇم بىلىشىمىزگە تېگىشلىك بولغان ھەرىكەت نۇقتىلىرى بار. يەنى ئامېرىكا تاشقى سىياسەت يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان بۈيۈك ستىراتېگىيىسى (دۆلەت ئاساسىي سىياسىتى ) بار. ئامېرىكىنىڭ 11 – سېنتەبىر ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسى مەنىسىزدەك تۇيۇلىشى، قارىماققا ئەھمىيەتسىزدەك كۆرۈنىشى مۇمكىن. ئۇ مالىمانچىلىق پەيدا قىلغاندەك ۋە ئاچچىققا پايلىماي مەقسەتسىز ئېلىپ بېرىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەكتىدە باشقا مەقسەتلەر ياتماقتا. بىر قەدەم چىكىنىش ۋە تەييارلىق قىلىش مەلۇم مەقسەتنى ئىپادىلەيدۇ.

سىياسەت كار قىلمىغاندا بۈيۈك ستىراتېگىيە ئۆزى رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. فرانكلىن روزۋېلتنىڭ 1940 – يىلى ئۈچىنچى قېتىملىق سايلامغا قاتناشمىغانلىقىنى پەرەز قىلىڭ. ياپۇنىيە ۋە گىرمانىيە بۇ سەۋەپتىن باشقىچە مۇئامىلە قىلامىتى؟ ئا ق ش غەربىي تىنچ ئوكياندا ياپۇن ھۆكۈمرانلىقىغا باش ئىگەتتىمۇ؟ ئا ق ش ئەنگىلىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئىتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ دېڭىز ئارميىسىنى گىرمانىيەگە تاشلاپ بېرەتتىمۇ؟ تەپسىلاتلار پەرقلىق بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئا ق ش نىڭ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقىنى ياكى ئۇرۇشنىڭ ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەكمۇ قېيىن. مىڭلىغان ئىنچىكە نوقتىلار بىر بىرىدىن پەرقلىق بولىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئۇرۇشقا ئەڭ كەڭ دائىرىدىن قارالغاندا، بۈيۈك ستىراتېگىينىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى كونتىرول قىلىشتىن باشقا بىر سىياسەتكە يۈزلىنىشى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولامدۇ؟ ئا ق ش شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلمىغان بولۇپ، سوۋېت ئارمىيىسى ناھايىتى چوڭ ۋە كۈچلۈك ئىدى. ئا ق ش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي ياۋروپانى بېسىۋېلىشىغا يول قويمايتتى. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى غەربىي ياۋروپانىڭ سانائىتىنى كونتىرول قىلىۋالسا، ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆرەش بىلەن ئۇنى ھەرگىزمۇ يەڭگىلى بولمايتتى. كونتىرول قىلىش باشقا بىر تاللىشى يوق سىياسەت. بۇ ئامېرىكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆرسەتكەن بىردىنبىر ئىنكاسى ئىدى.

ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۈيۈك ستىراتېگىيىسى بولىدۇ. لېكىن، بۇ بارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ستىراتېگىيلىك مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. لىتۋانىيەنىڭ مەقسىتى باشقىلارنىڭ ئىشغالىدىن قۇتۇلۇش. لېكىن، ئۇنىڭ ئىقتىسادى، نوپۇسى ۋە جايلاشقان ئورنى ئۇنىڭ مەلۇم مەزگىللەرنىڭ سىرتىدا بۇ مەقسىتىنى ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئا ق ش، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ستىراتېگىيلىك مەقسەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقى بۇ تىرىشچانلىققا قارىتا يېتەرلىك دەرىجىدە تەييارلىققا ئىگە.

بىر دۆلەتنىڭ بۈيۈك ستىراتېگىيسى ئۇنىڭ خەلقىنىڭ د ن ئا ( قېنىغا ) سېڭىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنداق تەبىئىي ۋە روشەن ھالدا كۆرۈنىدىكى، سىياسەتچىلەر ۋە گىنېراللار ئۇنى بايقىيالمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەنتىقى خىيالى بىر رىئاللىق بىلەن زىچ كىرىشىپ كەتكەن دېسەكمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ. جۇغراپىيۋى سىياسەت نوقتىسىدىن قارىغاندا، بىر دۆلەتنىڭ بۈيۈك ستىراتېگىيسى ۋە بىر دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە يول كۆرسىتىۋاتقان مەنتىق ئايدىڭلاشماقتا.

بۈيۈك ستىراتېگىيە ھەردائىم ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمايدۇ. ئۇ دۆلەت كۈچىنى ھاسىل قىلىدىغان پۈتۈن ئامىللار توغرىسىدا بولىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا بۈيۈك ستىراتېگىيىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر – بىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە بولىدۇ. ئا ق ش تارىخىي نوقتىدىن قارىغاندا ئۇرۇشخۇمار دۆلەت.

ئا ق ش بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئۆمرىنىڭ ئون پىرسەنتلىك قىسمى ئۇرۇش بىلەن ئۆتتى. بۇ ستاستىك پەقەت چوڭ ئۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 1812 – يىلىدىكى ئۇرۇش، مېكسىكا – ئامېرىكا ئۇرۇشى، ئىچكى ئۇرۇش، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى، چاۋشيەن ئۇرۇشى، ۋېتنام ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە ئىسپانىيە – ئامېرىكا ئۇرۇشى ياكى چۆل بورىنىغا ئوخشاش كىچىك توقۇنۇشلار ھېسابقا ئېلىنمىدى. 20 – ئەسىردە ئامېرىكىنىڭ 15 پرسەنت ۋاقتى ئۇرۇش بىلەن ئۆتتى. 20 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، بۇ نىسبەت 22 پرسەنت بولدى. 21 – ئەسىرنىڭ بېشىدا، ئا ق ش داۋاملىق ئۇرۇش ھالىتىدە بولدى. ئۇرۇش ئامېرىكا تەجرىبىسىنىڭ مەركىزىدە يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ چاستوتىسى داۋاملىق ئىزدەنمەكتە. بۇ ئامېرىكا مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئامېرىكا جۇغراپىيۋى سىياسىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇنىڭ مەقسىتى روشەن ھالدا بىلىنىشى كېرەك.

ئامېرىكا ئۇرۇشتىن تۇغۇلغان ۋە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىۋاتقان سەپىرىدە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. نورۋېگىينىڭ بۈيۈك ستىراتېگىيسى ئۇرۇشتىنمۇ بەكىرەك ئىقتىسادى پاراۋانلىق توغرىسىدا بولىشى مۇمكىن. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ ستىراتېگىيلىك مەقسەتلىرى ۋە بۈيۈك ستىراتېگىيە مەنبەسى ئەندىشە بولۇپ، باشقا كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرمۇ مۇشۇ شەكىلدە ستىراتېگىيلىك پىلانلىرىنى تۈزمەكتە. رىم دۇنيانى ئىستىلا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلمىغان. ئۇ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىمپېرىيىگە ئايلاندى. ئا ق ش 1812 – يىلى ئۇرۇشىدا، دەسلەپتە ئىنگىلىزلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىق ۋە مەغلۇب بولماسلىقتىن ئىبارەت چۈشەنچىگە ئىگە ئىدى. لېكىن ھەر بىر ئەندىشىنى يەڭگەندە، يېڭى ئاجىزلىقلار ۋە يېڭى ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دۆلەتلەر ئىگە بولغانلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئەندىشىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئەندىشە ئۇقۇمىنى يېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئامېرىكا، بۈيۈك ستىراتېگىيسىگە ئاساسەن بەش جۇغراپىيۋى سىياسەت نىشانىغا ئىگە. بۇ نىشانلار چوڭلۇق، قېيىنلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تىزىلدى.

 

مەنبە: http://www.mysearch.org.uk/website1/pdf/715.2.pdf

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن